ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقﺗﯚﺕ ﺧﯩﻞ ﻣﯧﯟﻩ ﺭﺍﻙ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ «ﻛﯜﺷﻪﻧﺪﯨﺴﻰ»

ﺗﯚﺕ ﺧﯩﻞ ﻣﯧﯟﻩ ﺭﺍﻙ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ «ﻛﯜﺷﻪﻧﺪﯨﺴﻰ»

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى, نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۆۋەندىكى تۆت خىل مېۋە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ «كۈشەندىسى» بولۇپ, ئادەتتە كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.

1. مايمۇن شاپتۇلى

مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەمى ئالاھىدە بولۇپ, تەركىبىدە مول ۋىتامىن C بار. دائىم مايمۇن شاپتۇلى يەپ بەرگەندە, بەدەندىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ ھاسىل بولۇشىنى توسۇپ, راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدىكى گلۇتاتىئون ئورگانىزمدىكى بىر قىسىم راكقا ئۆزگەرگەن گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق بولۇپ, بىر قىسىم ئۆپكە راكى, جىگەر راكى كېسەللىكلىرىگە قارىتا بەلگىلىك ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.

 

2. نەشپۈت

ئادەتتە نەشپۈتنى كۆپ يەپ بەرسە, يۆتەلنى پەسەيتىش, بەلغەمنى بوشىتىش رولىنى ئوينايدۇ, پەسىل ئالماشقاندا ياكى قىش پەسلىدە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ, سوغۇق شامالنىڭ غىدىقلىشى ياكى باكتېرىيە, ۋىرۇسلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ, زۇكام, قىزىش, يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يۆتەلگەندە, ئادەتتە نەشپۈت يەپ بەرسە, كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. نەشپۈت تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە كاروتىن قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ, راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش, راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

 

3. ئۈزۈم

ئۈزۈمنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ, نۇرغۇن كىشىلەر ئۇرۇق-تۇغقان ياكى دوستلىرىنى يوقلاپ بارغاندا ئۈزۈم سېتىۋالىدۇ, تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە, ئۈزۈمدە بەلگىلىك سىئانىدىن بار بولۇپ, ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى باركەن ھەم بەدەندىكى ئارتۇقچە ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ, بەدەنگە تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاشقا پايدىلىق ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا دائىم ئۈزۈم يەپ بەرسە, بەدەندىكى ئارتۇقچە ماي تەركىبىنى يوقىتىپ, قاندىكى ماينى تۇراقلاشتۇرۇپ, يۈرەك, مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى شۇنداقلا راكقا قارشى تۇرغىلى بولىدۇكەن.

 

4. ئۆرۈك

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆرۈك يېسە ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ, دەيدۇ, لېكىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم كىشىلەر دائىم ئۆرۈك يەپ بەرسە, راك ھۈجەيرىلىرىگە نىسبەتەن مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە, ئۆرۈك تەركىبىدە مول ۋىتامىن B ۋە ۋىتامىن B17 قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ, ھەممىسىنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار, شۇڭا ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ ئۆرۈكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
5
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-03-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-03-26 / 04:28:57

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ