ئانا سەھىپەخانىم قىزلارگۈزەللىكئاياللارنىڭ تېرىسىنى ئاسراشتىكى خاتا قاراشلار

ئاياللارنىڭ تېرىسىنى ئاسراشتىكى خاتا قاراشلار

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

كۈز ، قىش پەسىللىرىدە ئاپتاپتىن ساقلانماسلىق

نۇرغۇن ئادەملەر ‹‹ پەقەت يازدىلا ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلانسا بولىدۇ ، چۈنكى كۈز ، قىش پەسىللىرىدە ئىنفرا بىنەپشە نۇرى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس›› ، دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا قاراش . ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرىۋاتقان سەزگۈز تېرە قىسقا ۋاقىتتىكى كۈن نۇرىدا قاقلىنىشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي ، ئىنچىكە قىلدام تومۇرلار كېڭىيىپ يېرىلىدۇ .

ئاياللارنىڭ تېرىسىنى ئاسراشتىكى خاتا قاراشلار

ئىلمان سۇدا يۈز يۇيۇش

سەزگۈز ياكى نېپىز تېرىلەر ھەددىدىن ئىسسىق تېمپېراتۇرىنىڭ ئىنچىكە قىلدان قان تومۇرلارغا قان تولدۇرۇپقويۇشىدىن قورقىدۇ ، شۇڭا يۈز تېرىسى سەزگۈر ئاياللار قىش–يازنىڭ ھەممىسىدە سوغۇق سۇ بىلەن ، ھېچبولمىغاندا نورمال تېمپېراتۇرىلىق سۇدا يۈزىنى يۇيغان ياخشى .

تېرىنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتىنى چىقىرىۋېتىش

ھاۋا قۇرغاق كۈنلەردە ئەگەر سىزنىڭ يۈز تېرىڭىز قۇرغاقلىشىپ تېرە تاشلىسا ، ھەرگىزمۇ يىرىك ماددىلىق مۈڭگۈز قەۋىتىنى تازىلاش ئۇسۇلى بىلەن يۈز تېرىڭىزنىڭ ئۆلۈك تېرىسىنى تازىلىماي ، ئەڭ ياخشىسى تېزدىن يۈزىڭىزگە سۇ تولۇقلاپ بېرىڭ .

رېئاكسىيە قىلىشتىن ئەنسىرەپ ھېچنىمە ئىشلەتمەسلىك

ئاياللارنىڭ ئىشلەتكەن مەھسۇلاتىنىڭ يۈز تېرىسىگە رېئاكسىيە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ھېچقانداق نەرسە سۈرتمەسلىكى تېرىگە نىسبەتەن تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ ، ھېچبولمىغاندا كۈندە ئەتىگەن–كەچتە يۈز تېرىڭىزگە كۆپ مىقداردا سۇ تولۇقلىشىڭىز كېرەك .

يۇيۇنغاندا تېرىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ

يۈز تېرىسى ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرغانلار ، بولۇپمۇ يۈز تېرىسى نېپىزلەر يۇيۇنۇش ۋاقتىنى ئازايتىش كېرەك ، بولمىسا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سۇنىڭ تېمېپراتۇرىسى يۇقىرىلاپ ، تېرىدىكى تەبئىي ماي قەۋىتىننىڭ تەبئىي قوغداش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويىدۇ ، شۇڭا ھەر قېتىم 10 مىنۇت ئەتراپىدا يۇيۇنسا كۇپايە .

پەردازخانىغا كۆپ بېرىش

بەزى پەردازخانىنىڭ بىر قېتىملىق نامۇۋاپىقتېرە ئاسرىشى سىزنى گۈزەل قىلالمايلا قالماستىن . بەلكى تېرىڭىزنىڭ ئەسلى ھالىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىۋېتىدۇ . ئەگەر بارغان تەقدىردىمۇ ، پەردازخانىنىڭ سىزنىڭ يۈزىڭىزگە ئىشلىتىدىغان پەرداز بۇيۇمىنىڭ سىزنىڭ تېرىڭىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان –كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى ئۇنۇتماڭ ، شۇنداقلا تېرە ئاقارتىشقا ، يۈز ھورداشقا ، يىرىك ماددىلىق مۈڭگۈز قەۋىتىنى تازىلاش مەھسۇلاتى ئىشلىتىشكە ۋە ئۇزۇن ۋاقىت يۈز تېرىسىنى ئۇۋۇلاشقا قارشى تۇرۇڭ .

تېرە ئاسراش مەھسۇلاتى ئىشلەتكەندە يۈزگە يېنىك شاپىلاقلىغاندا تېرىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلەتكى بولىدۇ ، دەپ قاراش

سەزگۈرلۈك ئالامىتى كۆرۈلگەن ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرغان تېرىلەر ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ ، شۇڭا ھەرگىزمۇ كۈچەپ يۇمىلاق چەمبىرەك شەكلىدە بېسىشقا ۋە يېنىك شاپىلاقداپ ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ، بۇنداق بولغاندا تېرە تېخىمۇ ئوڭايلا غىدىقلىنىپ كېتىدۇ . شۇڭا بۇنداق تېرىلەرنى يېنىك ئۇۋۇلاپ بەرسە ياكى يېنىك بېسىپ بەرسە كۇپايە قىلىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-06 / 01:45:49

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ