ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇققىشتا قارا ئاشلىقنى مۇنداق يېسە سەمرىمەيدۇ ھەم قۇۋۋەتلىك بولىدۇ

قىشتا قارا ئاشلىقنى مۇنداق يېسە سەمرىمەيدۇ ھەم قۇۋۋەتلىك بولىدۇ

قىش پەسلىدە كىشىنىڭ ئاسانلا ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتىدۇ، شۇڭا بەزى كىشىلەرھەمىشە قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلىدۇ. ھەقىقەتەن، قىشتا ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەن شەكلىنىمۇ ساقلاش كېرەك، ئۇنداقتا، بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكىزىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ قارا ئاشلىقنى بىر قىسىم ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

ئەمەلىيەتتە، تەڭ مىقداردىكى قارا ئاشلىق بىلەن ئاق ئاشلىقنىڭ تەركىبىدىكى ئېنېرگىيە مىقدارى ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن قارا ئاشلىقنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، يېمەكلىك تالالىرىنىڭ مىقدارى يۇقىرى، قارا ئاشلىق يېگەندە ئاسانلا تويۇش تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ،بەزىلەر بىر كۈندە بەش سەر ئاق ئاشلىق يېيىشى مۇمكىن، ئەمما قارا ئاشلىقنى ئىككىسەر يېسىلا كۇپايە قىلىدۇ.

قارا ئاشلىق يېيىشنىڭ بىر خىل ئاددىي ئۇسۇلى قارا ئاشلىق ئۇمىچى ئىچىش. كۆپ خىل قارا ئاشلىقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، كۆممىقوناق سۇلۇ ئۇمىچى. كۆممىقوناق تەركىبىدە راكقا قارشى تۇرغۇچى بىر خىل فاكتور _گىلۇتاتىئون بار، ئۇ راك پەيدا قىلغۇچى ماددىنى كونترول قىلىپ، زەھەرنى تازىلاپ،ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ. كۆممىقوناق تەركىبىدە يەنە سېلېن ۋە كالتسىي بار، سېلېن بەدەندىكى ئوكسىدلارنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدۇ. سۇلۇ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، سۇدا ئېرىيدىغان ئېرىشچان تالامۇ، سۇدا ئېرىمەيدىغان ئېرىمەس تالامۇ بار. ئېرىشچان تالا ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتتىن قوبۇل قىلىدىغان خولېستېرىن، ياغ ۋە شېكەرنى ئازايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئېرىمەيدىغان تالالار ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، چوڭ تەرەتنى شەكىلگە كەلتۈرۈپ، ئاسانلا تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. قەۋزىيەت، ئۈچەي يولى ياللۇغى ھەتتا ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ. ئۇماچ قايناتقاندا 25 گىرام كۆممىقوناق يارمىسى بىلەن 25 گىرام سۇلۇ يارمىسىنى قوشۇپ قاينىتىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە، نىسبەتنى تەڭشىسىمۇ بولىدۇ.

ئەگەر دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسىڭىز، مۇمكىنقەدەر نوقۇل ھالدا ئۇماچ ئىچمەڭ، ئاۋۋال باشقا ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ، ئاندىن يېرىم قاچا ئۇماچ ئىچسىڭىز بولىدۇ. تاماق يېگەندە قۇرغاق، سۇيۇقنىماسلاشتۇرۇش، شۇنداقلا «قۇرغاق»نى ئالدىدا يېيىش كېرەك.

​ (بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچىيۈ كاڭ)

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: ئابدۇۋەلى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-12-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-04-23 / 09:52:17

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ