سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ھازىر يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىمۇ بارغانسېرى ياشلىشىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا كۆزئەينەك تاقاشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن ھازىر نۇرغۇن بالىلار يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟
1. توغرا بولمىغان ئولتۇرۇش قىياپىتى ۋە كۆز ئىشلىتىش ئادىتى
ھازىر بالىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى بەك ئېغىر، ھەر كۈنى ئۇزاق ۋاقىت كىتاب كۆرۈپ ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما كىتاب كۆرۈپ ئۆگىنىش قىلغاندا، بالىلارنىڭ توغرا ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلىيالىشى ناھايىتى تەس، بۇنداق بولغاندا ئىككى كۆز ئوخشاش بىر تەكشىلىكتە بولمايدۇ، كىتابتىكى خەتلەرنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن، بالىنىڭ كىتاب بىلەن بولغان ئارىلىقى بارغانسېرى يېقىنلىشىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. توغرا بولمىغان ئولتۇرۇش ھالىتىدىن باشقا، توغرا بولمىغان كۆز ئىشلىتىش ئادىتىمۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.
2. ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىنى زىيادە ئىشلىتىش
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن بالىلارمۇ يانفون ئىشلىتىدىغان بولدى. كۆپ ساندىكى كىچىك بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بىرقەدەر ناچار بولۇپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغا بېرىلىپ كېتىدۇ، ھەتتا تۈنەپ ئويۇن ئوينايدۇ. بۇنداق ناچار ئادەت ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. دالا ھەرىكىتى كەمچىل بولۇش
ھازىرقى كىچىك بالىلار ھەر خىل ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى خالىغانچە ئوينىيالايدۇ، سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشنى ئەسلا خالىمايدۇ. بۇنداق ئادەتلەر سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، كۆرۈش قۇۋۋىتىگىمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوق، دائىم ھەرىكەت قىلمىغاندا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، ئوخشاشلا كۆزنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، بەزى كۆز كېسەللىكلىرى ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەيلى بالىلار يىراقنى كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇلارغا ياخشى بولغان كۆز ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەمدە توغرا ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17676735.shtml