ئانا سەھىپەساغلاملىقۋىتامىنلەر ۋە مىنىرال ماددىلارۋىتامىنلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىڭ

ۋىتامىنلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھەرخىل ۋىتامىنلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش خۇسىسىيىتىگە ئىگە، ئۇلار بىللە ئىستېمال قىلىنسا، ھەرقايسىسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ مۇنداق ئېيتقاندا، ۋىتامىن يەككە ھالدا ئىستېمال قىلىنسا ماس ھالدىكى ۋىتامىن كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى داۋالىغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئەگەر ھەرخىل ۋىتامىنلار ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىپ، ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلسە، ھەرقايسى ۋېتامىنلارنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

ۋىتامىنلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىڭ

ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋېتامىنلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قىسمىنى تونۇشتۇرىمىز.

= ۋىتامىن A، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E لار ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلسە، ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىتامىن A قوبۇل قىلىپ پايدىلىنىشىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. ۋىتامىن B2 ۋە ۋىتامىن C بولسا ۋىتامىن E نىڭ رولىنى كۈچەيتىدۇ.

= ۋىتامىن A ۋىتامىن D بىلەن، ۋىتامىن A ئاقسىل بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلسە، ۋىتامىن A نىڭ ئاكتىپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋىتامىن A نى بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا يەتكۈزىدۇ.

= ۋىتامىن B6 (ياكى يوپۇرماق كىسلاتاسى) ئاقسىل بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا، ئورگانىزىمنىڭ ئاقسىلدىن پايدىلىنىشىغا ۋە ماددا ئالماشتۇرىشىغا ياردەم بېرىدۇ، يوپۇرماق كىسلاتاسى ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرىلىشىگە ياردەم  بېرىدۇ.

= ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E لار بىللە ئىستېمال قىلىنسا، ۋىتامىن E بىلەن ۋىتامىن C نىڭ ئۈنۈمى ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىدۇ ۋە بۇ ئۈچ خىل ۋىتامىن ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

= ۋىتامىن E بىلەن ۋىتامىن B2 ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلسە، ۋىتامىن E نىڭ رولى كۈچىيىدۇ.

= B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار، پانتوتېنىك كىسلاتا، نىكوتىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇپ ئىستېمال قىلىنسا، ئۇلار بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى كۈچىيىدۇ.

= ۋىتامىن B6 نىكوتىن كىسلاتاسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ بىللە ئىشلىتىلسە، نىكوتىن كىسلاتاسىنىڭ ئادەم بەدىنىدە بىرىكتۈرۈلىشىگە ياردىمى بولىدۇ.

= ۋىتامىن B2 بىلەن ۋىتامىن B6 بىللە ئىشلىتىلسە، ۋىتامىن B6 نىڭ ئاكتىپچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.

= ۋىتامىن B1 بىلەن ۋىتامىن C بىللە ئىشلىتىلسە، پاركىنسون يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىگە گىرىپتار بولغاندا كۆرۈلدىغان تىتىرەش، تارتىشىش، تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ