قان شىكەر قىممەت بىرلىكى ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى
بەزىلىرىمىز سېتىۋالغان قاندىكى شىكەر قەنت ماددىسى دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاپ 90،100،110،150 قاتارلىق سانلارنى كۆرىمىز. ئەمما يەنە بەزىلىرىمىز نورمالدا قاندىكى قەنت ماددىسىنى 5، 5.5، 6 دىگەندەك سانلار بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ يەردە بىرەر خاتالىق بارمۇ نىمە؟ ياكى بازاردا سېتىۋالغان ئەسۋاب بۇزۇقمىدۇ؟ ۋەياكى قاندىكى شىكەر بەكلا يۇقىرى بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟
بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ. بۇنىڭ سەۋەبى، بىرلىكنىڭ ئوخشىماسلىقىدا.
يەنى، ۋەتىنىمىزدىكى ۋاقىتتا نورمالدا mmol/L نى بىرلىك قىلغان ئاساستا قاندىكى شىكەر ماددىسىنى ئۆلچەيدۇ.
چەتئەلدە، بولۇپمۇ ياۋرۇپا، تۈركىيە، ئەرەپ، كانادا لاردا… mg/dL نى بىرلىك قىلغان ئاساستا قاندىكى شىكەر ماددىسىنى ئۆلچەيدۇ. بۇ دۆلەتلەردىكى دوختۇرلارمۇ مۇشۇ mg/dL غا كۆنەگلىك.
ئەمما نەتىجىدە ئالماشتۇرۇپ كەلسە، ئىككىسى ئوخشاش نەتىجە بولۇپ چىقىدۇ.
يەنى mg/dL نى بىرلىك قىلغان نەتىجىنى 18 گە بۆلسىڭىز mmol/L بولۇپ چىقىدۇ.
مەسىلەن: سىز تۈركىيەدە بىر قان شىكەر ئۆلچەش ئەسۋابىنى سېتىۋالدىڭىز. قان شىكىرىڭىزنى ئۆلچىدىڭىز، 85 چىقتى. بۇ چاغدا تەمتىرەپ كەتمەي، 18 گە بۆلسىڭىز، 4.7 چىقىدۇ. ئەمدى يۈرىكىڭىز جايىغا چۈشكەندۇ؟
سىزگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى «قان شىكەر قىممەت بىرلىكى ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى» نى ياساپ چىقتۇق. ئەگەر 80، 90، 100، 130،150 دىگەندەك سانلارنى كۆرسىڭىز سول تەرەپكە تولدۇرۇڭ. ئوڭ تەرەپتە سىزگە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك mmol/L نەتىجىسىنى ھېساپلاپ چىقىرىپ بېرىدۇ.
http://dohturlar.com/sinaq/qan-shiker-qimmiti-birliki-almashturush-mashinisi.html
قان شىكىرى قىممەت بىرلىكى سېلىشتۇرما جەدۋىلى
mmol/L | mg/dl | mmol/L | mg/dl | mmol/L | mg/dl | ||
---|---|---|---|---|---|---|---|
0.06 | 1 | 6.7 | 120 | 16.0 | 288 | ||
0.28 | 5 | 7.0 | 126 | 16.6 | 300 | ||
0.55 | 10 | 7.2 | 130 | 17.0 | 306 | ||
1.0 | 18 | 7.5 | 135 | 18.0 | 325 | ||
1.5 | 27 | 7.8 | 140 | 19.0 | 342 | ||
2.0 | 36 | 8.0 | 145 | 20.0 | 360 | ||
2.2 | 40 | 8.3 | 150 | 20.8 | 375 | ||
2.5 | 45 | 8.9 | 160 | 22.2 | 400 | ||
2.8 | 50 | 9.0 | 162 | 23.0 | 414 | ||
3.0 | 54 | 9.4 | 170 | 24.0 | 432 | ||
3.3 | 60 | 10.0 | 180 | 25.0 | 450 | ||
3.9 | 70 | 10.5 | 190 | 26.4 | 475 | ||
4.0 | 72 | 11.0 | 196 | 27.7 | 500 | ||
4.4 | 80 | 11.1 | 200 | 30.0 | 540 | ||
4.7 | 85 | 12.0 | 216 | 33.3 | 600 | ||
5.0 | 90 | 12.5 | 225 | 38.8 | 700 | ||
5.5 | 100 | 13.9 | 250 | 40.0 | 720 | ||
6.0 | 106 | 14.4 | 260 | 44.4 | 800 | ||
6.1 | 110 | 15.0 | 270 | 50.0 | 900 |
قان شىكەر قىممىتى نىمە ئۈچۈن مۇھىم؟
ھامىلىلەردە قان شىكەر قىممىتى قانچە ئەتراپىدا بولۇش كېرەك؟
ساغلام كىشىلەرنىڭ قان شىكەر قىممىتى قانچە بولۇشى كېرەك؟
بۇ سوئاللارغا تور بېكىتىمىزدىكى ماقالىلىرىمىزدە تەپسىلىي جاۋاپ تاپالايسىز. سالامەت بولۇڭ.
ئۆزگىرىش، تۈزىتىش، يېڭىلاش تارىخلىرى
2023.سەپەر (6.ئاي).22 دىكى ئۆزگىرىشلەر
- بىكەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى.
- سىستېمىدىكى بەزى مەسىلىلەر تۈزىتىلدى.
- خەتلەر تېلېفوندا نورمال كۆرۈنىدىغان قىلىندى.
2022.باھار (5.ئاي).15 دىكى ئۆزگىرىشلەر
- سىستېمىدىكى بەزى مەسىلىلەر تۈزىتىلدى.
- شىكەر قەنت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار تولۇقلاندى.
- شىكەر قىممىتى بىرلىكى سېلىشتۇرما جەدۋىلى قوشۇلدى.
2021.ئوغۇز(10.ئاي).21 دىكى ئۆزگىرىشلەر
- دەسلەپكى نۇسخىسى پۈتتى.