ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاقلاردىكى ئاي-ئاي ئۆزگىرىشلەرئىككى 2 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

ئىككى 2 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇ فىلىمدە بىز تۇغۇلۇپ 2 ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سىزلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىمىز.

2 ئايلىق بولغان ساغلام بوۋاقلارنىڭ بەدەن سانلىق ئۇچۇرلىرى

  • 2 ئايلىق ساغلام بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى:  37 – 41.3 سانتىمېتىر بولىدۇ.
  • بوي ئۇزۇنلۇقى:  54.7 – 62.2 سانتىمېتىر بولىدۇ.
  • بەدەن ئېغىرلىقى:  4400 – 7000 گىرام بولىدۇ.

 

2 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەندىكى ئۆزگىرىشلىرى

2 ئايلىق بوۋاق كۈندە 12-15 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلىشى مۇمكىن، ئېغىرلىقى ھەر ھەپتىدە 150-200 گرام ئېشىپ ماڭىدۇ، كۈندۈزى 3-3.5 سائەتتە بىر قوسقى ئاچىدۇ، كېچىسى 4-5 سائەتتە بىر قوسقى ئاچىدۇ. بوۋاق كۈندە 3-4 قىتىم چوڭ تەرەت قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئايدىكى بوۋاق دۈمچىلەپ ياتقاندا، بېشىنى كۆتۈرەلەيدۇ. بېشىنى تىك تۇتۇشقا ئامراق بولىدۇ. مىدىرلاۋاتقان جىسىملەرنى 180 گىرادۇس بېشىنى ئوڭ سولغا بۇراش ئارقىلىق قارىيالايدۇ. جىسىملەرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدە يوق بولغان نۇقتىغا تىكىلىپ قارايدۇ. ( مەسىلەن بىر كىشى ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەندە ئىشىككە تىكىلىپ قارايدۇ. ) ئاپىسىنى تونۇشقا باشلايدۇ. كۆزىڭىزگە تىكىلىپ قاراشقا باشلايدۇ. كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق مەمنۇن بولغىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. ئۆزىگە خاس بولغان ئاۋازلارنى چىقىرالايدۇ.

 

 2 ئايلىق بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:

  1. بۇ ئايدىكى بوۋاقنى 24 سائەت ئىچىدە جەمئىي 6-10 قېتىمغىچە ئەمزىرسىڭىز بولىدۇ.
  2. بوۋاقلار ئىتتىك ئۆسىدىغان بولغاچلا، تۆمۈر ۋە ۋىتامىن د تولۇقلاپ بېرىڭ. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى دوختۇر ياكى دورىگەر بوۋىقىڭىزغا ئۇيغۇن بولغان ۋىتامىن دورىسىنى دەپ بېرىدۇ.
  3. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە 2.ئايلىق ۋاكسىنىلىرىنى ئەملەشكە چاقىرىدۇ. ئەگەر چاقىرماي قالسا، چوقۇم بېرىپ سوراپ بېقىڭ. بۇ ئايدا مۇھىم بولغان تۇبىركۇليۇز ۋاكسىنىسى، بەش بىرلەشتۈرۈلگەن ۋاكسىنا، ۋە ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىنىشى مۇمكىن.
  4. ئەگەر بۇ ئايغا كىرگۈچە، بوۋاقتا ھىچ كۈلۈمسىرەش بولمىسا، بەدەندە قايتىدىن سېرىقلىق پەيدا بولسا، بەدەننىڭ بىر تەرىپىنى يەنە بىر تەرىپىگە نىسبەتەن ئاز ھەرىكەت قىلسا، بارماقلىرىنى مۇشتۇم شەكىلگە تۈگۈۋېلىپ ھىچ ئاچمىسا، شۇنچە پەپىلىسىمۇ ھىچ جىم بولماي يىغلاۋەرسە ياكى ئىشتىھاسى زىيادە تۆۋەنلەپ كەتسە، بوۋاق كىچىك تەرىتى ۋە چوڭ تەرىتىدە بىنورمال قان ياكى بىنورمال پۇراق بولسا دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ.

 

قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىنمۇ ئانا يېزىقىمىز ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلانغان بوۋاق بالىلارنىڭ بەدەن يېتىلىشى جەدۋىلى ۋە باشقا ياخشى پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاپالايسىز. جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بۇ فىلىمنى پايدىلىق ھېس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ ھەم قانىلىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغا تارقىتىپ قويۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-04-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-04-24 / 08:51:25

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ