دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم سېرىقىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان مۇھىم خام دورىلارنىڭ شىپالىق تەركىپلىرىنى قوشۇپ پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقاردۇق.

كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا چوڭلار يېزىلاردا يەرلىك ئۇسۇلدا تۇخۇم مىيى چىقىرىپ دائىم بىزگە سۈرۈپ قوياتتى. كېچىسى تولا يىغلاپ ئۇخلىمىغان بالىلارغا ماي سۈرۈپ قويسا كېچىچە تولۇق قېنىپ ئۇخلايتى. جىلىخور، يىغلاڭغۇ بولۇپ قالغان بالىلارمۇ تېتىك، جانلىق بولۇپ قالاتتى. كېچىسى سىيىپ قويىدىغان بالىلارغا سۈرۈپ قويسىمۇ ئالاھىدە پايدا قىلاتتى. تولا يۆتىلىدىغان، تېنى ئاجىز، تولا پەي تاتىشىپ قالىدىغان كىشىلەرگىمۇ بەدىنىگە سۈرۈپ، قۇياشقا قاقلىنىپ بەرسە، بەدەن يېنىكلەپ خېلىلا راھەت بولۇپ قالاتتى. ئەڭ مۇھىمى، بۇ تۇخۇم مىيىنىڭ پۇرىقى ھەرزامان بىزگە يۇرتىمىزنى، بالىلىقىمىزنى ئەسلىتەتتى.

يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىتتا سىناق قىلىش، كلىنىكىلىك كۈزىتىش، داۋالاش نەتىجىسىدە تور بېكىتىمىز نامىدا تۇنجى مەھسۇلاتىمىزنى ئىشلەپ چىقاردۇق. ھەربىر ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى بولىدىكەن. يەنە بىر ئۈمىدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق دىسەكمۇ بولىدۇ.

سىناق تەجرىبىمىزدىن ئۆتكەن ئىشەنچلىك مەھسۇلاتىمىز: دوختۇرلار ماركىلىق تۇخۇم مېيى

بۇ مېيىمىزنىڭ پايدا قىلىدىغان كېسەللىكلەرنى تونۇشتۇرۇش قىسمىغا يېزىپ قويدۇم. تېخىمۇ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولغان قېرىنداشلار مەسلىھەت سوراش ۋاتسئاپ نومۇرىغا ئۇچۇر قىلساڭلار بولىدۇ.

بىر قۇتا / 10 مىللىلېتىر / 280-300 تامچە
بىر قۇتىسى 75 لىرا

 

تۇخۇم مېيىمىز قايسى كېسەللىك ۋە ئالامەتلەرگە پايدا قىلىدۇ؟ قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟

ھۆل تەمرەتكە:

  • ھۆل تەمرەتكە پەيدا بولغان تېرە ئۈستىگە كۈندە 2 قېتىم سۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

 

سوغۇقتىن بولغان يۆتەل

  • بويۇن ئالدى، مەيدە ئوتتۇرا، ئۈست دۈمبە، ئىككى قۇلاق ئارقىسى، پىشانىنىڭ ئوتتۇرىدىن بۇرۇن ئىككى تەرىپى قىسىملارغا سۈرۈلىدۇ.
  • كۈندە 2قېتىم، ھەر قېتىم ھەربىر ئورۇنغا 1-2 تامچە تىمىتىپ سۈرۈلىدۇ.
  • ئاخشام ۋەيا ئۇخلاۋاتقاندا كۆپ يۆتەلسە، يۇقارقى ئورۇنلارغا ماي سۈرۈلۈپ بولۇپ يوتقانغا چۈمكىنىپ ياتسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
  • كۈندۈز ۋاقىتلىرىدا، ماي سۈركەپ بولۇپ، ئاپتاپقا 15-30 مىنۇت ئارىلىقىغىچە قاقلىنىپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

 

زىققە مەنبەلىك قۇرۇق يۆتەل

  • بويۇن ئالدى، مەيدە ئوتتۇرا، ئۈست دۈمبە، ئىككى قۇلاق ئارقىسى، پىشانىنىڭ ئوتتۇرىدىن بۇرۇن ئىككى تەرىپى قىسىملارغا سۈرۈلىدۇ.
  • كۈندە 2قېتىم، ھەر قېتىم ھەربىر ئورۇنغا 1-2 تامچە تىمىتىپ سۈرۈلىدۇ.
  • ئاخشام ۋەيا ئۇخلاۋاتقاندا كۆپ يۆتەلسە، يۇقارقى ئورۇنلارغا ماي سۈرۈلۈپ بولۇپ يوتقانغا چۈمكىنىپ ياتسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
  • كۈندۈز ۋاقىتلىرىدا، ماي سۈركەپ بولۇپ، ئاپتاپقا 15-30 مىنۇت ئارىلىقىغىچە قاقلىنىپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

 

كېچىدە سىيىپ قويۇش

  • كىندىك، دوۋسۇن، تۆۋە بەل (قۇيرۇق سۆڭەك ئەتراپى)، ئىككى بېقىن، ئىككى چات يېرىق، ئىككى تىز ئارقىسى، پاچاقنىڭ ئىچ قىسىملىرى، پۇتنىڭ ئۈستى، پۇت ئالقىنى قىسىملىرىغا سۈرۈلىدۇ.
  • كۈندە 2قېتىم، ھەر قېتىم ھەربىر ئورۇنغا 1-2 تامچە تىمىتىپ سۈرۈلىدۇ.
  • كۈندۈز ۋاقىتلىرىدا، ماي سۈركەپ بولۇپ، ئاپتاپقا 15-30 مىنۇت ئارىلىقىغىچە قاقلىنىپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
  • ئاخشاملىرى يۇقارقى ئورۇنلارغا ماي سۈرۈلۈپ بولۇپ يوتقانغا چۈمكىنىپ ياتسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

 

گىموروي

  • مەقەت گېموروي گۆش ئۆسۈكچىسى ئۈستىگە ۋە شۇنىڭ ئەتراپىغا كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىم 1-2 تامچە سۈرۈلىدۇ.

 

مەقەت يېرىقى

  • مەقەت يېرىقى ئۈستىگە كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىم 1-2 تامچە سۈرۈلىدۇ.

 

سوغۇقتىن بولغان پاقالچاق پەي مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىش

  • پاقالچاق مۇسكۇل قىسىمغا ئۈستىگە كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىم 1-2 تامچە سۈرۈلىدۇ.

 

سوغۇقتىن بولغان تىز، بەل ئاغرىقلىرى

  • ئىككى تىزنىڭ ئالدى، ئەتراپى، ئارقا قىسمىغا، بەل قىسىمغا كۈندە 2 قېتىم، ھەربىر ئورۇنغا 1-2 تامچە تىمىتىلىپ سۈرۈلىدۇ.

 

سوغۇقتىن بولغان كىچە بەدەن بىئارامسىزلىق

  • بەدەننىڭ ئاغرىق نۇقتىلىرىغا كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىم 1-2 تامچە تىمىتىلىپ سۈرۈلىدۇ.

 

بالىلارنىڭ كېچىدە ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق، تولا يىغلاش

  • بىر ياشتىن چوڭ بولغان بالىلار كېچىسى تولا يىغلاپ ئۇخلىمىسا، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپى، پىشانىنىڭ ئوتتۇرى، قۇلاق ئارقىسى، قۇلاقنىڭ ئۈستى، قۇلاقنىڭ ئالدى، بويۇن ئالدى كەينى، كۆكرەك ۋە دۈمبە قىسمى، كىندىكى ئەتراپى، قۇيرۇق سوقۇمى ، جەينەك ئىچى، دىزنىڭ ئارقىسى ،تىزنىڭ ئۈستى، پۇتنىڭ ئاستىغا  سۈرۈلىدۇ.
  •  يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ھەربىر ئورۇنغا 1-2 تامچە تىمىتىپ سۈرۈلىدۇ.
  • كۈندۈز ۋاقىتلىرىدا، يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ئورۇنلارغا، ماي سۈركەپ بولۇپ، ئاپتاپقا 15-30 مىنۇت ئارىلىقىغىچە قاقلىنىپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
  • ئارقا ئارقىدىن 3 كۈن داۋام قىلدۇرسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

 

چاچ چۈشۈش، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش، چاچ ئۈنمەسلىك

  • دائىرىلىك چاچ چۈشۈش، ياكى چاچ ئۈنمىگەن بىمارلارغا ئايرىم تەييارلانغان تۇخۇم مېيىمىزنى چاچ ئۈنمىگەن ياكى چاچ چۈشۈپ كەتكەن ئورۇنغا سۈركەپ لۆڭگە بىلەن باش قىسىم يۆگىلىپ تۇرىدۇ.

 

كۈچسىزلىك، بىغەملىك، ۋەيا كېسەل بولمىغانلارنىڭ بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن:

  • ھۆل، نەم، سوغۇق ھاۋا (جۇغراپىيەلىك دېڭىزغا يېقىن رايون شەھەر، نەم سوغۇق ئۆي… ) سەۋەبلىك بەدەن ئېغىرلىشىش، ئاۋاز توملىشىش، تولا ئۇخلايدىغان بولۇپ قېلىش، تىلى كالۋالىشىش، بەدەننىڭ ھۆل سوغۇقى ئېشىپ كېتىش، ۋەيا كېسەل بولمىغان تەغدىردىمۇ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپى، پىشانىنىڭ ئوتتۇرى، قۇلاق ئارقىسى، قۇلاقنىڭ ئۈستى، قۇلاقنىڭ ئالدى، بويۇن ئالدى كەينى، كۆكرەك ئوتتۇرى ۋە دۈمبە قىسمى، كىندىكى ئەتراپى، ئىككى بېقىن، قۇيرۇق سوقۇمى ، جەينەك ئىچى، تىزنىڭ ئارقىسى ، تىزنىڭ ئۈستى،پاقالچاق بۆلجۆڭ گۆشكە ، پۇت بارماقلىرى ئارىسىغا، پۇتنىڭ ئاستىغا  سۈرۈلىدۇ.
  • بىر ياشتىن چوڭ بالىلار، ياشلار، چوڭلار، ياشانغانلار يۇقارقى ئۇسۇلدا ئىشلەتسە بولىدۇ.
  • يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ھەربىر ئورۇنغا 1-2 تامچە تىمىتىپ سۈرۈلىدۇ.
  • كۈندۈز ۋاقىتلىرىدا، يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ئورۇنلارغا، ماي سۈركەپ بولۇپ، ئاپتاپقا 15-30 مىنۇت ئارىلىقىغىچە قاقلىنىپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
  • 3-5 كۈندە بىر قېتىم قىلسا بولىدۇ.

 

كىملەر ئىشلەتسە بولمايدۇ؟

  1. بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارغا كۆپ ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
  2. سول كۆكرەك، يەنى يۈرەك قىسىمغا قىلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
  3. تۇخۇم سېرىقىغا زىيادە رىئاكسىيە كۆرۈلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
  4. تېرىدىكى ئېچىلغان ۋەيا ئېغىر ياللۇغلانغان، يىرىڭ تولغان يارىلارنىڭ ئۈستىگە ئۇدۇل ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
  5. كۆزنىڭ ئىچىگە تىمىتىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
  6. مەزكۈر مەھسۇلاتىمىزنى ئىچىشكە بولمايدۇ.

 

مىدىرلاپلا تۇرساق، تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد ئارزۇلىرىمىز ئەمەلگە ئاشقۇسى.

ھۆرمەت بىلەن:
نۇرمەمەت دوختۇر

زاكاس قىلىش ۋە سوراش نومۇرى:
+905070515119

تۇخۇم مېيىنىڭ ھىدى
بالىلىقىمنىڭ ئەسلىمىسى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
1
+1
5
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-03-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-03-16 / 09:26:57

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ