ئانا سەھىپەساغلاملىقۋىتامىنلەر ۋە مىنىرال ماددىلارۋىتامىن ئىستېمال قىلىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى

ۋىتامىن ئىستېمال قىلىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلار قۇۋۋەت دورىسى، كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم بولۇپ، قوشۇمچە تەسىرى ئاز، بىخەتەر دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلارنى كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنى يېگەندەك خالىغانچە يەيدۇ. ئىستېمال قىلىشى قانۇنىيەتسىز بولۇپ، بەزىدە تاماقتىن بۇرۇن يېسە، بەزىدە تاماقتىن كېيىن يەيدۇ. كۆپ ساندىكى دوختۇرلارمۇ ۋىتامىننى زادى قايسى ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىش كېرەكلىكىنى بىمارلارغا ئېنىق ئېيتمايدۇ.

ۋىتامىن ئىستېمال قىلىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى

ئەمەلىيەتتە، ۋىتامىن ئىستېمال قىلىشتىمۇ دورا ئىستېمال قىلىشقا ئوخشاشلا بەلگىلىك بەلگىلىمە، تەلەپ ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بولىدۇ. مۇتەخەسىسلەر، ئادەمنىڭ بەدەن قۇرۇلمىلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋىتامىنلارنى تېخىمۇ تولۇق قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئومۇمەن تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىش لازىم، تاماقتىن بۇرۇن ياكى ئاچ قورساق چاغدا ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ كۆرسىتىدۇ.

سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار ئاساسلىقى ئادەمنىڭ كىچىك ئۈچىيى تەرىپىدىن سۈمۈرىلىدۇ، ئەگەر ئاش قورساق چاغدا ياكى تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىنسا، ۋىتامىن تېزلا ئاشقازان ئۈچەي يولىدىن ئۆتۈپ، ئادەم بەدىنى تولۇق سۈمۈرۈپ پايدىلىنىشتىن ئىلگىرىلا گەندە سۈيدۈك بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىپ ئىستېمال قىلىنغان ۋىتامىننىڭ كۆپ قىسمى ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ؛ ۋىتامىن تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنسا ئاشقازان ئۈچەي يولىدا يېمەكلىك بولغانلىقتىن، ۋىتامىن ئاشقازان ئۈچەي يولىدىن ناھايىتى ئاستا ئۆتىدۇ-دە، بەدەنگە تولۇق سۈمۈرۈلۈپ، ئىستېمال قىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.

مەسىلەن: ۋىتامىن 1B، 2B ۋە ۋىتامىن 6B نى ئاچ قورساق چاغدا ئىستېمال قىلسا پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنسا بەدەنگە سۈمۈرۈلىش نىسپىتى مۇقىم بولىدۇ. بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى دورا مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۈز سىزىق بويىچە ئاشىدۇ.

ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار (مەسىلەن: ۋىتامىن A، ۋىتامىن D، ۋىتامىن E ) پەقەت ياغدا ئېرىگەندىلا ئاندىن ئاشقازان ئۈچەي شىللىق پەردىسى تەرىپىدىن سۈمۈرىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى جەزمەن تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىش لازىم.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ياغدا ئېرىيدىغان ۋېتامىنلارنى ھەركۈنى 3 ۋاق ئىستېمال قىلىش كېرەك. چۈنكى ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار ئاسانلىقچە سۈيدۈك بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ، ئەگەر ئۈچ تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنسا، ئۇ بەدەندە رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرالايدۇ.

دائىم ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋىتامىن E نى سەھەردە يۈگۈرۈشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە، ياكى سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسپىت مىنىش قاتارلىق ھەركەتلەرنى باشلاشتىن 6 سائەت بۇرۇن ئىستېمال قىلىش لازىم.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ