ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرسۈيدۈك يولى بۆرەك كېسەللىكلىرىئەگەر دائىم كېچىسى ھاجەتكە چىقسىڭىز بۇ نەچچە كېسەلدىن ئاگاھ بولۇڭ

ئەگەر دائىم كېچىسى ھاجەتكە چىقسىڭىز بۇ نەچچە كېسەلدىن ئاگاھ بولۇڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەرلەر سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. بۇنداق بولغاندا، ھەر خىل كېسەللىكلەر كەينى-كەينىدىن پەيدا بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر تاڭ ئاتقۇچە ئويغانماي ئۇخلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما رېئال ئەھۋال شۇكى، ئۇلار دائىم كېچىدە ھاجەتخانىغا كۆپ چىقىدۇ، ئۇنداقتا بۇ خىل ھادىسە بەدەندىكى بەزى كېسەللىكلەردىن دېرەك بېرەمدۇ، يوق؟

ئەگەر دائىم كېچىسى ھاجەتكە چىقسىڭىز بۇ نەچچە كېسەلدىن ئاگاھ بولۇڭ

ئەگەر دائىم كېچىسى ھاجەتكە چىقسىڭىز بۇ نەچچە كېسەلدىن ئاگاھ بولۇشىڭىز كېرەك:

1. مەزى بېزىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن

ئەگەر سىز دائىم ھاجەتخانىغا چىقسىڭىز، ئۇنداقتا مەزى بېزىڭىزدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەر دوستلار 50 ياشتىن ئاشقاندا، ئاسانلا مەزى بېزى ئۆسۈكىگە گىرىپتار بولىدىكەن، ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى كېچىدە كۆپ قېتىم ھاجەتخانىغا كىرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزى بېزى كېسىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، ئادەتتە يەنە سۈيدۈك تۈگىمەسلىك ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، كېچىلىك ھاجەتكە چىقىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.

2. بۆرەكتىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن

مېدىتسىنانىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئادەمنىڭ بۆرىكىدىن چاتاق چىقسا، بۆرەك كىچىك نەيچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىدا ناھايىتى ئاسانلا نورمالسىزلىق كۆرۈلىدىكەن، بۆرەك كىچىك نەيچىلىرىنىڭ قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا سۈيدۈكنىڭ قايتىپ كېلىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇمۇ كېچىدە سۈيدۈكنىڭ كۆپىيىپ، قېتىم سانىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب. شۇڭا، كېچىدە كۆپ سىيىش بۆرەكتىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن.

3. سۈيدۈك يولى يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن

ئادەمدە سەۋەبسىزلا كېچىدە سۈيدۈك كۆپىيىپ قېلىش ئالامىتى كۆرۈلسە، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر شەخسىي تازىلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ، دائىم سۈيدۈك قىستاش ياكى جىنسىي تۇرمۇش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئادەمنىڭ سۈيدۈك يولىغا باكتېرىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئاسانلا كېچىدە سۈيدۈك كۆپىيىپ كېتىشتەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان كېچىلىك سۈيدۈك كۆپەيسە، بۇ ۋاقىتتا مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق يەرلىك ئورۇندىكى يۇقۇملىنىشنى يوقىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

4. دوۋساق ئۆسمىسى

ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ كېچىلىك سۈيدۈكىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا، دوۋساق جەھەتتىكى ساغلاملىق مەسىلىسىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك. دوۋساق سۈيدۈك ساقلايدىغان ئاساسلىق ئورۇن، ئەگەر دوۋساق ئۆسمىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىسا، دوۋساقنىڭ سىغىمچانلىقى ئازىيىپ، ئادەمدە كېچىدە سۈيدۈك كۆپىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

شۇڭا، بۇ نورمالسىزلىقنى سەزگەندىن كېيىن، دوۋساقنىڭ ئىقتىدارىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، دوۋساق ئۆسمىسى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ھامان، بالدۇرراق ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەك.

 

يۇقىرىقىلار كېچىدە سۈيدۈك ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە دېرەك بېرىدىغان ساغلاملىق مەسىلىسى، ئۇنداقتا رېئال تۇرمۇشتا بىز بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك؟

1. ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇنى ئاز ئىچىش

ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر كەچتە ھاجەتخانىغا كىرىش قېتىم سانىڭىز بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن سۇ ئىچمەسلىكىڭىز، غىدىقلىغۇچى ئىچىملىكلەر، قېنىق چاي ئىچمەسلىكىڭىز كېرەك.

2. بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك جۇڭيى دورىلىرىنى يېيىش كېرەك.

ئەگەر تۇرمۇشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىگە يولۇققاندا، جۇڭيى تېبابىتىنىڭ ياردىمىنى ئىزدىسەك بولىدۇ. ئادەتتە، جۇڭيى تېبابىتى سىزگە مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تېپىپ بېرىدۇ. ئاندىن ۋاقتىدا كېسەلگە قاراپ دورا بېرىدۇ. ھەرگىز ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىق، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن دورا ئىچىش كېرەك، بولمىسا سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يېتىدۇ.

3. ياخشى روھىي ھالەت ۋە ئارام ئېلىش ئادىتىنى ساقلاش كېرەك

ئەگەر ھەر كۈنى پات-پات سىيىش سەۋەبىدىن قىينىلىپ قالسىڭىز، ھەرگىز بۇنىڭلىق بىلەن كەيپىياتىڭىزنى بۇزماڭ. شۇنى بىلىش كېرەككى، بىر ياخشى روھىي ھالەتنىڭ كېسەللىكنى داۋالاشقا زور ياردىمى بار. بىرلا ۋاقىتتا، چوقۇم قانۇنىيەتلىك ئارام ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىر كۈندە ئاز دېگەندە يەتتە سائەت ئۇخلاش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/19588867.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ