ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرجىددىي قۇتقۇزۇشسۇ ئۈزۈۋاتقاندا پەي تارتىشىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

سۇ ئۈزۈۋاتقاندا پەي تارتىشىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سۇ ئۈزگەندە پاقالچاقتىكى پەيلەر تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بار. بىرى تەييارلىق خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمەي، ئەمدىلا سۇغا چۈشكەن ۋاقتىدا، سوغۇق سۇنىڭ غىدىقلىشىدىن مۇسكۇللاردا رېفلېكىس خاراكتېرلىك جىددىيلىك پەيدا بولۇپ، پاقالچاقمۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىرى ئۈزۈش جەريانىدا قاتتىق ھەرىكەت قىلغانلىقتىن مۇسكۇل مىقدارىدىكى گىلىكوگېنىنى سەرپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن پەيدا بولغان سۈت كىسلاتاسى قاتارلىق ماددا ئالمىشىشتىن كېلىپ چىققان نەرسىلەر قاندىن بىراقلا چىقىپ كېتەلمەي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاقالچاقتىكى مۇسكۇللارنىڭ تۇتقاقلىق خاراكتېرلىك قىسقىرىشىنى، پاقالچاقتىكى پەيلەرنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

پەي تارتىشىپ قېلىش ئەگەر بىرىنچى خىل ئەھۋالدىن كېلىپ چىققان بولسا، پەي تارتىشقان ۋاقتىدا پاقالچاقنى كۈچ بىلەن ئۇۋۇلاپ ياكى پۇتىنى باشقا كىشىگە كۈچ بىلەن بىر نەچچە قېتىم تارتقۇزۇپ، ئاندىن پاقالچاقنى بىر نەچچە قېتىم ئۇۋۇلاتسىلا ياخشى بولۇپ قالىدۇ.

ئىككىنچى ئەھۋالغا يولۇقۇپ سۇئۈزۈش جەريانىدا پەي تارتىشىپ قالغاندا، جىددىيلىشىپ كەتمەي، ئالدى بىلەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋىلىش كېرەك. سۇنىڭ ئۈستىگە لەيلىگەندە بىر مىنۇتتىن كېيىنلا تارتىشىپ قالغان پەيلەر ئۆزلىكىدىن قويۇپ بېرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئىككى قول بىلەن پۇتنى تۇتۇپ تۇرۇپ پۇتنى ئۈستىگە قارىتىپ قاتتىق قايرىغاندا، ياكى باش بارماق بىلەن پاقالچاقنى كۈچلۈك باسقاندىمۇ تارتىشىپ قالغان پەيلەر بوشۇشىدۇ.

ئەگەر سۇ ئۈزۈش تېخنىكىسى ياخشى بولمىسا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېزراق قىرغاققا چىقىۋېلىش ياكى باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-04-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 08:03:23

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ