ئانا سەھىپەقوراللاررەڭلەر ئىسىملىرى ۋە ئۆرنەكلىرى - ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە، تۈركچە، خەنزۇچە تەرجىمە سېلىشتۇرمىسى

رەڭلەر ئىسىملىرى ۋە ئۆرنەكلىرى – ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە، تۈركچە، خەنزۇچە تەرجىمە سېلىشتۇرمىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

رەڭلەر بىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلار تەبىئەتكە ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپلا قالماي، بىزنىڭ ھېسسىياتىمىز، كەيپىياتىمىز ۋە ھەتتا قارارلىرىمىزغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىنسان كۆزىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن 10 مىليونغا يېقىن ئوخشىمىغان رەڭ پەرقىنى ئايرىيالايدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز دائىم ئىشلىتىدىغان ۋە ئۇچرىتىدىغان رەڭلەرنىڭ سانى بۇنىڭدىن كۆپ ئاز. مەدەنىيەت، تىل ۋە جۇغراپىيەلىك ئورۇنلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ، ھەر بىر رەڭگە بېرىلگەن ئىسىم ۋە مەنىلەرمۇ كۆپ خىل بولىدۇ.

رەڭلەر ئىسىملىرى ۋە ئۆرنەكلىرى – ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە، تۈركچە، خەنزۇچە تەرجىمە سېلىشتۇرمىسى

تۆۋەندىكى بۇ جەدۋەل دەل مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان رەڭلەرنىڭ ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە ۋە خەنزۇچە بولۇپ تۆت خىل تىلدىكى ئاتىلىشى، رەڭنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان HTML كودىنى بىر يەرگە جەملىدى. بۇ ئارقىلىق تور بەت لايىھەلىگۈچىلەر، تەرجىمانلار، سەنئەتكارلار ۋە تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلدۇق.

 

تەپسىلى رەڭلەر بېتى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ :

https://dohturlar.com/betler/rengler.html

 

ئۇيغۇرچە ئىسىملىرى رەڭلەر HTML كود ئىنگىلىزچە تۈركچە خەنزۇچە
ئاق #FFFFFF White Beyaz 白色
سۇس سېرىق #FFFFE0 Light Yellow Açık Sarı 浅黄
لىمون سېرىقى #FFFACD Lemon Limon 柠檬黄
قايماق رەڭ #FFFDD0 Cream Krem 奶油色
سۇس كۆكيېشىل #E0FFFF Light Cyan Açık Camgöbeği 浅青
سۇس بىنەپشە #E6E6FA Lavender Lavanta 淡紫
ئۆرۈك رەڭ #FBCEB1 Apricot Kayısı 杏色
شاپتۇل رەڭ #FFDAB9 Peach Şeftali 桃色
سۇس قىزغۇچ رەڭ #FFD580 Light Orange Açık Turuncu 浅橙
سۇس ھالرەڭ #FFB6C1 Light Pink Açık Pembe 浅粉
سۇس يېشىل #90EE90 Light Green Açık Yeşil 浅绿
ھالرەڭ #FFC1CC Pink Pembe 粉色
سۇس كۆك #ADD8E6 Light Blue Açık Mavi 浅蓝
سۇس كۈلرەڭ #D3D3D3 Light Gray Açık Gri 浅灰
ئالتۇن رەڭ #FFD700 Gold Altın 金色
قويۇق سۆسۈن #DDA0DD Plum Erik 梅紫
قوڭۇر #D2B48C Tan Açık Kahverengi 棕褐色
كۈمۈش رەڭ #C0C0C0 Silver Gümüş 银色
ئاسمان كۆك #87CEEB Sky Blue Gök Mavisi 天蓝
قۇم رەڭ #C2B280 Sand Kum 沙色
سېرىق #FFFF00 Yellow Sarı 黄色
كۆك #00FFFF Cyan Camgöbeği 青色
قىزغۇچ سېرىق #FFA500 Orange Turuncu 橙色
توق كۈلرەڭ #A9A9A9 Dark Gray Koyu Gri 深灰
قېنىق ھال رەڭ #FF7F50 Coral Mercan 珊瑚色
پەمىدۇر قىزىل #FF6347 Tomato Domates 番茄红
تۇتۇق يېشىل ، زۇمرەت يېشىل #50C878 Emerald Zümrüt 翡翠绿
سۇس قىزىل #FF6666 Light Red Açık Kırmızı 浅红
كۈلرەڭ #808080 Gray Gri 灰色
تاختاش كۈلرەڭ #708090 Slate Gray Arduvaz Grisi 板岩灰
سۆسۈن قىزىل #FF00FF Magenta Macenta 品红
زەيتۇن يېشىل #808000 Olive Zeytin Yeşili 橄榄绿
پولات كۆك #4682B4 Steel Blue Çelik Mavisi 钢蓝
ئەتىرگۈل رەڭ #FF007F Rose Gül 玫瑰红
دېڭىز يېشىلى #2E8B57 Sea Green Deniz Yeşili 海绿
خان كۆكى #4169E1 Royal Blue Kraliyet Mavisi 皇家蓝
قەھۋە رەڭ #6F4E37 Coffee Kahve 咖啡色
قىپقىزىل #DC143C Crimson Kızıl 深红
كۆكيېشىل #008080 Teal Teal 青绿
قوڭۇر #A52A2A Brown Kahverengi 棕色
يېشىل #008000 Green Yeşil 绿色
گىلاس قىزىل #D2042D Cherry Kiraz 樱桃红
كۆمۈر رەڭ #36454F Charcoal Kömür 炭灰色
ياقۇت كۆك #0F52BA Sapphire Safir 蓝宝石
بىنەپشە #800080 Purple Mor 紫色
قېنىق قىزىل #800000 Maroon Bordo 栗色
نىل كۆك #4B0082 Indigo Çivit 靛蓝
قىزىل #FF0000 Red Kırmızı 红色
كۆك #0000FF Blue Mavi 蓝色
قېنىق كۆك #000080 Navy Lacivert 藏青
قارا #000000 Black Siyah 黑色

 

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن رەڭلەر جەدۋىلىنى ئىمكانقەدەر توغرا ۋە ئەتراپلىق تۈزۈشكە تىرىشقان بولساقمۇ، تىلنىڭ جانلىق ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇش ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ھەر قايسى تىللاردىكى رەڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئىنچىكە پەرىقلىرى تۈپەيلىدىن، بەزى تەرجىمىلەردە كەمچىلىك ياكى خاتالىقلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز بۇ جەدۋەلدىكى بىرەر رەڭنىڭ تەرجىمىسىدە مەسىلە بايقىسىڭىز ياكى تېخىمۇ مۇۋاپىق ئاتالغۇنى تەۋسىيە قىلماقچى بولسىڭىز، ھەر ۋاقىت بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىڭىزنى قالدۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. سىزنىڭ ياردىمىڭىز بۇ ماتېرىيالنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە زور تۈرتكە بولىدۇ.

تەپسىلى رەڭلەر بېتى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ :

https://dohturlar.com/betler/rengler.html

بۇ جەدۋەل كۆپ ئىشلىتىلىدىغان رەڭلەرنىڭ ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە ۋە خەنزۇچە ئاتىلىشىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تور بەت ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان HTML رەڭ كودىنى بىر يەرگە جۇغلىدى. لايىھەلىگۈچىلەر، پروگراممېرلار ۋە تىل ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن قولايلىق بىر مەنبە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رەڭلەر دۇنياسىدىكى سەپىرىڭىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز!

قوشۇلغان رەڭلەر بىر بىرلەپ ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئىنگىلىزچە لۇغەتتىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن قوشۇلدى، ئەمما خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەس. ئەگەر تەرجىمىدە خاتالىقلارنى بايقىسىڭىز، بىزگە ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. تاما تاما كۆل بولار.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ