ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى، كۆرىدىغان كېسەللىكلەر ۋە ئالامەتلەر:
ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى، تۈركچە ئاتىلىشى، خەنزۇچە ئاتىلىشى قانداق بولىدۇ؟
- ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى – ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى
- تۈركچە: Dahiliye, iç hastalıkları bölümü – dahiliye doktoru
- خەنزۇچە: 内科 – 内科医生
- ئىنگىلىزچە: Internal medicine department – Internal Medicine physician
ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دىگەن نىمە؟
ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئەڭ قەدىمىي بۆلۈملەردىن بىرسى ھېساپلىنىدۇ. مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، داۋالاش تېخىمۇ كۆپ كەسپىي تۈرلەرگە (مەسىلەن: يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلەر بۆلۈمى…..) ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئوپىراتسىيە كېرەك بولمىغان بارلىق كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش، دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بۆلۈم ئىدى.
گەرچە ھازىر ناھايىتى كۆپ كەسپىلەشكەن بۆلۈملەر پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ھېلىھەم ھەربىر دوختۇرخانىنىڭ بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم بىر غوللۇق بۆلۈمى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ھەربىر ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلاردا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنى چوقۇملا تاپالايسىز.
ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە تەكشۈرىدىغان ئالامەتلەر:
ئەگەر بەدىنىڭىزدە ئۇزۇن مەزگىلدىن تۆۋەندىكى بىئاراملىقلار بولسا، مەسىلەن :
- ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى قورساق ئاغرىقى ۋەيا قورساق كۆپۈۋېلىش
- ھەزىم قىلىش ناچار، ئىشتاھسىزلىق،
- باش قېيىش، باش ئاغرىش،
- قول پۇتلاردا ئىششىش،
- بوغۇملاردا ئىششىش ياكى ئاغرىش،
- زىيادە ئورۇقلاپ كېتىش ياكى زىيادە سەمىرىپ كېتىش
- دائىم ھالسىز بولۇش،
-
ئۇنۇتقانلىق،
-
دائىم ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەت،
-
قورساق دائىم يېقىمسىز سانجىلىش
-
بەدەن ئىممۇنىتىت كۈچى تۆۋەن، دائىم زۇكام بولۇپ قېلىش،
- پۈتۈن بەدەن ساقلىقى كونترول تەكشۈرۈش
يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان بەزى ئالامەتلەرنى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىن سىرت باشقا بۆلۈملەرمۇ تەكشۈرىدۇ. ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرى بىمارنى تەكشۈرۈپ، ئالامەتلەرنىڭ سەۋەبىگە ئاساسەن ئالاقىدار بۆلۈمگە ئەۋەتىدۇ.
ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر:
ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە تەكشۈرۈپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدىغان كېسەللىكلەر:
- قەنت سىيىش كېسىلى (دىئابېت، شىكەر كېسىلى)
- يۇقىرى قان بېسىمى
- تۆۋەن قان بېسىمى
- قالقانسىمان بەز بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر
- قاندىكى خولىستېرول بىنورماللىق كېسەللىكلىرى
- قان ئازلىق، قان ئېشىپ كېتىش، ۋە باشقا قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر
- ھەزىم قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر،
- ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى،
- ئۆت ياللۇغى، ئۆت يولى كېسەللىكلىرى،
- ئاشقازان ئاستى بېزى كېسەللىكلىرى،
- جىگەر كېسەللىكلىرى، جىگەر زەئىپلىشىش
- بۆرەك كېسەللىكلىرى، بۆرەك زەئىپلىشىش
- رېماتىزىم كېسەللىكلىرى
- بەزى بوغۇم كېسەللىكلىرى
- مېنىرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر
- سۆڭەك شالاڭلىشىش
- ئۆسمە، راك شۈبھىسى
- بەزى سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر
ئەگەر بەدىنىڭىزدە بىرەر ئالامەت بولسا، ئەمما قايسى بۆلۈمگە بېرىشنى بىلەلمىگەندە، ئاۋۋال ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەياكى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمگە نومۇر ئېلىپ كۆرۈنۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئىچكى كېسەللىكەر بۆلۈمى تەشكۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، ياكى ئۆزى داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ ياكى سىزنى باشقا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرگە ئەۋەتىدۇ. مەسىلەن باش قېيىش، باش ئاغرىش ئەگەر قان ئازلىق سەۋەبىدىن بولمىسا، سىزنى مېڭە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە ئەۋەتىشى مۇمكىن.
بۇ بەتتىكى مەزموندا تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:
ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دىگەن نىمە؟
ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى، تۈركچە ئاتىلىشى، خەنزۇچە ئاتىلىشى قانداق بولىدۇ؟
قانداق ۋاقىتتا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك؟
ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى قايسى كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ؟
ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى قايسى ئالامەتلەرنى كۆرىدۇ؟
قانداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك؟