ئالىملار 2024 – يىلى 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى «ئىلىم – پەن» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، راكقا قارشى ۋىرۇس دورىسىنى ياخشىلايدىغان يېڭى بىر خىل ئۇسۇلنى دوكلات قىلغان بولۇپ، بۇخىل ئۇسۇلنىڭ راك كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەتقىقاتتا، ئالىملار «VSV-GP» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل راكقا قارشى ۋىرۇس دورىسىنى ئىشلەتكەن. بۇ خىل ۋىرۇس دورىسى بىر خىل پىششىقلانغان سۇلۇق قاپارتمىلىق ئېغىز ياللۇغى ۋىرۇسى ( VSV ) نى ئاساس قىلغان بولۇپ، گېن تېخنىكىسى ئارقىلىق كۆپ خىل ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، سۇلۇق قاپارتمىلىق ئېغىز ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن بەز ۋىرۇسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن «VSV-GP» ئىسىملىك راكقا قارىشى تۇرۇش دورىسى، راك ھۈجەيرىلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرەلەيدىكەن ۋە راك ھۈجەيرىلىرىگە يۇقۇملاندۇرالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساغلام ھۈجەيرىلەرگە بولغان تەسىرىنىڭ ئاز بولىدىكەن.
تەتقىقات كوللېكتىپى ئالدى بىلەن گېن قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى ئارقىلىق، ۋىرۇسنىڭ نىشان ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى راك ھۈجەيرىلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ھەم يۇقۇملاندۇرىدىغان قىلغان. بۇ ئۆزگەرتىش ساغلام ھۈجەيرىلەرگە بولغان زىياننى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، داۋالاشنىڭ ئەكس تەسىرىنى تۆۋەنلەتكەن. ئارقىدىن تەتقىقاتچىلار ۋىرۇسنىڭ ئىممۇنىتېتلىق قېچىش ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇنى بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش كۈچىنى ئاشۇردى.
بۇ خىل ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ۋىرۇس دورىسى كۆپ خىل راك كېسىلى مودېلىدا سىناق قىلىغان بولۇپ، راك كېسىلى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىلدى. ھايۋانات تەجرىبە نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى ۋىرۇس دورىسىنى ئىشلەتكەن راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ياشاش مەزگىلى كۆرۈنەرلىك ئۇزىراپ، ئۆسمىنىڭ كىچىكلەش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە ئاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقات كوللېكتىپى يەنە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ۋىرۇس دورىسىنىڭ بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى تەبىئىي ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بايقاش راكنى داۋالاشقا يېڭى ئۈمىد بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە ھازىرقى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەنئەنىۋى راكقا قارشى ۋىرۇس دورىسى داۋالاش جەريانىدا راك ھۈجەيرىلىرىنى قانداق قىلىپ توغرا پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۈنۈملۈك ھۇجۇم قىلىپ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش مۇھىم ۋە ھەل قىلىش ئاسانغا توختىمىغان بىر مەسىلە بولۇپ، بۇ يېڭى تەتقىقات بولسا ۋىرۇس دورىسىنىڭ نىشانلىق ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا زور ياردەمدە بولىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، تەتقىقات كوللېكتىپى كىلىنىكىلىق تەجرىبىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ خىل ياخشىلانغاندىن كېيىنكى راكقا قارشى ۋىرۇس دورىسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكىنى دەلىللەشنى پىلانلىدى. ئەگەر كىلىنىكىلىق تەجرىبە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، بۇ يېڭى تىپتىكى راكقا قارشى ۋىرۇس دورىسىنىڭ كەلگۈسىدە راك كېسىلىنى داۋالاشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشىگە ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.
ئالىملار يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ خىل ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى راكقا قارشى ۋىرۇس دورىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تىپتىكى راك كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى راك كېسىلى بىمارلىرىغا تېخىمۇ كۆپ خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇ تەتقىقات نۇرغۇن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى.
مەنبەلەر:
ScienceDaily ، ContagionLive، Mayo Clinic News Network