كىچىك تەرەت قىلغاندا دوۋسۇن سانجىلىپ ئاغرىشنى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش، تاش چۈشۈش، ئۆسمە ياكى باشقا كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئاغرىق بىمارغا بىئاراملىق ئېلىپ كېلىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

سەۋەبى:
1. سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش:مەسىلەن:دوۋساق ياللۇغى ياكى سۈيدۈك يولى ياللۇغى، بۇ يۇقۇملىنىشلارنى ئادەتتە باكتېرىيەلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، سىيگەندە سانجىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. تاش چۈشۈش:سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا شەكىللەنگەن تاش سۈيدۈك يولىنى غىدىقلاپ، سىيگەندە ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3. ئۆسمە:سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى ئۆسمە، مەسىلەن، دوۋساق راكى ياكى بۆرەك راكىمۇ سىيىش ۋاقتىدىكى ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. باشقا كېسەللىكلەر:مەسىلەن، مەزى بېزى ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىقلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:
1. بەدەن تەكشۈرۈش:دوختۇر قورساق قىسمى ۋە داس بوشلۇقىنى تەكشۈرۈپ، دوۋساقنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە ھەرقانداق بىنورماللىقنىڭ بار – يوقلۇقىنى باھالايدۇ.
2. سۈيدۈك ئانالىزى:سۈيدۈك ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۇقۇملىنىش ياكى باشقا نورمالسىزلىق بار – يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ.
3. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈش:دوختۇرلارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈشىگە ھەمدە مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بولغان تاش ياكى ئۆسمىنى بايقىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
4. CT تەسۋىر كۆچۈرۈش ياكى MRI:بۇ تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش تېخىمۇ تەپسىلىي سۈرەت بىلەن تەمىنلەپ، دوختۇرنىڭ مەسىلىنىڭ ئېنىق ئورنى ۋە خاراكتېرىنى بېكىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
5. دوۋساق ئەينىكىدە تەكشۈرۈش:بىر تال ئىنچىكە، ئۇزۇن نەيچىسىمان ئۈسكۈنىنى بەدەنگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، دوختۇر دوۋساقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللارنى بىۋاسىتە كۆزىتەلەيدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1. دورا بىلەن داۋالاش:رېتسېپسىز دورىلار، مەسىلەن، برۇفېن ياكى ئاتسېتامىنوفېنول ئاغرىق ۋە ياللۇغنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئېغىر ئاغرىققا قارىتا، رېتسىپ يېزىش كېرەك.
2. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش:بەزى ئەھۋاللار، مەسىلەن، تاش ياكى ئۆسمە قاتارلىقلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.


