بويۇن ئومۇرتقىسىنى چېنىقتۇرۇش ھەممە كىشىلەرگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ تەنھەرىكەت تېببىي مۇتەخەسسىسلىرى تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلەرنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىنى چېنىقتۇرماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
1. قىزىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەنلەر.
2. تىنچ تۇرغان ۋاقتىدىكى تومۇر سوقۇشى 100 قېتىمدىن يۇقىرىلار.
3. كېڭىيىش بېسىمى 120mm سىماب تۆۋرۈكىدىن يۇقىرىلاپ، بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلار.
4. تارىيىش بېسىمى 100mm سىماب تۆۋرۈكىدىن تۆۋەنلەپ، بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلار.
5. يۈرەك ئىقتىدارى ياخشى ئەمەسلەر ھەمدە يۈرەك مەنبەلىك زىققا، نەپەسلىنىشى قېيىن بولغانلار، كۆكرەك، قورسىقىغا سۇ چۈشكەنلەر.
6 . يېقىنقى مەزگىلدە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كۆرۈلگەنلەر.
7. ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك رېتىمسىزلىق كۆرۈلگەنلەر.
8. تىنچ تۇرغان ۋاقىتتىمۇ يۈرەك سانجىقى كۆرۈلگەنلەر.
9. بەدەن ساپاسى ئالاھىدە ئاجىزلار.
10. بويۇن ئومۇرتقا ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغىنىغا 3 ئاي توشمىغانلار.
ئۇنىڭدىن باشقا، بويۇن ئومۇرتقىسىنى چېنىقتۇرغاندا ھەرىكەت مىقدارى ئېشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، بويۇن ئومۇرتقىسىدا تېزلىكتە چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بولۇپمۇ، يۇلۇن تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بىمارلىرى بويۇن ئومۇرتقىسىنى چېنىقتۇرغاندا بەك ئېغىر ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى تېزلىشىپ كېتىدۇ. ئاسانلا ئايلىنىپ كېتىدىغان ئومۇرتقا ئارتېرىيە تىپىدىكى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بىمارلىرىمۇ كەڭ دائىرىدە بويۇن ھەرىكىتى قىلسا بولمايدۇ. چۈنكى ئومۇرتقا ئارتېرىيىسىنى باسسا، كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، ھەتتا خەۋپ پەيدا قىلىدۇ.