تۇخۇمداننىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۇسۇللار
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
1. ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش
ئادەتتە كالا سۈتى، بېلىق، راك قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنە جىنسىي ھورمۇننىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان قېرىشنى پەسەيتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش رولىغا ئىگە جۇڭيى دورىلىرىنى ئىچسە بولىدۇ.
2. تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى (يۇپۇرماق كىسلاتاسى) مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك
فولىك كىسلاتاسى يېشىل كۆكتات ۋە ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەردە مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشكە بولىدۇ.
ھامىلادارلىققا تەييارلىق مەزگىلىدە ۋە ھامىلادارلىق مەزگىلىدە فولىك كىسلاتاسىنى تولۇقلاپلا قالماستىن، ئادەتتىمۇ فولىك كىسلاتاسى بار يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، تۇخۇمدان راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، تۇخۇمداننى ئاسراشتىمۇ ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ.
3. تۆمۈر ماددىسىنى كۆپرەك تولۇقلاش
تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەردىن پالەك، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىقلار بار.
ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن، ئاسانلا قان ئازلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ قان ئازلىقنى پەسەيتىشكە پايدىلىق، ھەيزدىن ئىلگىرىكى يىغىندى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. تۆمۈر ماددىسى بالىياتقۇنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ھامىلىدارلىققا ياردەم بېرىدۇ.
4. كۆپ چېنىقىپ بېرىش
ھەركۈن رېتىملىق شەكىلدە چېنىقىپ بەرسە، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئورۇقلىتىش، ماينى يوقىتىش رولى بار، نورمالدا دالادا چېنىقىش تەۋسىيە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھەركۈنى مەيلى ئۆي ئىچىدە بولسۇن ياكى سىرتتا بولسۇن، رېتىملىق چېنىقىپ بېرىش كېرەك. چېنىقىش بىلەن ساغلام نەپەس رىتىمى ماسلاشتۇرۇلسا، بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەشكىمۇ ياردىمى بولىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17923450.shtml