قىشتا بوۋاقلارنى ھىم زاكىلىماڭ

0
427
قىشتا بوۋاقلارنى ھىم زاكىلىماڭ

قىش پەسلىدە نۇرغۇن ئاتا – ئانا بوۋىقىغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئۆيدە ياكى سىرتتا بولسۇن بالىنى ھىم زاكىلايدۇ .

بوۋاقلارنى بەك ھىم زاكىلىغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاپ كېتىپ ‹‹قىزىش يىغىندى كېسەللىكى›› پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹‹قىزىش يىغىندى كېسەللىكى››نىڭ ئالامىتى زۇكامغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ ، قىزىش ، قۇسۇش ، ھەتتا تارتىشىپ قېلىش ، ھۇشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ .

چۈنكى بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزىنىڭ ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا ، بەش ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ سىرتقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىغا ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر تۆۋەن . ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىشى يۇقىرى ، تەرلەپ ئىسسىقلىق تارقىتىشى ئاستا بولۇپ ، ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇش بىلەن تارقىلىشنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە ئاسانلا يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەيدا قىلىدۇ .

ئەگەر بوۋاقلار قىزىسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا قىش پەسلىدە بوۋاقلار ئۈچۈن ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 22 سىلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا كونتورل قىلىش ، بوۋاقلارغا كۆپ كىيىم كىيدۈرمەسلىك كېرەك . بوۋاقلارنىڭ باش قىسمىدا قان تومۇرلار كۆپ بولغاچقا بوۋاقلارنىڭ بېشىنى ئىسسىق ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم ، ھاۋا ياخشى كۈنلەردە بوۋاقنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ شامالدىتىپ تۇرۇش كېرەك .

مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here