ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتئۇيغۇر تېبابەت نەزىرىيەسىئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىسى _ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىسى _ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئابدۇقادىر ئابدۇۋايىت

ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، پۈتۈن دۇنيانى ﮬەيران قالدۇرىدىغان كۆپلىگەن مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى خۇددى «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»غا ئوخشاش تاكامۇللىشىپ، تارىخ تەرەققىياتىنى بويلاپ بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كەلگەن بولسا، بەزىلىرى تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان ياكى يوقاتماقتا. 2500 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇﮬىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە تاكى غەرب تېبابەتچىلىكى كىرىپ رەسمىي ئورۇن ئىگىلەپ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى يولغا قۇيغۇچە (غەرب تېبابەتچىلىكى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەرب مىسيۇنىرلىرى تەرىپىدىن غولجا، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق رايونلارغا كىرگەن، 1940 – يىللاردىن كېيىن رەسمىي ئورۇن ئىگىلەپ داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان) شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك سۈپىتىدە ﮬەر مىللەت خەلقىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، شۇنداقلا ساغلام ﮬالدا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆز ئورنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن. شەكسىزكى، بۇ قىممەتلىك مىراس بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، گەرچە غەرب تېبابەتچىلىكى تەرەققىي قىلىپ ئىنسان تېنىنى ﮬۈجەيرە، مالېكۇلا سەۋىيىسىدە تۇرۇپ كۆزىتىپ تەتقىق قىلالايدىغان، شۇنداقلا يۇقىرى تېخنىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق تۈرلۈك مۇرەككەپ، ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىمىيىۋى دورىلار بىلەن داۋالاشنى ئاساس قىلىپ، بەدەندە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، پۈتۈن دۇنيادا تەبىئىيلىككە قايتىش قىزغىنلىقى پەيدا بولۇپ، «ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىككە موﮬتاج» دەيدىغان تەشەببۇس ئۇتتۇرىغا چىقتى. نۆۋەتتە ئىنسانىيەت ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز بولغان ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكنى يېڭىۋاشتىن تونۇپ يېتىپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكنىڭ سىر – ئەسرالىرى ئۈستىدە قايتىدىن ئىزدەنمەكتە. مانا مۇشۇنداق زۆرۈرىيەت بىزدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇﮬىم مەدەنىيەت مىراسى، ۋەتىنىمىز ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكىنىڭ مۇﮬىم تەركىبىي قىسمى ﮬېسابلانغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ۋە ئۇنىڭ ماﮬىيىتىنى ﮬەقىقىي تونۇپ يېتىشىمىزنى؛ ئايرىم كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىنى «80 خالتىچى» دەپ كەمسىتىدىغان خاتا قاراشنى تۈگىتىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق قاراش ۋە ئىلمىي دۇنياقاراش ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى قوغدىشىمىز، گۈللەندۈرۈشىمىزنى؛ ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىمىز ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ساغلام ﮬالدا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

ﮬەممىگە مەلۇمكى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش، تەبىئەت ﮬادىسىلىرىنى تونۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن ﮬەمدە تەدرىجىي ﮬالدا بىر قەدەر مۇكەممەل، مۇستەقىل نەزەرىيە سىستېمىسى، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىگەرلىك تېخنىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەجدادلىرىمىز بۇلارنى نەزەرىيىۋى تېبابەتچىلىك ۋە ئەمەلىي تېبابەتچىلىك دەپ ئىككى چوڭ سىستېمىغا بۆلۈپ تەتقىق قىلغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان. نەزەرىيىۋى تېبابەتچىلىك تۆت چوڭ ماددا، يەنى مىزاج، خىلىت، ئەزا، قۇۋۋەت، روھ تەلىماتىنى، ساقلىقنى ساقلاش زۆرۈر قائىدىلىرىنى، ساقلىق ۋە كېسەللىك، ئىلمى تەشخىس (دىئاگنوز قويۇش) نەزەرىيىلىرى، داۋالاش قائىدە – پرىنسىپلىرى، شۇنداقلا يېمەك – ئىچمەك، كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەمەلىي تېبابەتچىلىك ئىلمى كۆپلىگەن كلىنىكىلىق بۆلۈملەرگە بۆلۈنىدۇ. تۇرپاندىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تارىخىي ﮬۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن 1000 – 1400 يىل ئىلگىرىلا تېۋىپلىرىمىز ئەمەلىي تېبابەتچىلىك ئىلمىنى تېرە كېسەللىكلىرى، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن ۋە بوغۇز كېسەللىكلىرى، چىش كېسەللىكلىرى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، نەپەس ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىرى، ﮬەزىم سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، تۈرلۈك ئىچكىي كېسەللىكلەر، سۈيدۈك يولى،جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى، جاراسىم (مىكرۇپ) كېسەللىكلىرى ۋە تازىلىق، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ﮬەققىدىكى نەسىھەتلەر قاتارلىق 12 چوڭ تۈرگە ئايرىغان. بۇ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ بۇنىڭدىن ئون نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا خېلى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى، مۇكەممەل سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئالاﮬىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ﮬاياتلىققا دائىم زىچ تەسىر قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، كەڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تۆت چوڭ ماددا، يەنى ئوت، ﮬاۋا، سۇ، تۇپراقتىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۇلار زىددىيىتى نەتىجىسىدە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ﮬەمدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ دائىملىق تەسىرىدە بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارسىز ماددىلارنىڭ يېتىلمەيدىغانلىقى، ﮬاياتلىق بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۆت چوڭ ماددا ئوخشاشمىغان تۆت خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوت قۇرۇق ئىسسىق؛ ﮬاۋا ﮬۆل ئىسسىق؛ سۇ ﮬۆل سۇغۇق؛ تۇپراق قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ . ئۇلار بىر – بىرىگە زىت كېلىدۇ، شۇنىڭدەك بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. بەدەندە ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، ﮬۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت تۆت خىل كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. تۆت خىل كەيپىياتنىڭ بەدەندىكى قارىمۇقارشى پائالىيەتلىرى، يەنى بىرىكىشى ياكى تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە مىزاج ﮬاسىل بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق جانلىق مەۋجۇدادلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىزاجى بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇدادلارنىڭ مىزاج ئالاﮬىدىلىكلىرى تۆت چوڭ ماددىنى دەۋر قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قايسى مىزاجغا مەنسۇپ بولۇشى تۆت چوڭ ماددىدىن قايسى بىرىنىڭ غالىپ ئورۇندا تۇرغانلىقىغا باغلىق بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ رەڭگىرويى ، قەددى – قامىتى، خۇلق – مىجەزى، تۇرمۇش ئادىتى، پسىخىكىلىق ئالاﮬىدىلىكى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تىپىك پەرقلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي قىسمى ئۇلارنىڭ مىجەزىنى تۈزەشكە خام ئەشيا بولغان تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئارىلاش كەيپىياتىدىن ﮬاسىل بولىدۇ.

خىلىت تەلىماتى تۆت چوڭ ماددا ۋە مىزاجلار توغرىسىدىكى تەلىماتلار قەدىمكى ماتېرىيالىستىك كۆزقاراشلار ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ساقلىق، كېسەللىك، كېسەللىكلەرنى داۋالاشنى بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈشتىكى مۇﮬىم تەلىماتلىرىنىڭ بىرى ﮬېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى تۆت خىلىتنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بەدەندىكى زاﮬىرى، دەپ شەرﮬلەيدۇ. تۆت خىلىت (سەپرا، قان ، بەلغەم، سەۋدا) ئىنسانلار ئىستېمال قىلغان ئوزۇقلۇق، سۈمۈرگەن ﮬاۋا ۋە زامان، ماكاننىڭ تەسىرىدىن ئىنسان بەدىنىدە پەيدا بولىدىغان، شۇنىڭدەك مەخسۇس ئەزالاردا ساقلىنىپ، ئىنساننىڭ پۈتۈن ﮬاياتلىق پائالىيەتلىرىنى تەمىنلەيدىغان، بەدەننى تەشكىل قىلىدىغان، بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇﮬىم سۇيۇقلۇقلاردىن ئىبارەت. سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، قاننىڭ تەبىئىتى ﮬۆل ئىسسىق، بەلغەمنىڭ تەبىئىتى ﮬۆل سوغۇق، سەۋدانىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. ئۇلار ﮬاياتلىققا سەرپ قىلىنىپ، يېڭىدىن ئىشلىنىپ، ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئىنسان ﮬاياتىنىڭ ساغلاملىق شەرتلىرىنى ﮬازىرلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار بىر – بىرىنى تىزگىنلەيدۇ، تولۇقلايدۇ. ئۇلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى نىسبىي، زىددىيىتى مۇتلەق بولىدۇ. خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى، سان ياكى سۈپەت جەﮬەتلەردىكى غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى بىلەن بەدەندە مۇناسىپ ﮬالدىكى كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، سان – سۈپەت جەﮬەتلەردىكى ئۆزگىرىشلىرى كېسەللىكلەرنىڭ مۇﮬىم ئىچكىي سەۋەبلىرى بولسا، تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت ئاناسىر ۋە باشقا ئامىللارنىڭ غەيرىي تەسىرى تاشقىي سەۋەب بولۇپ ﮬېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى: ئادەمنىڭ ئومۇمىي بەدىنىنى بىر پۈتۈن گەۋدە، دەپ قارايدۇ. ئەزالارنى تۇتقان ئورنى ۋە رولىغا قاراپ، باشقۇرغۇچى ئەزا ۋە باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىيدۇ. يەنى مېڭە، يۈرەك، جىگەرلەرنى باشقۇرغۇچى ئەزا (رەئىس ئەزا)لار؛ ئۆپكە، ئاشقازان، تال، ئۈچەي، بۆرەك قاتارلىقلارنى باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ ﮬەمدە يۇقىرىقى ئەزالارنىڭ كونكرېت روللىرىغا قاراپ بەزىلىرىنى ﮬەم باشقۇرغۇچى، ﮬەم باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. مېڭىنى تەپەككۇر، سەزگۈ ۋە جىسمانىي، يەنى روﮬى نەپسانىنىڭ مەركىزى؛ يۈرەكنى تىرىكلىك (روﮬى ﮬايۋانى)نىڭ باشلىنىش مەنبەسى؛ جىگەرنى ئىنسان ﮬاياتىدىكى تەبىئىي كۈچنىڭ مەركىزى، دەپ تونۇيدۇ. ئادەم ﮬاياتى تاماملانغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەقلىي ۋە جىسمانىي ﮬەرىكەتلەر سەۋەبچىسى بولغان ئامىل قۇۋۋەتنى چوڭ جەﮬەتتە ﮬاياتلىق كۈچى (قۇۋۋەتى ﮬايۋانى،ئورنى يۈرەكتە)، روﮬىي كۈچى (قۇۋۋەتى نەپسانى، ئورنى مېڭىدە)، تەبىئىي كۈچى (قۇۋۋەتى تەبىئى، ئورنى جىگەردە) دەپ ئۈچكە ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى نۇرغۇنلىغان كۈچلەرگە ئايرىپ، ئايرىم- ئايرىم تەرىپلەپ شەرﮬلەيدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ساقلىقنى ساقلاش جەﮬەتتە ﮬاۋا، يېمەك – ئىچمەك، ﮬەرىكەت، دەم ئېلىش، ئۇخلاش، ئويغاقلىق، تۇتۇش ۋە چىقىرىش تەڭپۇڭلۇقىنى ۋە روﮬىي ﮬالەتلەرنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى، تازىلىق ۋە باشقا جەﮬەتلەردىكى يامان ئادەتلەردىن ساقلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش، تونۇپ ﮬۆكۈم چىقىرىش جەﮬەتتە ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئىلمىي قاراش ۋە ئۇسۇللارنى ياراتقان بولۇپ، بۇ، كېسەللىكنى توغرا تونۇپ دىئاگنوز قويۇش، كېسەللىكلەرنى دەل، مۇۋاپىق داۋالاپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى ﮬېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى، مىزاج، خىلىت تەلىماتى، قۇۋۋەت نەزەرىيىسى ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ﮬەربىر ئەزانىڭ خىزمەت پائالىيىتى نەزەرىيىلىرى ﮬەمدە ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ تاشقىي مۇﮬىت بىلەن بولغان بىرلىكى، زىددىيىتى ئاساسىدىكى تونۇشلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئىچكىي – تاشقىي سەۋەب ۋە باشقا ئامىللار ﮬەمدە ئالامەتلەرنى ۋاسىتىلىك ۋە ۋاسىتىسىز ﮬالدا ﮬەرخىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئەتراپلىق مۇﮬاكىمە قىلىش بىلەن كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ئىچىدە قاراپ تەكشۈرۈش، تىڭشاپ تەكشۈرۈش، سوراپ تەكشۈرۈش، پۇراپ تەكشۈرۈش، سىيلاپ تەكشۈرۈش، تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش، تەرەتلەرنى تەكشۈرۈش، قۇسۇق، خەپرۈكلەرنى تەكشۈرۈش ئاساسلىق ئۇرۇندا تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ داۋالاش پرىنسىپلىرى تۆت چوڭ ماددا، مىزاج، خىلىت ۋە قۇۋۋەت تەلىماتلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، كۆپرەك مىزاجنىڭ خىلىت (ماددا)لىق ۋە خىلىت (ماددا)سىز بۇزۇلۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تۈزىتىش، يەرلىك ئورۇندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن ئومۇمىي بەدەن ئەﮬۋالىنى بىرلەشتۈرۈش، كونكرېت كېسەلنى كونكرېت ئۇسۇللار بىلەن داۋالاشنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى چوڭ جەﮬەتتە، پەرۋىش ۋە روﮬىي چارىلەر بىلەن داۋالاش، يېمەك – ئىچمەكلەر بىلەن داۋالاش، دورىلار بىلەن داۋالاش، قول ئەمەلىيىتى بىلەن داۋالاش دەپ تۆتكە بۆلۈنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە يېمەك – ئىچمەك بىلەن كېسەل داۋالاش ۋە كۈتۈشكە ئالاﮬىدە ئەﮬمىيەت بېرىلىدۇ. يېمەك – ئىچمەكلەر بىلەن داۋالاشتا، ئوزۇقلار ئارقىلىق بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. يېمەك – ئىچمەكلەر رولىغا قاراپ غىزايى مۇتلەق (ئوزۇقلۇق رولىنىلا ئوينايدىغان تاماقلار)، غىزايى داۋائى (ئوزۇقلۇق ﮬەم داۋالىق رولى بار تاماقلار)، داۋايى غىزايى (داۋالىق رولى بار تاماقلار) دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ ﮬەمدە كېسەللىك ئەﮬۋالىغا قاراپ تاماق بۇيرۇلىدۇ.

دورا ئىلمى ۋە ياسالما نۇسخىلىرى ئىلمى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مۇﮬىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن باسقۇچلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. دورىلار ئىلمى دورا ماتېرىياللىرىنى تونۇش، ئۆستۈرۈش، يىغىش، ساقلاش، پىششىقلاش قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغاندىن سىرت، دورىلارنى خۇسۇسىيىتى، كېسەللىكلەر ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارغا تەسىر قىلىشىغا قاراپ 20 نەچچە تۈرگە ئايرىيدۇ ﮬەمدە تۈرلەر بويىچە ﮬەر بىر دورىنىڭ تەبىئىتى، خۇسۇسىيىتى، تەسىرى، ئىشلىتىلىشى، ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى، قوشۇمچە تەسىرى، قوشۇمچە تەسىرلىرىنى تۈزىتىش چارىلىرى، دورىلارنىڭ بەدىلى (ئورۇنباسارى)، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىدۇ.

ياسالما نۇسخىلىرى ئىلمى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ماددىي ئاساسى ﮬېسابلىنىدۇ. تېبابەت پېشىۋالىرىمىز تارىختا دورىلارنى ساقلاش، ئىشلىتىش ۋە ئىچىشكە ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، ﮬەب، سۇپۇپ، قۇرس، قايناتما، چىلانما، قىيام، شەربەت، رۇپ، مەجۇنات، ئەرەقىيات، زىماد، مەلھەم، قەترە (كۆزگە تامدۇرۇلىدىغان دورا)، پەرزىجە، ﮬوقنە، شىياف ۋە باشقا ياسالمىلارغا بۆلۈپ ياساپ ئىشلەتكەن. ﮬازىرمۇ دورا ياسالما شەكىللىرى چوڭ جەﮬەتتە خېمىر دورىلار، قاتتىق دورىلار، تالقان دورىلار، سۇيۇق دورىلار، سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلار دەپ بەش تۈرگە، ﮬەربىر تۈرى يەنە نەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ، يەنى خېمىر دورىلار ئىتتىرپىل، ئايارەج، تەرياق، لوئۇق، جاۋارىش، مەجۇنات، لوبوپلارغا؛ قاتتىق دورىلار بانادۇق، ﮬەب، قۇرسىلارغا؛ تالقان دورىلار سۇپۇپ، سۇنۇن، سۈرمە ۋە سەپمىلەرگە؛ سۇيۇق دورىلار شەربەت، ئەرەق، مۇراببا،گۈلقەنت، چىلانما، لوئاپلارغا؛ سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ياغ، مەلھەم، زىماد، ﮬوقنە، تامچىلارغا ئايرىلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى قانداقتۇر نەزەرىيىۋى ئاساسى يوق، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىلىرى قالاق ﮬېسابلىنىدىغان، ئايرىم كىشىلەرنىڭ جان بېقىش ۋاسىتىسى قىلىۋالىدىغان سەپسەتە ياكى ﮬۈنەر – كەسىپ بولماستىن، بەلكى مۇكەممەل نەزەرىيىۋى ئاساسقا، ئۆزگىچە داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئۇسۇللىرىغا، يۈكسەك پەلسەپىۋىلىككە ئىگە، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئىلىمدۇر. شۇڭا بىز ئۇنى توغرا تونۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچكىي قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ، ئۇنى رېئال دۇنيا بىلەن، ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز لازىم.

ئاپتور: شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدا

مەنبە:
http://uyghurpedia.com

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-25 / 06:18:38

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ