سىنىكنىڭ رولى

مىنېرال ماددا سىنكنىڭ ئارخىپى

ئېلېمېنت بەلگىسى: Zn

تۈرى: مىكرو ئېلېمېنت

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: سىنك ئاقسىلنى بىرىكتۈرۈشتىكى ئاساسلىق ماددا، DNAنى بىرىكتۈرۈشتىكى زۆرۈر لازىملىق ماددا. ئۇ مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشىغا قوماندانلىق قىلىدۇ، ئىنسۇلىننىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ، قاننىڭ ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش، بەدەندىكى كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدىغان ئورۇنغا ئىگە.

سىنىكنىڭ رولى

ئاساسلىق رولى: سىنك جىنسىي ئەزالارنىڭ ئۆسۈشىدىكى مۇھىم ماددا، ئۇ جىنسىي ئەزالارنىڭ نورمال يېتىلىشىنى قوغدايدۇ، مەزى بېزىنى نورمال رول ئوينايدىغان قىلىدىغان بولۇپ، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى ساقلاشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئالىملار ھايۋانلاردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بارغان تەجرىبىدە سىنك يېتىشمىگەن ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقدان ھورمۇن ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

سىنك فېرمېنت سىستېمىسى ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال ئىشلىشىنى ساقلايدىغان بىرخىل مىنېرال ماددا بولۇپ، ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىگە ۋە ئىنسۇلىننىڭ ھاسىل بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، بەدەندىكى كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ، ئۇ يەنە كوللاگېننىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ماددىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك رولى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمى ۋە سىرتقى قىسمىدىكى جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت. ئۇ يەنە خولېستېرولنىڭ جۇغلىنىشىنى ئازايتالايدۇ، پۇراش سېزىمىنى نورمال ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

تىرناقتىكى ئاق داغلارنى يوقىتىدۇ، چاچ، تىرناق، تېرە قاتارلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

ئېلىشىپ قېلىشنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ.

راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى تورمۇزلايدۇ.

مۇۋاپىق ھالدا سىنك تولۇقلىسا، يەنە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ رولىنى كۈچەيتكىلى، فىزىئولوگىيىلىك قېرىش ئېلىپ كەلگەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قالايمىقانلىشىشنى تەڭشىگىلى، بەدەننى ئەڭ ياخشى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.

ئاياللاردا ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، سىنك قوبۇل قىلىشنى ئاشۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئاساسەن تەرلەيدىغانلار، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلار، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارمۇ سىنك تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى لازىم.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى: تەم سەزگۈسى ۋە پۇراش سەزگۈسى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ئىشتىھا ناچارلىشىدۇ، تاماق تاللايدىغان، تاماقتىن بىزار بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، ئارتېرىيە قېتىشىش، قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

سۆڭەكنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئاستىلاپ، بالىلارنىڭ يېتىلىشىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى يوغىناپ، پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى چېكىنىپ كېتىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى: تاماق تاللايدىغانلار، دىئابېت كېسىلى بارلار، ياشانغانلار، ئېغىر دەرىجىدە دانىخورەك چىققانلار، جىنسىي ئىقتىدارىنى ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ياخشىلىماقچى بولغان ئەرلەر، ھەيز راۋان ئەمەسلەر، ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار، گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار، ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز بولىۋاتقانلار، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، ھۆل تەمرەتكە چىققانلار.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى: گۆش (جۈملىدىن ھايۋانلارنىڭ جىگىرى)، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى، پىۋا ئېچىتقۇسى، بۇغداي ئۇنىدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، قاتتىق پوستلىق مېۋىلەر ۋە دادۇر قاتارلىقلار.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى: يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ، نېرۋا، قان ئىشلەش ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ، مىس قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشى، ماددا ئالماشتۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ رولىنى تورمۇزلاپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، خولېستېرول تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، پايدىلىق خولېستېرول (HDL) كۆرسەتكۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، زىيانلىق خولېستېرول (LDL) كۆرسەتكۈچىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

ئەگەر كۈنىگە ئىستېمال قىلىنىدىغان سىنك مىقدارى 100 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتسە، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تورمۇزلايدۇ، 100 مىللىگرامدىن تۆۋەن بولسا، ئىممۇنىتېت رېئاكسىيىسىنى كۈچەيتىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: كۆپ تەرلىگەن چاغدا سىنك قوبۇل قىلىشنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يېمەكلىكلەر پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن تەركىبىدىكى سىنكنىڭ تەڭدىن تولىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ، سىنك تولۇقلايدىغان چاغدا پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك.

سىنك زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، مىس، تۆمۈر قاتارلىق مىكرو ئېلېمنېتلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشى، ماددا ئالمىشىشنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ.

يېمەكلىكلەردىن كېلىدىغان سىنكنىڭ %50 ى گۆشتىن كېلىدۇ، ھالبۇكى ئورۇق گۆش تەركىبىدىكى سىنك مىقدارى سېمىز گۆشنىڭكىدىن ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر، شۇڭا كالا گۆشى قاتارلىق ئورۇق گۆشلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، سىنك ئەمەلىيەتتە زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەمەس، لېكىن ئەگەر زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ياكى يېمەكلىك سىنك يالىتىلغان قاچىدا ساقلانسا، زەھەرلىنىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستېمال قىلىش مىقدارى 150 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ھەمدە يېمەكلىك ساقلايدىغان قاچىنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-19 / 09:24:21

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ