مىنېرال ماددا ناترېينىڭ ئارخىپى
ئېلېمېنت بەلگىسى: Na
تۈرى: ماكرو ئېلېمېنت
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
ئادەم بەدىنىدە تەخمىنەن 90 گرام ناترىي بار بولۇپ، بارلىق ھۈجەيرىلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ كالىي بىلەن بىللە ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا ئورتاق تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئېلېكتىرولىت ماددا بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۈجەيرە ئىچى-سىرتىدىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى %80 تاترىي ھۈجەيرە سىرتىدىكى سۇيۇقلۇققا تارقالغان، %20 ى ھۈجەيرە ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ۋە يىلىككە تارقالغان، ئانرىي ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئاساسلىق رولى
مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى، نېرۋا فۇنكىسىيىسى، شېكەرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى قاتارلىق فىزىئولوگىيىلىك فونكسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسى ۋە مۇسكۇللارنىڭ نورمال ماددىلارنى قاندا ئېرىتىدۇ.
ھاۋانىڭ زىيادە ئىسسىق بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان چارچاش ياكى ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ناترىي، كالىي، خلورلار ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئېلېكترولىتلار بولۇپ، بەدەندىكى مۇسكۇللارنى تىزگىنلەشكە، نېرۋا ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تۇراقلىقلىقىۋە ماسلىقىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ. ناترىي ھۈجەيرە سىرتىدىكى سۇيۇقلۇقتا مەۋجۇت بولۇپ، ھۈجەيرە ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان كالىي بىلەن بىرلىكتە ھۈجەيرە ئىچى-سىرتىدىكى بەدەن سۇيۇقىنىڭ ۋە ئوسموتىك بېسىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقالايدۇ.
يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى
ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىچ سۈرۈش، باش ئاغرىش، ئۆسۈشى ئاستا بولۇش.
مۇسكۇللار تارتىشىش.
سۇسىزلىنىش تۈپەيلىدىن بەدەن ئېغىرلىقى يەڭگىللەپ كېتىش.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى
ئەمگەك ياكى ھەرىكەت سالمىقى ئېغىر كىشىلەر:
ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتەي دەپقالغانلار:
دائىم قۇسىدىغانلار، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر:
يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى
ئاش تۇزى، قاسىراقلىق جانلىقلار، سەۋزە، تۇزلانغان يېمەكلىكلەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى (دېڭىز يۈسۈنى، بېلىق)، ئېچىتقۇ، قىزىلچا، كوكۇس پالمىسى ۋە ئەنجۈر قاتارلىقلار.
مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى
سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ.
ئۆسۈشى ئاستا بولىدۇ.
كالىي يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.
بەدەن سۇيۇقلۇقى، قاننىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
دائىم ئىستېمال قىلىنسا يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۆرەك يۈكىنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۆرەك جەھەتتىكى كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك يېتەرلىك ناترىي بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، ئەگەر ھەقىقەتەن ئالاھىدە ئېھتىياج بولسا، دېڭىز يۈسۈنى بىخەتەر تولۇقلىغۇچى بولالايدۇ.
بەدەندىن ئۇدا كۆپلەر تەر چىققان ئەھۋالدا، ئاسانلا ناترىينىڭ ئېنىق يېتىشمەسلىكى كېلىپ چىقىدۇ، بۇنداق چاغدا تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى تۇز سۈيى ئىچىپ تولۇقلاش لازىم.
قان تولۇش مەنبەلىك يۈرەك زەئىپلىكى، جىگەر قېتىشىش ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار ناترىي ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى چەكلىشى زۆرۈر.
مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى