تۇخۇم يېغى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

تەييارلاش ئۇسۇلى: يەرلىك توخو تۇخۇمىنى سۇدا پىشۇرىمىز، تۇخۇم تولۇق پىشقاندىن كېيىن، ئاندىن تۇخۇم سېرىقى ئايرىپ ئېلىپ، قۇرۇتىمىز. ئاندىن ئۇششاق ئېزىمىز. ئۇۋاقلىنىپ ئېزىلگەن تۇخۇم سېرىقىنى تەكشى يۈزلۈك تاۋا ياكى قوغۇشۇن قازاندا قىزىتىمىز. تۇخۇم سېرىقى كۆيۈپ كۈچلۈك تۇخۇم سېرىقى پۇرىقى كېلىشكە باشلىغاندا، ئوتنى توختىتىپ، تۇخۇم يېغى (تۇخۇم مېيى) يىغىۋالىمىز. قالغان تۇخۇم سېرىقى ئۇۋاقلىرىنى داكىدا سىقىش ياكى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈش شەكىلدە قالغان ياغلارنىمۇ يىغىۋالىمىز.

تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى: زەھەر قايتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى: تېرە ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە، كالا تەمرەتكىسى، تاز ، نەم سوغۇق ئېشىپ كېتىش سەۋەبلىك قۇرۇق يۆتەل، ئۇيقۇدا سىيىپ قويۇش … قاتارلىق كېسەللىكلەردە يەرلىك ئورۇن ياغلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى: تۇخۇم سېرىقى ماي، تۇخۇم سېرىق مېيى
باشقا تىللاردا ئاتىلىشى:
ئىنگىلىزچە: Egg oil, egg yolk oil
تۈركچە: yumurta yağı, yumurta sarısı yağı
خەنزۇچە: 鸡蛋油, 凤凰油

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-03-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-02 / 07:08:32

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ