ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشسۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار AI تېخنىكىسى يۈرەك تەكشۈرۈشتە ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلماقتا

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار AI تېخنىكىسى يۈرەك تەكشۈرۈشتە ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلماقتا

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يېقىندا تەتقىقاتچىلار يۈرەك تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر خىل يېڭى تىپتىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ( AI ) ئۈسكۈنىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، تېخىمۇ ئاز ئېلېكتىر قۇتۇپى ئىشلەتسىلا ئەنئەنىۋى كۆپ قۇتۇپلۇق يۈرەك تەكشۈرۈش ئېلېكتروكاردىيوگرافى ( ECG شىندىيەنتۇ ) ئۈسكۈنىسى بىلەن ئوخشاش توغرىلىق بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى 2024 – يىلى 7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى «يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يۈرەك كۆزىتىش تېخنىكىسىدا زور ئىلگىرىلەش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يۈرەكنى كۆزىتىش يۈرەك كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشقا يول كۆرسىتىشتە ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى. ئەنئەنىۋى يۈرەك سوقۇشىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا ئادەتتە كۆپ (ئەڭ ئاز 7-9) ئېلېكتىر قۇتۇپى ئىشلىتىلىدۇ، بۇ تەكشۈرگۈچىنىڭ ئىش يۈكىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش جەريانىنىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن ، تەتقىقاتچىلار بىر خىل AI ھېسابلاش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىپ ، ئېلېكتروكاردىيوگرافى ( ECG ) سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلىشقا ئىشلەتكەن. بۇ خىل سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈشكە پەقەت ئۈچ ئېلېكترود ئىشلىتىلسە يېتەرلىك بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئېھتىياجلىق بولغان 12 ئېلېكترودنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاز ئىكەن ۋە تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئاسانلىشىدىكەن.

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار AI تېخنىكىسى  يۈرەك تەكشۈرۈشتە ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلماقتا

تەتقىقات كوللېكتىپى AI ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاز مىقداردىكى ئېلېكتىر قۇتۇپى ئارقىلىق ئۆلچۈلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلغان ھەمدە مۇكەممەل ئېلېكتروكاردىيوگرافى سۈرىتى ھاسىل قىلىپ، يۈرەكنى توغرا ئۆلچەپ چىققان. تەجرىبە نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، يېڭى تىپتىكى AI قوراللىرىنىڭ يۈرەك نورمالسىزلىقىنى تەكشۈرۈش جەھەتتىكى توغرىلىقى ئەنئەنىۋى 12 ئېلېكترود ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك مەسىلىلىرىنى تېز پەرقلەندۈرەلەيدىكەن ھەمدە دىئاگنوز قويۇش سۈرىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.

500 نەپەر قاتناشقۇچىسى بولغان بىر تۈرلۈك كىلىنىكىلىق تەجرىبىدە، توغرىلىق نىسبىتىنىڭ %95 تىن ئاشقانلىقى مەلۇم بولغان. تەتقىقات كوللېكتىپى بۇ تېخنىكىنىڭ ئىشلىتىلىش ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ داۋالاش ۋە ئىقتىسات مەنبەسى چەكلىك بولغان داۋالاش مۇھىتىدا مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈردى. AI قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى مەشغۇلات تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپلا قالماي ،يەنە دىئاگنوزنىڭ توغرىلىقى ۋە ۋاقىتنىڭ قىسقا بولىدىكەن، يۈرەك كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدىكەن.

تەتقىقات كوللېكتىپى بۇ تېخنىكىنى چەت ياقا ۋە داۋالاش بايلىقى يېتەرسىز رايونلارغا كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭدىن باشقا ،تەتقىقات ئەترىتى يەنە بۇ تېخنىكىنىڭ باشقا داۋالاش ساھەسىدە قوللىنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى پىلانلىدى ،مەسىلەن ،مېڭە ئېلېكتىر ئېقىمى ( EEG ) تەكشۈرۈش ۋە نەپەسلىنىش تەكشۈرۈش ،داۋالاش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىياتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

بۇ تەتقىقاتقا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتىتى مېدىتسىنا مەركىزىنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمى تەتقىقات كوللېكتىپى رەھبەرلىك قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى ( NIH ) ۋە نۇرغۇن پەن – تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. تەتقىقات ئۆمىكى AI تېخنىكىسىنىڭ داۋالاش ساھەسىدىكى ئەمەلىي تەتقىقاتىغا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ ، بىمارلارنى تېخىمۇ ياخشى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە:
ستانفورد ئۇنىۋېرسىتىتى تېببىي مەركىزى
«يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمى»
ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى ( NIH ) ئورگان تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-04 / 03:32:27

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ