بىر قىسىم كىشىلەر ئەرلەرنىڭ يىغلىشى ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، بېشىغا ھەرقانداق ئېغىر ئىش كەلسىمۇ يىغلىماستىن ھەسرەتنى ئىچىگە يۇتىدۇ.
ئەرلەر ئاساسەن يىغلىمايدۇ، چۈنكى ئادەتتە ” ئوغۇلبالا يىغلىمايدۇ”، ” ئاچچىقنى ئىچىگە يۈتىدۇ “دەپ قارىلىدۇ. بىراق بۇ ھالەت ئۇزاققىچە داۋاملاشسا، ئەرلەر ئىچىدىكىنى سىرتقا چىقىرالمىسا، روھى جەھەتتىن يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، ئەللۋەتتە.
ئەرلەر ئىچىدىكىنى سىرتقا چىقىرىشقا تېخىمۇ مۇھتاج، دەيدىغاننى دېۋىتىپ، ئىچىنى بۇشاتقان تۈزۈك. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، روھى بېسىمدىن قۇتۇلۇشقا ئاياللارمۇ، ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ئىكەن .