ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىقئۇخلاش ئادىتى ۋە ساغلاملىق

ئۇخلاش ئادىتى ۋە ساغلاملىق

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئادەم ھاياتىنىڭ 1 3 ئۈلۈشكە يېقىن بۆلىكى ئۇخلاش بىلەن ئۆتىدۇ، چۈنكى يېتەرلىك ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى، بىراق ئۇخلىغان چاغدىكى كىچىككىنە بىر ئادەتنىڭ قىلچە پايدىسى يوقلۇقىنى، بۇ ئادەتنىڭ چىراغنى ئۆچۈرمەي ئۇخلاش ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار يوق بولسا كېرەك

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى:«ھۇجرىنىڭ چىرىغى يېنىق بولسا ھەمدە ئادەم قاراڭغۇدا ئۇخلىيالمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەت ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ، قېنىدىكى ياغنى كۆپەيىتىۋېتىدۇ، ھەتتا قېنىپ ئۇخلاش مەقسىتىگە يەتكۈزمەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاستە زىيان سالىدىغان ئامىللار».

ئۇنداق بولسا جۇڭگولۇق دوختۇرلار بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ؟ دۆلىتىمىزدىكى دوختۇرلارنىڭ يەكۈنىدە مۇنداق قۇرلار بار: ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ئىچكى ئاجرالما ئاجرىتىدىغان بىر ئەزا بار، ئۇنىڭ ئىسمى مېڭە ئۈستى بېزى. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئادەمنىڭ بەدىنى ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىنتايىن كۆپ مىقداردا مېلانىن ئىشلەپچىقىرىش. مېلانىن دېگەن بۇ نەرسە ئادەم بەدىنىدىكى سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ زىيادە جانلىنىشىنى تىزگىنلەپ، يۈرەكنىڭ خاتىرجەم ئارام ئېلىشىغا شارائىت ھازىرلايدۇ، شۇنداقلا راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

مېڭە ئۈستى بېزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، پەقەت كۆز نۇرنى كۆرسىلا، مېلانىن ئاجرىتىش خىزمىتىنى توختىتىدۇ، مېلانىنمۇ رولىنى جارى قىلدۇرمايدۇ. قاپاقنىڭ نۇرنى توسۇش رولى دېگەندەك تولۇق ئەمەس، شۇڭا چىراغ ياندۇرۇلسىلا كۆز يەنىلا بۇ نۇرنى سېزەلەيدۇ. شۇڭا چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇخلاش مېلانىننىڭ ئاجرىلىشىنى توسقانغا باراۋەر، بۇنىڭ نەتىجىسى ئۇيقۇ سۈپىتىگە زىيان سېلىش بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى زىيادە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بىراق چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇخلاشنىڭ زىيىنى پەقەت بۇلا ئەمەس، بۇنى مۇنۇ نۇقتىلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

ئۇيقۇ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ: چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇخلاش ئەمەلىيەتتە نۇر بېسىمى پەيدا قىلغانغا باراۋەر، بۇ بېسىم ئۇزاق داۋام قىلسا كەيپىيات مۇقىم بولمايدۇ، ئۇخلاش ۋاقتى قىسقىراپ، قېنىپ ئۇخلاشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

كۆرۈش قۇۋۋىتىگە زىيان سالىدۇ: چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇخلاش يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىدۇ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ كۆز تور پەردىسىنى جانلاندۇرىدىغان سىستېمىنىڭ قوزغىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ، كۆرۈش تور پەردىسىگە زىيان سالىدۇ. چىراغ نۇرى قانچە كۈچلۈك بولسا، بۇ زىيان شۇنچە ئېغىر بولىدۇ.

بالىلارنىڭ بويى ئۆسمەيدۇ: بالىلار ئۇخلاۋاتقان چاغدا بەدەن ئۆسۈش ھورمۇنى ئاجرىتىدۇ، چىراغ يانغان ھامان بۇ خىل ھورمۇن ئاجرىلىشتىن توختايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ بويىمۇ ئۆسۈشتىن توختايدۇ.

ئاخىرىدا ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، بىز دەۋاتقان چىراغ ئادەتتە ياندۇرىدىغان چىراغ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاشۇ ئىنتايىن ئاجىز يانىدىغان چىراغلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى كارىۋات بېشى چىرىغى دېگەندەك، يەنە سافادا تېلېۋىزورنى ئۆچۈرمەيلا ئۇخلاپ قالغاننىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇنداق نۇر ئاستىدا ئۇخلاش ساغلاملىققا زىيان سالغان بىلەن باراۋەر.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-11-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-10-22 / 06:35:22

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ