ئانا سەھىپەپەسىل ۋە كۈتۈنۈشقىش پەسلىقىش پەسلىدە قانداق ئوزۇقلانسا مۇۋاپىق؟

قىش پەسلىدە قانداق ئوزۇقلانسا مۇۋاپىق؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈتۈنۈشنىڭ ئەپچىل چارىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ساغلام كىشىىك ھاياتقا قۇچاق ئاچايلى.

قىشنىڭ باشلىنىشى يەنى ھاۋانىڭ كۈندىن-كۈنگە سوغۇق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قەھرىتان سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كىشىلەر كىيىم ـ كېچەك ۋە يوتقان ـ كۆرپىلەرنى تەييارلاشتىن باشقا، يەنە ئۇزۇقلۇق تولۇقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئوزۇقلۇق تولۇقلاش خالىغانچە يېيىشنى ئەمەس، بەلكى مۇۋاپىق يېمەكلىكنى تاللاپ يېيىشنى كۆرسىتىدۇ.

باش قىشتىن كېيىن، يېمەكلىك ۋە ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، ئېنېرگىيە تولۇقلاپ سوغۇقتىن ساقلىنىش كېرەك.

قىش كەلگەندە كۆپچىلىك گۆشنى كۆپرەك يەپ «قۇۋۋەت تولۇقلاش»قا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، كالا گۆشى، قوي گۆشى، توخۇ گۆشى، ئۆردەك گۆشى، بېلىق، راك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

كۆكتاتقا كەلسەك، كۆپچىلىككە ئىككى خىل ئەرزان ھەم ئۈنۈملۈك بولغان − تۇرۇپ بىلەن يېسسىۋېلەكنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. يەنى ئاق تۇرۇپ ئىشتىھانى ئېچىپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، يەلنى ھەيدەپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ، يەنە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. يېسىۋېلەك تەركىبىدە مول يىرىك تالا بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، گۆش تۈرىدىكىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باش قىشتا بۆرەكنى ئاسراشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، قىشتا بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ ئاسان زىيانغا ئۇچرايدۇ. بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئاسانلا روھسىزلىنىش، سوغۇقتىن قورقۇش، بەل، دۈمبە ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا ئېغىرلىشىپ، كۆڭۈل ئېلىشىش، قىزىش، قۇلاق غوڭۇلداش، قۇلاق گاس بولۇش، ئېغىز قۇرۇش، تىل قۇرغاقلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قىش پەسلىدىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن تۇز قوبۇل قىلىشنى ئازايتىپ، بۆرەكتە سۇنىڭ زىيادە كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن، پىچەكگۈل، قارا قېرىنقۇلاق، ئالقات، قارا كۈنجۈت، قارا گۈرۈچ قاتارلىقلار.

ئوزۇقلۇق تولۇقلاش پەقەت كۈتۈنۈشنىڭ بىر تەرىپى، نوقۇل ھالدا «ياخشى يېيىش» كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە ياخشى ئۇخلاش، ياخشى ھەرىكەت قىلىش، كەيپىياتى ياخشى بولۇش كېرەك.

بالدۇر ئۇخلاپ ئەتىگەن تۇرۇش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن، بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئەڭ ياخشىسى ئۆي ئىچىدە ئوكسىگېنلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك، مەسىلەن، يوگا، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىقلار؛ كەيپىيات جەھەتتە، «قىشلىق ساقلىقنى ساقلاش»تا روھىي جەھەتتىكى تىنچلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ناچار كەيپىياتنى تەڭشەش ۋە چىقىرىپ تاشلاش، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى تىزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىش. ئاپتاپقا قاقلىنىش بەدەندىكى خولېستېرىننى ۋىتامىن D غا ئايلاندۇرۇپ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، سۆڭەك شالاڭلىشىش، پۈتۈن بەدەن ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىشكە پايدىلىق؛ ئاپتاپقا قاقلىنىش يەنە بەدەندىكى تېرە قىل قان تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى ئەزالاردىكى يەل ۋە قاننى تەڭشەش، تال ۋە ئاشقازاننىڭ سوغۇقىنى ھەيدەش، قۇۋۋەت تۇلۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

بىراق كۆپچىلىكنىڭ قۇۋۋەت تۇلۇقلاش بىلەن بىللە، «ئۆلچەم» نى ياخشى ئىگىلىشى، بولۇپمۇ ھەر خىل گۆشلەرنى ۋەكىل قىلغان يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەردە يۇقىرى ماي بولۇپ، ئاسانلا سېمىزلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆپچىلىك قۇۋۋەت تۇلۇقلايمىز دەپ قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىق مۇۋاپىق تولۇقلاش تەكلىپىنى بېرىمىز.

ئەمما قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان قورۇمىلارنى ياخشى تەتقىق قىلىشقا ۋاقتى يوق دوستلار بەلكىم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاپ سىناپ بېقىشى مۇمكىن. بىز كۆپچىلىككە قىش كۈنلىرى ساغلاملىق يېمەكلىكى سېتىۋالغاندا، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارى بارلىقىنى ئالدىن ئويلىشىش تەكلىپى بېرىمىز. مەسىلەن، توشقان زەدىكى، ئامېرىكا ئادەمگىياھى، قىزىل مېھرىگىياھ قاتارلىق تەركىبلەر بولغان ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، ئىسپېرمىنى كۆپەيتىش، روھىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، قۇۋۋەتنى تولۇقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ، بۇ باش قىش پەسىلدىكى ياخشى تاللاشتۇر.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/11114562.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ