تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاق قان كېسىلى ئاتا-ئانىلارنى قاتتىق چۆچۈتىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، چۈنكى بۇ بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، قوزغىلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئادەتتە 9-0 ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. گەرچە ھازىر مېدىتسىنا بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئاق قان كېسەللىكىگە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ، پەقەت خىمىيەلىك داۋالاش ۋە يىلىك كۆچۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە كۆپرەك دىققەت قىلىشى، تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈشى كېرەك.
1. قاناش
قاناش ئاق قان راكى بىمارلىرىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى. مەسىلەن چىش مىلىكى قاناش، ئېغىز بوشلۇقى قاناش ۋە بۇرۇن قاناش، تېرىدە قان توچكىسى ياكى سۆسۈن قان دېغى پەيدا بولۇش، قىزلاردا ھەيز مىقدارى نورمال بولماسلىق قاتارلىقلار.
2. قان ئازلىق
قان ئازلىق ئاق قان كېسىلىنىڭ تۇنجى ئالامەتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى چىراي تاتىرىش، چىرايدا قان دىدارى بولماسلىق، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، باش ئاغرىش، باش قېيىش ۋە پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كېسەللىكنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرىقى ئالامەتلەر بارغانسېرى روشەنلىشىدۇ.
3. يۇقۇملىنىپ قىزىش
راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ناھايىتى كۆپ ئىسسىقلىق چىقارغۇچى ماددىلارنى قويۇپ بېرىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىدۇ، نەتىجىدە بىمار داۋاملىق قىزىيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئاسانلا يۇقۇملىنىپ، يۇقۇملانغاندىن كېيىن قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئۇنداقتا بالىلار نېمە سەۋەبتىن ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟
1. ئىرسىيەت
ئاق قان كېسىلى بەلگىلىك ئىرسىيەت خاھىشىغا ئىگە، ئەگەر بەدەندە گېن كەمتۈكلۈكى بولسا، ئۇنداقتا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
2. ئۇزۇن مۇددەت رادىياتسىيە مۇھىتىدا تۇرۇش
ئاق قان راكىنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ رادىياتسىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئوتتۇرا ۋە كۆپ مىقداردىكى ئىيونلاشقان رادىياتسىيەگە ئۇچرىغاندا، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
3. ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولۇش
ئىممۇنىتېت كۈچى قانچە ئاجىز بولسا، كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش خەتىرى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاق قان كېسىلىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئانتىبىيوتىك دورىلار، راكقا قارشى دورىلار، مىتسىن تۈرىدىكى دورىلار ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرى قاتارلىقلارنى خالىغانچە ئىستېمال قىلىشمۇ ئاق قان كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. تۇرالغۇ ئۆيدىكى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن خىمىيەلىك ماددىلار
بېنزول كۆپ ئۇچرايدىغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددا، بېنزول مايدا ئېرىشچان ماددا ھېسابلىنىدىغان بولۇپ ئاسان پارلىنىدۇ. بېنزول تېرە ئارقىلىق سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىگە كىرىدۇ، ئاندىن قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا ئەگىشىپ يىلىككە كىرىدۇ، بۇ ئارقىلىق يىلىكنى زەھەرلەيدۇ. ئەگەر بەدەن بېنزول بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇچراشسا، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە توساتتىن ئۆزگىرىپ، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
5. يېمەكلىك ئامىلى
بەزى يېمەكلىكلەرمۇ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن، سۈپەتسىز پىنتوزا، ئۇنىڭغا بەك كۆپ فورمالدېھىد ۋە زەمچە قوشۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى سودىگەرلەر چىلانغان مۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان توخۇ پاچىقىنىڭ ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بەك كۆپ فورمالدېھىد قوشىدۇ.
يەنە بەزى سودىگەرلەر دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى فورمالدېھىدقا چىلاپ قويىدۇ. ئەگەر بالىلار ئۇزاق مۇددەت يۇقىرىقى يېمەكلىكلەرنى يېسە، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرىلايدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى سويۇۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن يېيىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. بالىلارغا بەك كۆپ چىرىشتىن ساقلاش دورىسى ۋە خۇرۇچ قوشۇلغان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يېگۈزمەسلىك كېرەك. بۇلاردىن باشقا، بالىلارنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى، خىمىيەلىك ماددىلار، رېنتىگېن نۇرى ۋە ئىيونلۇق رادىياتسىيە بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17922898.shtml