ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك

ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەزى ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھالبۇكى، تاتلىق يېمەكلىك زىيادە ئىستېمال قىلىنسا، سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ، بەزى كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك

1 . چاچقا بالدۇر ئاق كىرىدۇ. 50 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېگەندە، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، چاچ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەنت كىسلاتالىق يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەن سۇيۇقلۇقىنى نېيترال ياكى ئاجىز كىسلاتالىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ھۈجەيرىلەرنى قېرىتىپ، چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

2 . كۆرۈش نېرۋىسى يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كېسەلنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ بولىدۇ، ئەمما ۋىتامىن B1 نىڭ كەملىكى ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋىتامىن B1كۆرۈش نېرۋىسىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم ماددا. قەنت بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا كۆپلەپ ۋىتامىن B1 نى سەرپ قىلىدۇ. شۇڭا تاتلىق يىمەكلىكنى ئۇزاق ۋاقىت كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ ‹‹ ئوزۇقلۇق كەملىك ›› كە سەۋەب بولۇپ، كۆرۈش نېرۋىسى يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3 . سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەنت بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا نۇرغۇن ئارىلىق مەھسۇلاتنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: پايرۇۋىك كىسلاتاسى، سۈت كىسلاتاسى قاتارلىقلار. بۇنداق ماددىلار بەدەننى كىسلاتالىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بەدەندىكى ئىشقارلىق ماددىلار(كالتسىي، ماگنىي)نى خورىتىدۇ، بۇ كالتسىي كەملىكتىن بولىدىغان سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4 . ئۆتتە تاش پەيدا قىلىدۇ. 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش ئېھتىمالىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. چۈنكى، زىيادە ئىستېمال قىلىنغان قەنت ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى كۆپەيتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى خولېستېرىن، ئۆت كىسلاتاسى ۋە لېتسىتېننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېشىنچا قەنت ئۆزلۈكىدىن ياغقا ئايلىنىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم سېمىز بولسىلا ئۆتتە چوقۇم تاش شەكىللىنىشى ناتايىن، ئەمما ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللاردا سېمىزلىك ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش بىۋاسىتە قەنت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئۇزاق مۇددەت زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى كۆپەيتىپ، قەنت ۋە ياغنىڭ ماددا ئالمىشىش جەريانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىچكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدۇ. نەتىجىدە، ھەر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر (مەسىلەن: يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى كېسىلى، قەنت كېسىلى، سېمىزلىك، كۆزگە ئاق چۈشۈش) نى پەيدا قىلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-01 / 04:04:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ