ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقتۆمۈر ئازلىق سەۋەبلىك قان ئازلىق (قانسىزلىق) ۋە داۋالىنىش رىتسىپلار

تۆمۈر ئازلىق سەۋەبلىك قان ئازلىق (قانسىزلىق) ۋە داۋالىنىش رىتسىپلار

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق ۋە بىر قىسىم شىپالىق ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق داۋالاش رېتسىپلىرى

دوكتور مەھمەت ئۇچار

ئەگەر تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بار يېمەكلىكلەر يېتەرلىك مىقداردا ئىستېمال قىلىنمىسا، بەدەندە تۆمۈر كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ بولسا، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق قاتارلىق كېسەكلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

• بەدەنگە ھايۋاناتلارنىڭ گۆشلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئۇزۇق مەنبەلىرىدىكى ئەڭ ياخشى تۆمۈر ماددىسى سۈمۈرۈلىدۇ. ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈر ماددىسى، ئۆسۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈر ماددىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. 100 گىرام قىزىل گۆش، تەركىبىدىكى 2.7 مىللىگىرام تۆمۈر ماددىسى بىلەن تەخمىنەن كۈندىلىك ئىستېمال قىلىنىشقا تېگىشلىك تۆمۈر ماددىسىنىڭ % 15 نى قامدايدۇ.  شۇ ۋەجىدىن، تۆمۈر ماددىسى، ئادەتتە ئاسانلا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ھەر ھەپتىدە 2 كۈن قىزىل گۆش، 2 كۈن ئاق گۆش، 3 كۈن بېلىق ئىستېمال قىلىش يېتەرلىكتۇر. گۆش  بىلەن بىرلىكتە  ۋىتامىن C نى ئۆز ئىچىگە ئالغان لىمونلۇق يېشىل سالاتنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىشمۇ، تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىقتۇر.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە،

 جىگەر

 كالا گۆشى

 بېلىق

 كونسېرۋالىق ساردىنا بېلىقى

 پالەك

 توخۇ گۆشى

 تۆگىقۇش گۆشى

 تۇخۇم

 ئورمان ياڭىقى

 پىشۇرۇلغان بەرەڭگە

 قاينىتىلغان كۆك پۇرچاق

 شېكەر قىيامى

 كۈنجۈت مەلھىمى

 كۈنجۈتلۈك نان

 ئۇرۇقسىز قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلارمۇ تۆمۈر تەركىبى يۇقىرى ئۇزۇقلۇقلاردۇر. يېڭى مېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا قۇرۇق مېۋىلەردىكى تۆمۈر تەركىبى تېخىمۇ يۇقىرىدۇر.

• قارا چاي، ئۆسۈملۈك چاي ياكى قەھۋەنى تاماق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. تاماقتىن 1 سائەت كېيىن، ئىچىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئىچىملىكلەر، تۆمۈر ماددىسىنىڭ يېمەكلىكتىن سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىۋېتىشى مۇمكىن.

• تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىدىغانلىقى ئۈچۈن،  سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تاماق ۋاقتىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىستېمال قىلىش كېرەك.

• كولالىق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

• تەركىبىدە ۋىتامىن C بولغان يېمەك – ئىچمەكلەر، بەدىنىمىزنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈشىنى ئاشۇرىدۇ. تۆمۈر ماددىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ۋىتامىن  C لىق يېمەكلىكلەر تۆۋەندىكىچە:

 ئاپېلسىن شەربىتى

 دولمىلىق قىزىلمۇچ

 گۈلكەرەم

 بۆلجۈرگەن

 قىچا چېچىكى

 بىريۇسسېل كاپوستىسى

 ئاناناس

 مايمۇن شاپتۇلى

• تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بار باشقا تەبىئىي يېمەكلىكلەر تۆۋەندىكىچە:

 پۇرچاق

 نوقۇت

 يېسسىمۇق

 مۇقاتىل

 كاۋا ئۇرۇقى

 يەر ياڭىقى قىيامى

  قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك

 پەمىدۇر قىيامى

 ياۋروپا كەرەپشىسى

 پىستە

• كەرەپشە – پالەك ئارىلاشمىسى قان ئازلىققا قارشى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولۇپ، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالاشتا ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

خىمىيەلىك داۋالاش، ياكى رادىيوئاكتىپلىق داۋالاشتىن كېيىن كۆرۈلىدىغان قان ئازلىققا قارشى كەرەپشە –

پالەك ئارىلاشمىسى، مۇكەممەل بىر ياردەمچى داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. كەرەپشە – پالەك ئارىلاشمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلى مۇنداق:

ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال؛ 250 گرام يېڭى پالەك ۋە 200 گرام پوستى سويۇۋېتىلگەن كەرەپشەدۇر.

قايناۋاتقان بىر لېتىر سۇغا 200 گرام نېپىز توغرالغان كەرەپشەنى تاشلاپ، تۇۋىقى يېپىق ھالەتتە تۆۋەن ئوتتا 10 مىنۇت قاينىتىڭ. 10 مىنۇتتىن كېيىن، ئۇنىڭغا 250 گرام پالەك ئىلاۋە قىلىڭ ۋە تۇۋىقى يېپىق ھالەتتە قازاننى  يەنە 5بەش مىنۇت قاينىتىڭ. ئاندىن سوۋۇشىنى كۈتۈڭ.
سوۋۇغاندىن كېيىن، سۈزۈپ، سۈيىنى پاكىز بىر شېشىگە سېلىڭ. ئەتىگەندە ئاچ قورساق ياكى ناشتىدىن بىر سائەت كېيىن بىر ئىستاكان ئىچىڭ. كەچتە يەنە، ئاچ قورساق ياكى كەچلىك تاماقتىن بىر سائەت كېيىن بىر ئىستاكان ئىچىڭ.
ئۇدا 15 كۈن ئەتىگەن ۋە كەچلىك ئىچىملىكلەر بىلەن بىللە قوشۇپ ئىچىش داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
15 كۈندىن كېيىن، 10 كۈن توختىتىلىدۇ، 10 كۈندىن كېيىن ئوخشاش ئۇسۇلدا ئەتىگەن ۋە كەچتە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
جەمئىي 30 كۈن توشقاندا ئارىلاشمىنى ئىچىش تاماملىنىدۇ.

كۈندىلىك تاماقلىرىمىزغا يېتەرلىك مىقداردا ۋە يېتەرلىك تۈردە تۆمۈر  ماددىسى بار يېمەكلىكلەرنى ئىلاۋە قىلغىنىمىزدا، بەدىنىمىز ئۆزىگە يېتەرلىك  تۆمۈر  مادددىسىنى قوبۇل قىلالايدۇ. شۇنداقتىمۇ، بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولسا، تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بار يېمەكلىكلەردىن باشقا، سىرتقى تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنىمۇ ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، بىمار چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك.

• شۇنى بىلىش كېرەككى، تۆمۈر ماددىلىق دورىلار سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

مەنبە:
ت ر ت TRT ئۇيغۇرچە
https://www.trt.net.tr/uyghur/pyrwgrammylar/2021/10/01/mllr-vae-bl-lr-duny-t-r-kch-l-k-n-ng-z-nn-t-dur-1713406

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-04-20 / 04:06:36

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ