ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرسۈيدۈك يولى بۆرەك كېسەللىكلىرىقۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ «سىيگەك»لىكىنى قانداق داۋلايمىز؟

قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ «سىيگەك»لىكىنى قانداق داۋلايمىز؟

نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن بۇ ماقالىدە كۆپچىلىككە پات-پات سىيىش، جىددىي سىيىش، تولۇق سىيەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، قايسى ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز؟

قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ «سىيگەك»لىكىنى قانداق داۋلايمىز؟

1. چوڭلاردىكى «سىيىش» كېسىلى مۇنداق ئۈچ خىل بولىدۇ

1) پات-پات سىيىش

سانلىق مەلۇمات ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، نورمال ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىنىڭ كۈندۈزى سىيىش قېتىم سانى ئادەتتە 3-4 قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن، كېچىسى سىيىش قېتىم سانى ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. ئەگەر ئادەم بەدىنىنىڭ كۈندۈزى سىيىش قېتىم سانى توققۇز قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە، كېچىدە سىيىش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئاساسەن سىيىش قېتىم سانى كۆپ دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. دائىم سىيىشنىڭ يېمەك-ئىچمەك بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار، ئەگەر تۇرمۇشتا تاۋۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ياكى كۆپ مىقداردا ئىچىملىك، چاي ياكى پىۋا ئىچسە، بۇلارنىڭ ھەممىسى پات-پات سىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2) سۈيدۈك قىستاش

سۈيدۈك قىستاشتا ئادەم بەدىنىدە سۈيدۈك قىستاش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا تازىلىق ئۆيىگە بېرىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا ئىشتانغا سىيىشتەك ئوڭايسىز ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرنىڭ بېسىمى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە ياكى كەيپىياتى بەك جىددىيلىشىپ كەتسە، سۈيدۈك قىستاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەھۋاللاردىن باشقا، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان سۈيدۈك يولى ياللۇغى ياكى دوۋساققا تاش چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەردىمۇ سۈيدۈك قىستاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، دائىم سۈيدۈك قىستاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، سۈيدۈك قىستاش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ھەمدە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

3) كىچىك تەرەت تولۇق بولماسلىق

سۈيدۈكنىڭ تولۇق بولماسلىقىمۇ سۈيدۈكنىڭ نورمالسىزلىقىنىڭ بىرى. ئەگەر ئادەم بەدىنى سۈيدۈكنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلماي، ئەكسىچە دوۋساق ئىششىپ قالغاندەك ھېس قىلسا، ئۇنداقتا بۇ خىل ئەھۋال «سۈيدۈك تۈگىمەسلىك» دەپ ئاتىلىدۇ. سۈيدۈك تولۇق بولماسلىق دوۋساق ياللۇغىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل ھادىسە بولۇپ، دوۋساق ياللۇغنىڭ غىدىقلىشى بىلەن نېرۋىلار ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ، سۈيدۈك تولۇق چىقمىغاندەك سېزىم پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، بىمار روھىي ھالىتىنى توغرىلاپ، ئاندىن دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياللۇغقا قارشى تۇرۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

 

2. قايسى داۋالاش ئۇسۇللىرى بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك؟

1) پىسخىكىلىق كاشىلىنى تۈگىتىش

سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولۇش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك تولۇق كەلمەسلىكنى كۆپىنچە روھىي ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىدۇ، تەشۋىشلىنىش ھالىتى ئاسانلا تەرەت قىلىش خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. روھىي ئامىل سەۋەبىدىن پات-پات سىيىش، جىددىيلىشىش، سىيىش تولۇق بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، بىمار ئۆزىنىڭ پاسسىپ كەيپىياتىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى، ئەگەر پاسسىپ ئەھۋال ياخشىلانسا، مۇقىملىقنى ساقلىشى كېرەك. ئۇنداقتا پات-پات سىيىش، جىددىي سىيىش، تولۇق سىيىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەيدۇ.

2) ئىچىدىغان سۇ مىقدارىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش كېرەك

سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولۇش بىلەن سۈيدۈك قىستاش ئادەتتە ئىچىدىغان سۇ مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىماردا بۇ خىل ئەھۋال سەۋەبىدىن سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولۇش، سۈيدۈك قىستاش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئىچىدىغان سۇ مىقدارىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ياخشىلاش كېرەك. ئەگەر بۇ خىل ئۇسۇلنى داۋاملاشتۇرغىلى بولسا، ئۇنداقتا بىمارنىڭ پات-پات سىيىش ۋە جىددىي سىيىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ.

3) مەلۇم كېسەلگە قارىتا داۋالاشنى قانات يايدۇرۇش

نۇرغۇن كىشىلەر پات-پات سىيىش، جىددىي سىيىش، تولۇق سىيىش بىر خىل كېسەللىك ئەمەس دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئادەتتە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كېسەللىكلەر تەرەققىي قىلىش جەريانىدا بۇ ئۈچ خىل ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ دىيابېت كېسىلى ۋە مەزى بېزى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەردىمۇ پات-پات سىيىش، جىددىي سىيىش ۋە سۈيدۈك تولۇق كەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر راستىنلا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا، ئۇنداقتا بىمار ۋاقتىدا كېسەلگە قاراپ داۋالىنىشى كېرەك.

3. ئاياللارنىڭ «سىيىش كېسىلى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر

1) سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش

ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى ئادەتتە بىر قەدەر قىسقا بولۇپ، مەقئەتكە يېقىن كېلىدۇ. بۇ ئورۇنلاردا نۇرغۇن مېتابولىزم ھاسىلاتلىرى بولغاچقا، يەنە كېلىپ ئۇزاق مۇددەت نەم، دىمىق ھالەتتە تۇرغاچقا، ناھايىتى ئاسانلا كۆپ مىقداردا باكتېرىيە پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، باكتېرىيە سۈيدۈك يولىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ئاياللاردا سۈيدۈك يولىغا قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىدۇ ھەمدە سۈيدۈك قىستاش، پات-پات سىيىش، سۈيدۈك تولۇق كەلمەسلىك ۋە سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

2) بالىياتقۇ تۆۋەنلەپ كېتىش

بالىياتقۇنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئادەتتە بالىياتقۇنىڭ نورمال ئورۇندىن چىقىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بالىياتقۇسى تۆۋەنلەيدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاياللاردا دوۋساق ۋە سۈيدۈك يولى كۆپۈش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ھادىسە ئاياللاردا سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش، سىيىش قىيىنلىشىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر دىققەت قىلمىسا، ئاسانلا سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پات-پات سىيىش، جىددىي سىيىش قاتارلىق بىر قاتار نورمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3) بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ ىمى بىر قەدەر چوڭ بولسا ياكى كۆپ قوزغىلىدىغان بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىگە تەۋە بولسا، دوۋساق ۋە سۈيدۈك يولىنىڭ بېسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بىماردا پات-پات سىيىش، جىددىي سىيىش، تولۇق سىيىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاق خۇن، ھەيز نورمالسىزلىقى، قورساق قىسمى مونەكچىسى قاتارلىق بىر قاتار بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولسا، ھەتتا ئاياللاردا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش ياكى سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

4) يېمەك-ئىچمەك ۋە سۇ ئىچىش مىقدارى

ئەگەر ئاياللاردا كۆپ سىيىش، پات-پات سىيىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، باشقا ھېچقانداق بىئاراملىق كۆرۈلمىسە، بۇ ئادەتتە ئىچكەن سۇ مىقدارىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە سۇ تەركىبى بار يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، تەكىيە كاۋا، تەرخەمەك، پەمىدۇر، تاۋۇز قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، پات-پات سىيىش، جىددىي سىيىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كىچىك تەرەت تۇرمۇشتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان فىزىيولوگىيەلىك پائالىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەبىئىي ھالدا ئەخلەت توكسىننى ھەيدەيدىغان مۇھىم يول. سالامەتلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىشنى تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىشىمىز كېرەك.

مەيلى قانداق ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولۇش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك تولۇق كەلمەسلىك ئالامەتلىرى بولسۇن، ھەممىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۆزىدە بۇ ئۈچ خىل كېسەللىك ئالامىتى بارلىقىنى بايقىغاندا، چوقۇم بالدۇرراق داۋالىنىپ، بەدەندە باشقا زىيانلارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەك-ئىچمەك مىقدارى سەۋەبىدىن پات-پات سىيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت سۇ ئىچىش مىقدارىنى كونترول قىلسىلا بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/06/26653083.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-18 / 10:31:09

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ