ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرقىزىقارلىق ئۇچۇرلارمېڭە ئۆزەك كۆچۈرگەن بىمار CS ئوينىيالايدىغان ۋە CAD دە رەسىم سىزالايدىغان بولدى

مېڭە ئۆزەك كۆچۈرگەن بىمار CS ئوينىيالايدىغان ۋە CAD دە رەسىم سىزالايدىغان بولدى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

نېۋرالىنك خەۋىرى ، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى:

نېۋرالىنك ( Neuralink ) ئىككىنچى تەجرىبە بىمارى CS ئويۇن ئوينىيالايدىغان بولدى ،كومپىيوتېردا CAD ئارقىلىق رەسىم سىزالايدىغان بولدى.

مېڭە ئۆزەك كۆچۈرگەن بىمار CS ئوينىيالايدىغان ۋە CAD دە رەسىم سىزالايدىغان بولدى

بۇ بىمارنىڭ ئىسمى ئالېكس ( Alex ) ،ئاپتوموبىل تېخنىك ئۇستىسى بولۇپ ، تاساددىپىيلىق سەۋەبىدىن بەل ئومۇرتقا يىلىكى يارىلانغان ئىدى. ئالدىنقى ئايدا نېۋرالىنك ( Neuralink ) شېركىتىنىڭ مېڭە ماشىنا ئۇلاش ئۆزەك ئوپىراتسىيىسىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئوپېراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ ، ئەتىسى دوختۇرخانىدىن چىققان . دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانىمۇ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان.

ئالېكس ھازىر «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قەھرىمانى» 2 نى ئويناۋاتىدۇ

نېۋرالىنك ئوپىراتسىيىسىدىكىن كېيىنكى مەزگىلدە ئالېكس ( Alex ) ئىزچىل تۈردە ئېلېكترونلۇق ئويۇن ئويناش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە دېققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن ھەمدە كومپيۇتېر لايىھىلەش يۇمشاق دېتالى ( CAD ) ئارقىلىق 3D ئوبيېكتى لايىھىلەشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.

ئىككىنچى بىمار ئوپېراتسىيەدىن ياخشى بولغاندىن كېيىن، ماسك : «ئەگەر ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولسا، بىر نەچچە يىل ئىچىدە نەچچە يۈز ئادەم نېۋرالىنك ( Neuralink )  ئىشلىتىشى مۇمكىن، بەش يىل ئىچىدە نەچچە ئون مىڭ ئادەم بولۇشى مۇمكىن،10 يىل ئىچىدە نەچچە مىليون ئادەم بولۇشى مۇمكىن ……» دېدى.

تۇنجى نېۋرالىنك مېڭە ئۇلاش ئېغىزى ئۆزەك كۆچۈرگۈچى نولاند ( Noland ) دە ئۈسكۈنىنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىسى كۆرۈش سىزىقى چۈشۈپ كېتىش مەسىلىسى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ مېڭە ئۇلاش ئېغىزى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، نولاندنىڭ ئېيتىشىچە ،ئۇ تەپەككۇر ئارقىلىق كومپيۇتېرنى كونترول قىلىپ نۇر بەلگىسىنى يۆتكەشنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش سىلىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان. ئەينى چاغدا نولاند، نېۋرالىنك شېركىتى ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكىۋەتمەكچى دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كۆز يېشى قىلغان ئىدى. نولاند ئۇ چاغدا مۇنداق دىگەن ئىدى : ئۇلار ( نېۋرالىنك شېركىتىنى دىمەكچى ) پەقەت بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاشنىلا بىلىدۇ ، ئاندىن زېھنىنى كېيىنكى كۆچۈرۈلگۈچىگە قاراتماقچى.

ھازىر نولاند مېڭىسىدىكى ئۈسكۈنە سىمى تۇراقلاشقان ، مېڭىسىگە كۆچۈرۈلگەن ئۈسكۈنە ئىقتىدارىمۇ ئەسلىگە كەلگەن. ھازىر ئۇنىڭ مېڭە ئۇلاش ئېغىزى ئارقىلىق كومپيۇتېر مائۇسنىڭ يۆتكىلىشىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئىلگىرىكى دۇنيا رېكورتىدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ كەتتى. ئىككىنچى قېتىم كۆچۈرۈلگۈچىنىڭ سىم ماتېرىيالىنىڭ تارىيىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن ، نېۋرالىنك ئوپېراتسىيە جەريانىدا چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتىنى ئازايتىش ھەمدە كۆچۈرۈلگەن ماددا بىلەن چوڭ مېڭە سىرتقى يۈزى ئارىسىدىكى بوشلۇقنى ئازايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل پەسەيتىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. ھازىرغىچە ئالېكس نېرۋا ئېلېكتىر قۇتۇپى سىمىنىڭ چۈشۈپ كېتىشتەك مەسىلىسىگە دۇچ كەلمىدى.

ماسك مەلۇم بىر بىۋاستە كۆرسىتىشتە ئۆزىنىڭ مۇنداق بىر ئۈمىدىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ماسك مۇنداق دېگەن ئىدى : مېڭە ئۇلاش ئېغىزىنىڭ ئاخىرقى نىشانى AI بىلەن ئىنسانلارنى بىرلەشتۈرۈش بولۇپ، ئەگەر بەزى كىشىلەر بىلىكى ياكى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالسا، نېۋرالىنك شېركىتى ئۆزەك كۆچۈرۈش جەريانىدا Optimus ماشىنا بىلىكى ياكى پۇتىنى تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ . بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ بۇيرۇقى ئۇلارنىڭ ماشىنا ئادىمىنىڭ بىلىكى ياكى پۇتىغا يېتىپ بارىدۇ.

نېۋرالىنك ئىككىنچى قېتىملىق تەجرىبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن ،ماسك يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : نېۋرالىنك شېركىتى باشقا بىر خىل مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ،ئەمالارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

تۆۋەندىكى ئادرىستىن، ئىككىنچى ئۆزەك كۆچۈرگۈچى بىمارنىڭ كومپىيوتېردا CS ئويۇنى ئوينىغان ۋاقتىنى ۋە CAD بىلەن رەسىم سىزغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.
https://neuralink.com/blog/prime-study-progress-update-second-participant

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-22 / 10:08:16

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ