ئانا سەھىپەبىلىمسىناقلارچېنىقىش تەنھەرىكەت ئېنىرگىيە سەرپىياتى ھېساپلاش ماشىنىسى

چېنىقىش تەنھەرىكەت ئېنىرگىيە سەرپىياتى ھېساپلاش ماشىنىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

چېنىقىش تەنھەرىكەت ئېنىرگىيە سەرپىياتى

مەزكۈر ھېساپلىغۇچ ماشىنىسىدا، جىنسىيىتىڭىز، يېشىڭىز، ئېغىرلىقىڭىز، بوي ئىگىزلىكىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلار ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچ قىممىتىڭىزنى ھەم كۈندىلىك كېرەك بولغان ئېنىرگىيە سەرپىياتىڭىزنى ھېساپلاپ بېرىش بىلەن بىرگە، بىر كۈن ئىچىدە چېنىقىش تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، ھەربىر تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ بەلگىلەنگەن مىنوت ئىچىدە، سىزنىڭ بەدەن ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن سەرىپ قىلغان (كۆيدۈرگەن) ئېنىرگىيىڭىزنى ھېساپلاپ چىقىرىپ ھەم تەۋسىيىلەرنى بېرىدۇ.

كۈندىلىك يىمەكلىك ۋە ئېغىرلىق

يۇقارقى «كۈندىلىك يىمەكلىك ۋە ئېغىرلىق» ئادرىستا كۈندىلىك ئوزۇقلۇق ئىستىمال قىلغان جەمئىي ئېنىرگىيىڭىزنى ھېساپلاپ ، مۇشۇ بەتتىكى «چېنىقىش تەنھەرىكەت ھېساپلاش ماشىنىسى » نىڭ ئوزۇقلۇق ئېنىرگىيە قىسمىغا تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

كۈندە رېتىملىق چېنىقىپ بېرىڭ، ئەمما قارا قۇيۇق ئۆپكىڭىز چىقىپ كەتكۈدەك يۈگۈرمەڭ.
كۈندە ساغلام ئوزۇقلىنىپ بېرىڭ، ئەمما قارا-قۇيۇق ھەممە نەرسىلەرنى ئاغزىڭىزغا تىقماڭ.

بۇ ھېساپلاش ماشىنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ساغلام ئوزۇقىنىش، پىلانلىق چېنىقىش پائالىيەتلىرىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزغا ئىشەنچىم كامىل.

كۈندىلىك ھەرىكەت مىقتارىنى قانداق تاللايمىز؟

كۈندىلىك ھەرىكەت مىقتارىڭىز سىزنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ئاكتىپلىق دەرىجىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بىر كۈن ئىچىدىكى يۈرۈش تۇرۇش، خىزمەت جەريانىدىكى ھالەت-پائالىيىتىڭىز، خىزمەتكە بېرىش كېلىشتە مېڭىش كۆپرەكمۇ ياكى ئاپتوبۇس ماشىنا ئارقىلىق باردىڭىزمۇ ۋە قانچىلىك ماڭدىڭىز، بىر كۈن ئىچىدە چېنىقتىڭىزمۇ، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كىرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش ۋەيا كومپىيوتېر ئالدىدا ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ياكى ھەرىكەت قىلىپ بېرىش… بۇلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ئەگەر خىزمەت، مەكتەپكە ئاپتوبۇستا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپ بارسىڭىز، خىزمىتىڭىز ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپ قىلىدىغان خىزمەت بولسا، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئانچە ھەرىكەت قىلىپ كەتمىسڭىز «مەن ھورۇن، ئانچە ھەرىكەت قىلىپ كەتمەيمەن» نى تاللاڭ.

ئەگەر خىزمەت مەكتەپكە بېرىش جەريانىدا ئاز دىگەندە 15-20 مىنۇت ماڭسىڭىز، خىزمەت جەريانىدا دائىم ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئۇيان بۇيانغا ماڭسىڭىز، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئاز تولا ھەرىكەت قىلسىڭىز، «يېنىك ھەرىكەت مىقتارى» نى تاللاڭ.

ئەگەر خىزمەت مەكتەپكە بېرىش جەريانىدا ئاز دىگەندە 30 مىنۇتتىن كۆپرەك ماڭسىڭىز، خىزمەت جەريانىدا دائىم ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئۇيان بۇيانغا ماڭسىڭىز، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن بەك ئولتۇرۇپ كەتمىسىڭىز، ۋە رېتىملىق ھەپتىدە 3-4 قېتىم چېنىقسىڭىز «ئوتتۇرا ھەرىكەت مىقتارى» نى تاللاڭ.

ئەگەر خىزمەت مەكتەپكە بېرىش جەريانىدا ئاز دىگەندە 40 مىنۇتتىن كۆپرەك ماڭسىڭىز، خىزمىتىڭىز كۆپىنچە ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەيدىغان خىزمەت بولسا، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن بەك ئولتۇرۇپ كەتمىسىڭىز، ۋە رېتىملىق ھەپتىدە 4-5 قېتىم چېنىقسىڭىز «ئېغىر ھەرىكەت مىقتارى» نى تاللاڭ.

ئەگەر خىزمەت مەكتەپكە بېرىش جەريانىدا ئاز دىگەندە 60 مىنۇتتىن كۆپرەك ماڭسىڭىز، خىزمىتىڭىز ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئېغىر خىزمەت بولسا، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن بەك ئولتۇرۇپ كەتمىسىڭىز، ۋە ھەپتىدە ھەركۈن چېنىقسىڭىز «زىيادە ئېغىر ھەرىكەت مىقتارى» نى تاللاڭ.

ئۆزگىرىش، تۈزىتىش، يېڭىلاش تارىخلىرى

 

2023.چىللە (7.ئاي).9 دىكى ئۆزگىرىشلەر

  1. پۇتبول، ۋاسكىتبول، تىكتاپتوپ، قورساق ئاتلاش… قاتارلىق بىرقانچە ھەرىكەت تۈرلىرى قوشۇلدى.
  2. كودقا قىسمەن تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلدى.

 

2023.چىللە (7.ئاي).8 دىكى ئۆزگىرىشلەر

  1. ئەسلى كودقا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
  2. سەيلە قىلىش، ئىتتىك مېڭىش ھەرىكەت تاللىشى قوشۇلدى.

 

2023.چىللە (7.ئاي).7 دىكى ئۆزگىرىشلەر

  1. چەت گ پ ت بىلەن 8 سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەتلىشىش، مۇنازىرىلىشىش، تۈزىتىش ئارقىلىق تۇنجى دەسلەپكى نەشىر ئېلان قىلىندى.
  2. يېزىقلار نورمال كۆرۈنىدىغان قىلىندى.
  3. ئاستا يۈگۈرۈش، ئىتتىك يۈگۈرۈش تاللاشلىرى قوشۇلدى.
  4. بىكەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-19 / 08:58:10

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ