ۋىتامىن K نىڭ رولى

ۋىتامىن K نىڭ ئارخىپى:

باشقىچە ئاتىلىشى: قان توختاتقۇچى ۋىتامىن، قان ئويۇتقۇچى ۋىتامىن، قاناشقا قارشى ۋىتامىن.

ۋىتامىن K نىڭ رولى

تۈرى: ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن.

قىسقىچە تونۇشۇرۇش: ۋىتامىن K قاننىڭ ئۇيۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ بىرى، ترومبوگېننىڭ شەكىللىنىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددىدۇر. ۋىتامىن K ئۈچ خىل بولىدۇ، يەنى ۋىتامىن K، ۋىتامىن 2K، ۋىتامىن K3. ئادەتتە ئىشلىتىشتە، كىشىلەر ئۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋىتامىن K دەپ ئاتايدۇ.

ۋىتامىن K مۇ ئادەم بەدىنىدە ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيىلەر تەرىپىدىن بېرىكتۈرۈلىدىغانلىقتىن، ئۈچەي يولىدا كېسەللىك بار ياكى ئۇزۇن مۇددەت دورا ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان بىمارلارنىڭ ئالاھىدە تولۇقلاپ تۇرۇشى زۆرۈر بولغاندىن باشقا، ئادەتتىكى كىشىلەردە ۋىتامىن K يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.

ئاساسلىق رولى: قاناشقا قارشى تۇرىدۇ.

ۋىتامىن قاننى ئۇيۇتىدىغان بىر خىل ئۇزۇقلۇق ماددا بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن قاناشقا قارشى تۇرۇش رولى كونكرېت قاننىڭ ئۇيۇش جەريانىغا، ئېنېرگىيىنىڭ ئالمىشىشىغا ۋە ئورگانىزم توقۇلمىلىرىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشتا ئىپادىلىنىدۇ.

زەخىملىنىپ قان چىققاندا ياكى ياللۇغلىنىپ ئىچكى قاناش كۆرۈلگەندە، ئەگەر قان ئۇيۇمايدىغان بولسا، ئادەم بەدىنىدىكى قان توختىماي ئېقىپ كېتىۋېرىدۇ. ۋىتامىن K يېتىشمەسلىكنىڭ ئەڭ روشەن ئالامىتى شۇكى، ئادەم بەدىنىنىڭ قاننى ئۇيۇتۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ، بەدەننىڭ كۆپ يېرىدە قاناش كۆرۈلىدۇ، ھەتتا باش ئىچى قاناپ، ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

قاننى ئۇيۇتۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش كۆپىنچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۈچەي يولىدىكى نورمال باكتېرىيە توپى ۋىتامىن K نى بىرىكتۈرۈپ، ئورگانىزمنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىن ئېتىدۇ، ئەمما بوۋاقلار يېڭى تۇغۇلغان چاغدا ئۈچەي يولىدا باكتېرىيە يوق بولۇپ، ۋىتامىن K نىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى ئىنتايىن ئاز (يوق دېيەرلىك) بولىدۇ. شۇڭا دوختۇرلار كۆپىنچە ئەھۋالغا قاراپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ۋىتامىن K نى ئوكۇل قىلىدۇ.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ۋىتامىن K يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قاناشتا ئۈچ خىل ئەھۋال بولىدۇ.

يەنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى بالدۇر يۈز بەرگەن قاناش (بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە يۈز بېرىدۇ).

تىپىك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاناش (كۆپىنچە بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى 1-7 كۈن ئىچىدە يۈز بېرىدۇ).

كېچىكىپ پەيدا بولغان قاناش ( ئادەتتە بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى سەككىز كۈندىن 12 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بېرىدۇ).

ۋىتامىن K يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قاناش بوۋاقلارنىڭ تېنىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە يۈز بېرىۋېرىدۇ، لېكىن بالدۇر يۈز بەرگەن قاناش باش قىسمىدا قانلىق ئىششىق پەيدا بولغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. كېچىكىپ يۈز بەرگەن قاناش باش ئىچى قانىغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. باش ئىچى قاناش ۋىتامىن K يېتىشمەسلىك كېسىلىنىڭ ئەڭ ئېغىر كلىنىكىلىق ئالامىتى بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە مېيىپ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەپتۇر.

سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.

ۋىتامىن K سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. تەتقىقات ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ھەركۈنى ۋىتامىن K نى مۇۋاپىق ئۆلچەمدە ئىستېمال قىلىپ بەرگەن ئاياللارنىڭ سۆڭىكى تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ يوقىلىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %30 تۆۋەنلىگەن.

شەقىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.

ۋىتامىن K ھەرخىل تىپتىكى شەقىقە (باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش) نىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قىممىتى شەقىقىنى داۋالايدىغان باشقا دورىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

يېتىشمەسلىك ئالامىتى:  ئاسانلا قاناش يۈز بېرىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا قاناش كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: قان قۇسىدۇ ياكى كىندىكى ۋە خەتنىلىكى قاتارلىق ئورۇنلىرى قانايدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەردە نورمالسىز گۇمانلىق قاناش يۈز بېرىپ، بۇرنى قاناش، قان سىيىش، ئاشقازىنى قاناش ۋە قان قېيىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى:  شۈمۈرۈش ناچارلىشىش يىغىندى ئالامىتى بار، ياغنى ياخشى شۈمۈرەلمەيدىغانلار ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلەتكەنلەر. بەدەننىڭ ۋىتامىن K نى قوبۇل قىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقتىن، بۇنداق كىشىلەر كۆپرەك تولۇقلىشى زۆرۈر.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار: بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىنكى 1-2 ھەپتە ئىچىدە، شۇنىڭدەك بىر ئايلىق بولغىچە ۋىتامىن K نى تەكرار ئوكۇل قىلىپ بەرگەندە، ۋىتامىن K يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان كېيىن پەيدا بولىدىغان مېڭە قاناشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بوۋاقلار: بوۋاقلارنىڭ ئۈچەي يولىدا تېخى ۋىتامىن K نى بىرىكتۈرىدىغان باكتېرىيىلەر يوق بولغانلىقتىن، ئۇلارغا يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەركۈنى ئاز مىقداردا ۋىتامىن K2 نى ئىستېمال قىلدۇرسا بولىدۇ.

جىگەر ئىقتىدارى ناچارلاشقانلار: جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، بۇ ۋىتامىن K نىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر پالەك، خاسىڭ يېغى قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن K مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى زۆرۈر.

بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار: بۇنداق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا قاناش ئەھۋالى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋىتامىن K نى كۈنىگە 0.5-1 مىكروگىرامدىن  مۇسكۇلغا ئۈچ كۈن ئۇدا ئوكۇل قىلىش لازىم.

گېمورويغا گىرىپتار بولغانلار: ۋىتامىن K گېموروينىڭ قانىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

دائىم بۇرنى قانايدىغانلار: ۋىتامىن قىل قان تومۇرلارنىڭ دىۋارىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە قاننىڭ نورمال ئۇيۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ دائىم بۇرنى قاناش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار: ھامىلە ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئانا تېنىدىن يېتەرلىك ۋىتامىن قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، تۇغۇشتىن بۇرۇن ۋە تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات، مېۋە-چېۋە يەپ بەرسە، ھامىلە تېنىدىكى ۋە ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ۋىتامىن K مىقدارىنى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ۋىتامىن K نىڭ ئىستېمال قىلىنىش مىقدارىنى كۈنىگە 65-75 مىكروگرامغىچە ئاشۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىستېمال قىلغانلار، ھەيز كۆپ كېلىدىغان ئاياللار.

ۋىتامىن K مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى: تەرلەش، تېرىسى قىزىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ ئالامىتى قۇسۇش ۋە جىگەر بۆرەك ئىقتىدارى زەخىملىنىشتىن ئىبارەت، ئۆتتە ھېماتىن كۆپىيىپ كېتىش، سېرىقلىق چۈشۈش، قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-22 / 03:43:53

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ