تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
راك كېسىلى بىر خىل گېننىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىۋاتقان گېنلار ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى، بولۇپمۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ قانداق ئۆسۈشى ۋە بۆلۈنۈشىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گېن ئۆزگىرىشى بەلكىم ئاتا-ئانىسىدىن ئىرسىيەت قېلىشى مۇمكىن، بەلكىم تۇغۇلغاندىن كېيىن بىنورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشى ئالاھىدە مۇھىتتا ئاشكارىلىنىپ DNAنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.
ھەر بىر راك كېسىلى بىمارىنىڭ گېن ئۆزگىرىش بىرىكمىسى بىردىنبىر بولىدۇ. راك كېسىلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ گېن ئۆزگىرىشى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولىدۇ، ئوخشاش بىر ئۆسمىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان ھۈجەيرىلەردە ئوخشاش بولمىغان گېن ئۆزگىرىشى بولۇشى مۇمكىن. يىغىنچاقلىغاندا راك ھۈجەيرىلىرى نورمال ھۈجەيرىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ گېن ئۆزگىرىشىگە ئىگە بولىدۇ.
راك كېسىلىنى «قوزغىتىدىغان ئامىللار»
راك كېسىلىنىڭ گېن ئۆزگىرىشى ئادەتتە ئۈچ خىل ئاساسلىق تىپتىكى گېنغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دەسلەپكى راك گېنى، راكنى تىزگىنلەش گېنى ۋە DNAنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى گېنى، بۇ ئۆزگىرىشلەر راك كېسىلىنىڭ «قوزغاتقۇچى فاكتورى» دەپ ئاتىلىدۇ.
1. دەسلەپكى راك گېنى
دەسلەپكى راك گېنى نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە بۆلۈنۈشىگە قاتنىشىدۇ. دەسلەپكى راك گېنى مەلۇم جەھەتلەردە ئۆزگەرگەن ياكى نورمال ئەھۋالغا قارىغاندا تېخىمۇ جانلانغاندا، ئۇلار راك پەيدا قىلغۇچى گېنىغا ئايلىنىپ، ھۈجەيرىدە بىنورمال ئۆسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. راكنى تىزگىنلىگۈچى گېن
ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە بۆلۈنۈشىنى كونترول قىلىشقا قاتنىشىدۇ. ھۈجەيرە ئىچىدىكى DNA گېنىدا ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولغاندا، ھۈجەيرە تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان ئۇسۇلدا پارچىلىنىدۇ.
3. DNA ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى گېن
ئاساسلىقى زىيانغا ئۇچرىغان DNAنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قاتنىشىدۇ. ھۈجەيرىدىكى بۇ تۈردىكى گېندا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە، ئادەتتە باشقا تۈردىكى گېندا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن گېنلار ئەڭ ئاخىرىدا ھۈجەيرىدە راكقا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ئالىملارنىڭ ھۈجەيرە ئىچىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى مولېكۇلالارنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار نۇرغۇن تۈردىكى راك كېسەللىكلىرىدە بەزى ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17849942.shtml