مەلۇم مىقداردىكى قىزىل ماشنى ئۈچتىن بىر قىسىمچىلىك گۆرۈچ كىپىكى قۇشۇپ ئىلەشتۈرۈپ،ھەر بەش گىرامنى بىر كىچىك داكىغا ئوراپ،ئۇنى قايناۋاتقان سۇغا چىلاپ ئالغاندىن كىيىن ئازراق سۇۋۇتۇپ،كىسەللىك بار ئورۇنغا كۈنىگە 2-3 قېتىم سۈرۈپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بۇلىدۇ.
![سەپكۈن، داغ ۋە دانىخورەكنى يوقىتىش ئۇسۇلى](https://dohturlar.com/wp-content/uploads/2020/10/sepkun-dagh-we-danixorekni-yoqitish-usuli.jpg)
15-30 گىرام سىمىز ئوتنى قاينىتىپ سۇۋۇتقاندىن كىيىن دانىخورەك بار ئورۇننى كۈنىگە 2-3 قېتىم يۇيۇش كېرەك.
ياكى تەسۋى قۇناقتىن كۈنىگە 40-50 گىرامنى قاينىتىپ،ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ئىچىش كېرەك. مۇشۇ ئوسول داۋاملاشتۇرۇلسا دانىخورەك ساقىيىپ كىتىدۇ.
يېڭى سىمىز ئوتنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ،سۆگەلنىڭ سىرتىغا كۆنىگە بىر قانچە قېتىم سۈرۈپ بەرسە ياكى تەسۋى قۇناقتىن كۈنىگە 40-50 گىرامنى قاينىتىپ،ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە سۆگەل چۈشۈپ كىتىدۇ.