39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى بالىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدۇر. ياخشى ئىستېمال ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى يېگۈزۈپ، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېگۈزمەسلىك بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشى ھالەتكە يەتكۈزۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر. ئەمما بالىلار دائىم تاماق يېمەي بىزنى بىئارام قىلىدۇ، بولۇپمۇ بۇنداق ئەھۋال يازدا بەكرەك كۆپ كۆرۈلىدۇ. ھەتتا بىز كۆپىنچە ۋاقىتتا بالىمىز بىلەن قوغلاشماق ئويناپ ئۇلارنىڭ ئارقىدىن چېپىپ يۈرۈپ تاماق يېگۈزىمىز، ئەگەر بالىمىز كىچىكرەك بولۇپ قالسىغۇ، بولدى، قوشۇقلىرىمىزنى ئايروپىلان، بالىلارنىڭ ئاغزىنى توختالغۇ قىلىپ قىلمىغان قىلىقلارنى قىلىپ كېتىمىز. يازدا تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا تەبىئىيلا بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولمايدۇ، ئۇنداقتا يازدا بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ ياخشى بولماسلىقتىن تاماق يېمەسلىكتەك ھالىتىنى قانداق ھەل قىلىشىمىز كېرەك؟
ياز ئىسىسق بولغاچقا، ھۆللۈكمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا بالىلار تەبىئىيلا سوغۇقلۇققا مايىل بولغاچقا، سوغۇق يېمەك-ئىچمەكنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىشى تەسىرگە ئۇچراپ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يازدا بالىلارغا ئوينايدىغان ئويۇن تولا، ھەم سىرتمۇ سوغۇق بولمىغاچقا بالىلار خۇدىنى بىلمەي ئويناۋېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسسىقتا تولا تەرلەپ، بەدىنىدىكى سۇلار تېزلا خورايدۇ، نەتىجىدە سۇ ۋە ئېلېكتىرولىتلار تەڭپۇڭسىزلىشىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاجىزلايدۇ-دە، بالىلارنىڭ سۇلا ئىچكۈسى كېلىپ، تاماق يېگۈسى كەلمەيدۇ.
تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە نېرۋا تېمپېراتۇرىنىڭ غىدىقلاش ئۇچۇرىنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزىگە يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭشەش مېخانىزمى ئارقىلىق ئوزۇقلىنىش مەركىزى رېئاكسىيەدىن تومۇزلانغاچقا، ئوزۇقلىنىش مىقدارى ئازىيىدۇ.
بۇلاردىن باشقا ياز پەسلى ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرى ئاسان شەكىللىنىدىغان مەزگىل. ھەر خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان ئىچ سۈرۈش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەردۇر. بۇ كېسەللىكلەرمۇ ئېنىقلا ئىشتىھانى تۇتىدۇ.
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا بالىلارنى تاماق يېيىشكە مەجبۇرلىسا، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپلا قالماستىن، يەنە بالىنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يولىنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىدۇ. ئۇنداقتا يازدا بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىزلىقىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
بالىلارنى «ئالداپ» تاماق يېگۈزۈش
بالىلارنىڭ يېڭىلىققا ئامراقلىقى، قارىماققا يېيىشلىك، چىرايلىق كۆرۈنىدىغان، شۇنداقلا مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە خۇشتار بولىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يېمەكلىكلەرنى چىرايلىق قىلىپ ياساپ ئۇلارنى قىزىقتۇرساق بولىدۇ. مەسىلەن تاماقلارنى سەرخىل شەكىل چىقىرىپ ئۇسۇش، بالىلارغا چىرايلىق قاچىلارنى تەييارلاپ بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىقمۇ بالىنى تاماق يېيىشكە قىزىقتۇرالايمىز.
ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
بالىغا تاماقتىن بۇرۇن ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېگۈزمەسلىك، شۇنداقلا ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈزمەسلىك، بۇلارنى ئادەت قىلىۋېتىش كېرەك. ئەلۋەتتە تاماقتىن كېيىن بالىغا مېۋە-چېۋە بېرىشكە بولىدۇ، ئەمما بالىغا تەھدىت سېلىپ تاماق يېگۈزمەسلىك كېرەك. ياخشى بولغان ئادەتنى شەكىللەندۈرگەندە بالا قورسىقى ئاچقاندا تەبىئىيلا تاماق يەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ناھايىتى مۇھىم.
تاماق يېگەندە بالىلار ئويۇنچۇق ئوينىماسلىقى ۋە تېلېۋىزور كۆرمەسلىكى كېرەك
تاماق يېگەندە بالىلار ئويۇنچۇق ئوينىسا ۋە تېلېۋىزور كۆرسە، شۇنداقلا يانفون ئوينىسا ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ-دە، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ، ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىشتىھانى ئاچىدىغان زىيانسىز دورىلارنى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ئىشلىتىش
بالىلارنى ئىشتىھاسى تۇتۇلسا، زىيانسىز، شۇنداقلا ئىشتىھانى ئاچىدىغان دورىلارنى مۇۋاپىق بېرىپ، بالىلارنى ئىشتىھاسىنى ئاچسا بولىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17864079.shtml