ياخشىمۇسىلەر.
مەن نۇرمەمەت.
نەچچە كۈننىڭ ياقى يۈرەك توغرىلىق مەزمونلارنى سۆزلىگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى مەزموندا، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ تۈرلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
يۈرەك كېسىىلى ناھايىتى چوڭ بىر ئۇقۇم. يۈرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن كېسەللىكلەر بار. بىز ئۇيغۇرلار دائىم دەيدىغان يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قاپتۇ دىگىنىمىز، يۈرەكنىڭ جىددىي توختاپ قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ يۈرەكتىكى قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قىلىشىدىن بولۇشى مۇمكىن، يۈرەكتىكى مۇسكۇلنىڭ تۇيۇقسىز ئىشتىن توختىغان سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
ئەمدى بىرەرسى سىزگە پالانچىنىڭ يۈرەك كېسىلى باركەن دىسە، بەلكىم ئۇنىڭ سىزگە دىمەكچى بولغىنى ئەگەر ئۇ يېشى چوڭراق ئادەم بولسا، يا يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى، ياكى يۈرەك كىلاپان كېسىلى ۋە ياكى يۈرەك مۇسكۇلى يوغىناپ كىتىش كېسىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر مەلۇم كىچىك بالىدا يۈرەك كېسىلى باركەن دىسە، بۇ بالىدا بەلكىم يۈرەك بوشلۇقلىرى ئارىسىدا تۆشۈك بولۇشتەك تۇغما يۈرەك كېسەللىكىنى دىمەكچى بولۇشى مۇمكىن.
يۈرەك كېسىلى دىگەن بۇ ئۇقۇمنى 8 چوڭ تۈرگە ئايرىيمىز:
- تۇغما غەيرىلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك كېسىلى.
بۇ يۈرەك شەكلىنىڭ تۇغما غەيرى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ھامىلە ۋاقىتتا، كۆپىنچىسىنى بوۋاق تۇغۇلغاندا، يەنە بەزىلىرىنى چوڭ بولغاندا ئاندىن توغرا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. كۆپىنچە تۇغما غەيرىلىك يۈرەك كېسىلىنى دورا ھەم ئوپىراتسىيە بىلەن ساقايتقىلى بولىدۇ.
- تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى
بۇ ياشانغانلاردا بولىدىغان يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنى ئېگەللەيدۇ. بۇ كېسەللىك يۈرىكىمىزدىكى تاجىسىمان قان تومۇرلىرىنىڭ تارىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قىسمەن توسۇلۇش ياكى پۈتۈنلەي توسۇلۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇ تارىيىىش توسىلىشنىڭ سەۋەبى، ھاراق تاماكا، ئەيشى ئىشرەت ، سېمىزلىك، دىئابىت كىسىلى، قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى، ھەم ياشنىڭ چوڭىيىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
- يۇقىرى قان بېسىمى سەۋەبلىك يۈرەك كېسىلى
قان بېسىمى مەيلى قايسى سەۋەبتىن بولسۇن، ئەگەر قان بېسىمى ئۇزۇن مۇددەت نورمال سەۋىيەدە بولمىسا، دورا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن تەڭشىمىسە، يۈرەك مۇسكۇللىرى چىدىماي ئاخىرىدا ھېرىپ يوغىناپ كۈچىدىن كىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى يۇقىرى قان بېسىمى سەۋەبلىك يۈرەك كېسىلى دەپ قويىمىز.
- ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى
ئۆپكىنىڭ ئۆزىنىڭ كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن، يۈرەكتىن ئۆپكىگە كېلىدىغان قان ئېقىمىغا قارشى كۈچ ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلسا، يۈرەك مۇسكۇللىرى يوغىناپ زەئىپلىشىدۇ. بۇنى ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى دەيمىز. ئۆپكە ئۆزىنىڭ كېسىلى ئاساسلىقى سوزۇلما خاراكتىرلىك ئۆپكە توسۇلۇش كېسەللىلىرىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ كېسەللىك ئادەتتە ئۇزۇن يىل تاماكا چەككەن، ئۇزۇن يىل چاڭ توزانلىق مۇھىتتا ئىشلىگەن ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردا بولىدۇ.
- يۈرەك مۇسكۇلى يۈرەك پەردىسى ياللۇغىلىرى كېسەللىكلىرى
ۋىرۇس، مىكروپ سەۋەبلەردىن يۈرەك پەردىسى، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ ياللۇغىلىنىپ قالغاندىكى ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار ياشلاردا ۋە ئاياللاردا كۆپرەك بولىدۇ. ئىچىدە بىر يۈرەك مۇس
- رىماتىزىملىق يۈرەك كېسىلى
بۇ ئاساسلىقى بەدەننىڭ باشقا يېرىدە كۆرۈلگەن رىماتىزىملىق كېسەكلىك يۈرەكنىڭ كىلاپانىغا تەسىر كۆرسىتىپ يۈرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن بولىدۇ.
- يۈرەك ئۆسمىسى
يۈرەكتە ئۆسمە ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. بولغان تەغدىردىمۇ تەڭدىن تولىسى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولىدۇ.
- يۈرەكنىڭ قان تومۇر ئۆزگىرىش سەۋەبلىك يۈرەك كېسىلى
قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى بولۇپ كىتىش، سىفىلىز ۋىرۇسى ياكى مىكروپ يۇقۇملىنىش، تومۇر ياللۇغلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان غول قان تومۇر شەكلى ئۆزگىرىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇمۇ ھىساپتا بىر خىل يۈرەك كېسىلى.
بەزىلەر يۈرەكنىڭ ئىتتىك سوقۇش، رىتىمسىز سوقۇش، ئاستا سوقۇشلىرنىڭ ئۆزىنى يۈرەك كېسىلى دەپ چۈشىنىۋالىدۇ. بۇ يۈرەك سوقۇشىنىڭ تىز ئاستا ياكى رىتىمسىز بولۇشى، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى ھىسابلىنىدۇ.
ئەمما يۈرەك كېسىلىنىڭ ئۆزى ئەمەس. يەنە بەزىلەر بەك ھاياجانلىنىپ كەتسە، قەھۋە، چاينى كۆپ ئىچىۋەتسە، بەك كۆڭلى يېرىم بولۇپ كەتسىمۇ، تىز سوقۇپ كىتىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.
ئەمما ئەگەر ئۆيدە مىنوتىغا 150-200 ئەتراپىدا ئىتتىك سوقۇپ كىتىدىغان ئەھۋاللار بولسا، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى ۋەياكى يۈرەك كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بېرىپ بىقىش لازىم.
بۇ 8 تۈر ئىچىدىكى بەزى يۈرەك كېسىللىكلىرىگە، توغرا دىئاگنوز قويۇلمىسا، توغرا داۋالىنىش ئېلىپ بېرىلمىسا، ياكى توغرا كۈتۈنمىسە، ئاخىرىدا يۈرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرراق ئەھۋاللاردا ئۆلۈم يۈز بېرىدۇ.
مەن نۇر دوختۇر
بۈگۈنكى يۈرەك كېسەللىكلىرى تۈرلىرى لىكسىيەمىز مۇشۇنچىلىك بولىدۇ. كېيىنكى لىكسىيەلەردە، مۇشۇ يۈرەك كېسەللىكلىرى تۈرلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرىمىز.
كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار.