بېلگىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشتى:« ئادەم چوڭ مېڭىسىنىڭ جانلىقلىقى، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن
چوڭ مېڭىنىڭ ئىشلەش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى كۈزدە ئەڭ كۈچلۈك، ئەتىيازدا ئەڭ ئاجىز؛ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچى يازدا ئەڭ كۈچلۈك، قىشتا ئەڭ ئاجىز بولىدىكەن. قىشتا كۈندۈز قىسقا بولغاچقا، چوڭ مېڭە ئەڭ ئاز ئېنېرگىيە سەرپىياتى بىلەن دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:« چوڭ مېڭە ئىقتىدارىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش ئەمەلىيەتتە پەسىل ئۆزگىرىشىگە ماسلاشقانلىقنىڭ ئىپادىسى، يەنى چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى پۈتۈن بىر يىل نورمال ساقلاش تىرىشچانلىقىنىڭ بەلگىسى. گەپنى يىغقاندا، ئادەمنىڭ روھى كەيپىياتى پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، قارىغاندا بۇ تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك».