ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارخەلق ئىچى ئۇنىۋېرسال رىتسىپلار

خەلق ئىچى ئۇنىۋېرسال رىتسىپلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

( تۆۋەندە تەمىنلەنگەن مەزمون ئىزدىنىش تورى، بىلگە تورىنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدىن ساقلانغان. )

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىسا، بىر داس ئىسسىق سۇغا ئىككى قولنى تەخمىنەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا چىلاپ بەرسە، باش ئاغرىقى ئاستا-ئاستا يېنىكلەيدۇ.

زۇكام بولۇپ باش ئاغرىغاندا، لۆڭگىنى قايناق سۇغا چىلاپ، بوشراق سىقىپ تەكشى قاتلاپ، ئاغرىقنىڭ كۆز، بۇرۇن، باش ۋە بويۇنلىرىغا يەڭگىل بېسىپ بەرگەندە، باش ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

زەيتۇن يېغى بولسا ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، پەي -مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش، تاش پارچىلاش، ماددىلارنى تارقىتىش، تېرىنىڭ قۇرغاقلىقىنى تۈگىتىپ يۇمشىتىش، ھەزىم ئەزالىرىنىڭ ئېچىشىشىنى توختىتىش، چاچنى قۇۋۋەتلەش ۋە كېپەك يوقىتىش تەسىرلىرى بولۇپ كۆپىنچە پالەچ، لەقۋا، ھەر خىل بۇغۇم ئاغرىقلىرى، ئەزالارنىڭ بوشاپ كېتىشى، ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت، باش ئاغرىقى، چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ.

. زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىش: ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىگە ئازاراق تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ، ئىككى پۇتنى ئوشۇققىچە چىلاش، پۇتنى چىلىغاندا زەنجىۋىل سۈيى پۇت قىزارغىدەك ئىسسىق بولۇشى كېرەك. بۇ ئۇسۇلنىڭ سوغۇقتىن بولغان زۇكام، باش ئاغرىقى ۋە يۆتەلنى داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

كاشىم-تۇخۇم شورپىسىماتېرىيالى: كاشىم ئالتە گرامدىن توققۇز گرامغىچە، توخۇ تۇخۇمى ئىككى دانە.

تەييارلىنىشى ۋە ئۈنۈمى: ئىككىسىنى بىللە قاينىتىپ، تۇخۇم پىشقاندا شاكىلىنى سويۇپ، يەنە بىردەم قاينىتىدۇ. تۇخۇمنى يەپ شورپىسىنى ئىچىدۇ. مېڭە سەكتىسىدىكى باش ئاغرىقىغا ئىشلىتىلىدۇ.

بەدەننى سۈرتۈش. يىرىكرەك لۆڭگە بىلەن پۇت قىسىمدىن ئۈستىگە قاراپ بەدەننى 15 مىنۇت ئەتراپىدا يېنىك سۈرتۈپ بەرسە، قان ئايلىنىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن ۋە يۇقىرى قان بېسىم پەيدا قىلغان باش ئاغرىقىغا ئۈنۈمى بولىدۇ.

بويۇننى نەمدەپ سۈرتۈش. لۆڭگىنى سوغۇق ۋە ئىسسىق سۇغا چىلاپ يەڭگىل سىقىۋەتكەندىن كېيىن بويۇنغا سوغۇق لۆڭگىنى ھەر بىر مىنۇتتا بىر قېتىم، ئىسسىق لۆڭگىنى ھەر ئۈچ مىنۇتتا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ قويۇپ بېرىش لازىم. بۇ ئۇسۇل قان ئايلىنىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقىغا ئۈنۈمى بولىدۇ.
پۇتنى يۇيۇش. ئىككى داسقا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇ تەييارلاپ ئىككى پۇتنى ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇغا ئالماشتۇرۇپ چىلاپ بەرسە، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقىنى يېنىكلىتىشتە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

ئارام ئېلىش. ياستۇقنى ئېگىزرەك قويۇپ يېتىپ ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋەتكەندە، جىددىيلىكتىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقىنى يېنىكلىتىشتە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. باش بارماق بىلەن چېكىنى يەڭگىل ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ باش ئاغرىقىغا بەلگىلىك شىپا بولىدۇ.

ئۆينىڭ دېرىزىسىنى چوڭ ئېچىۋېتىپ ياكى بولمىسا سىرتلارغا چىقىپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئاندىن ئاستا-ئاستا نەپەس چىقىرىش. نەپەس چىقارغاندا بەدەننى ئالدىغا ئېگىپ، نەپەس ئالغاندا قەددىنى تىك تۇتۇش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلنى 10-20 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىقىنى يەڭگىللىتىشتە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

مەلۇم مىقداردىكى شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ قىيام قىلىۋالغاندىن كېيىن، ھۆل ياكى قۇرۇق شاتۇتنى سېلىپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ، كۈندە ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان باش ئاغرىقى، ئىشتەي تۇتۇلۇش، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

كەندىر مېيى

تەركىبي:%10 تويۇنغان ماي كىسلاتاسى، %12 ياغ كىسلاتاسى، %53 زىغىر كىسلاتاسى، ئاقسىل قاتارلىقلار بار.
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:ئاغرىق پەسەيتىش، يەللەرنى تارقىتىش، مەنىينى تۇمۇزلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:باشنىڭ يېرىنى ئاغرىش، ئادەتلەنگەن باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، ئىششىق قايتۇرۇش، مەنىي تۇتالماسلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

قىزىلگۈل مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:يېڭى ئېچىلغان قىزىلگۈلدىن 140 گرام ئېلىپ، ئاستىدىكى ئاق يېرىنى قىرىپ تاشلاپ، گۈل بەرگىدىن 20 گرام ئېلىپ، چوڭ ئېغىزلىق بوتۇلكىغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا زەيتۇن مېيى ياكى كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ، 6~5-ئايلارنىڭ ئاپتىپىدا 7 كۈن تۇرغۇزۇپ گۈلى ئاقارغاندا سىقىپ، تىرىپلىرى تاشلىۋېتىلىدۇ ھەمدە ئوخشاش ئۇسۇلدا قىزىلگۈلدىن يەنە 20 گرام سېلىپ، 7 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزىلىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى ئۇدا 7 قېتىم تەكرالاپ، 49 كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن ماي پىشىپ تەييار بولىدۇ، ئاندىن ماينى سۈزۈپ پاكىز قاچىغا ئېلىپ، سالقىن جايدا ساقلاپ ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى:مۆتىدىل.

خۇسۇسىيىتى:ئاغرىق پەسەيتىش، قىزىتمىنى چۈشۈرۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:ئىسسقتىن بولغان باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ھەر خىل ئاغرىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

بىنەپشە مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:ھۆل بىنەپشىنى 3 كىلو 600 گرام كۈنجۈت مېيىغا 10 كۈن چىلاپ، تۇمۇزنىڭ ئاپتىپىدا تۇرغۇزۇپ، ئاندىن سىقىپ تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ، يەنە 1000 گرام گۈلبىنەپشىنى سېلىپ، يەنە 10 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ، سىقىپ تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ، چىققان مېيىنى چەككىلەپ سۈزۈلىدۇ. پاكىز قاچىغا ئېلىپ سالقىن ساقلايمىز.

تەبىئىتى:ھۆل سوغۇق.

خۇسۇسىيىتى:سەپرادىن بولغان ئاغرىقلارنى پەسەيتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، يۇمشىتىش، ئىششىقلارنى تاقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى، مېڭە پەردە ياللۇغى، ئەمچەك ئىششىقى، ئۇيقۇسىزلىق، قۇرۇقتىن بولغان تەشەننۇچ (ئەزالارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى)، زەھەرلىنىش، يۆتەل قاتالىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

بابۇنە مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:بىر كىلوگرام ھۆل بابۇنە گۈلىگە 4 كىلوگرام كۈنجۈت يېغىنى قۇشۇپ، شېشىگە ئېلىپ، ئاپتاپتا قۇيۇپ ھەر كۈنى گۈلىنى سىقىپ، تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ، يەنە گۈل سېلىپ، 3 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن 20 كۈن ئاپتاپتا گۈلى بىلەن تۇرىدۇ. ئاندىن كىيىن گۈلىنى سىقىپ تاشلىۋېتىپ، سۈزۈپ ئېلىنىدۇ ياكى قۇرۇق بابۇنە گۈلىنى قازانغا سېلىپ، سىقىپ چىقىرىۋالغان 2 كىلوگرام سۇغا 4 كىلوگرام كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ، تاكى سۈيى تۈگەپ ياغ قالغىچە قاينىتىلىدۇ. كۆيۈپ كەتسە بولمايدۇ (ھۆل گۈلدىن 1 ھەسسە بولسا، قۇرۇق گۈلدىن يېرىم ھەسسە سېلىنىدۇ). ئاپتاپتا چىقارغىنى ياخشى.

تەبىئىتى:ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:سوغۇقتىن بولغان ئىشىشقلارنى تاقىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، مەساملارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:قىزىلئۆڭگەچ ئىشىشىقى، سەۋدا مەنبەلىك باش ئاغرىقى، بۆرەك ئىشىشقى، تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇتۇش، گاسلىق، مۇپاسىل، نىقرەس، مېڭە پەردە ئىشىشىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

سوزاپ مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:سوزاپ سۈيى 420 گرام، قىزىل قىچا، ئاقىرقەرھا 3 گرامدىن، كۈنجۈت مېيى، زەيتۇن مېيى 26 گرامدىن يۇقىرىقى دورىلارنى سوزاپ سۈيىگە چىلاپ، ئاندىن كېيىن مايلارنى قۇشۇپ، قاينىتىپ، سۈيى تۈگەپ مېيى قالغاندا، پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:تەبىئي ھارارەتنى كۈچەيتىش، سوغۇقتىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:پالەچ، گاس، تەشەننۇچ، باش ئاغرىقى، پاچاق ئاغرىش، تۇتقاقلىق كېسەل، قۇلاق ئاغرش، سۈيدۈك ۋە ھەيز تۇتۇلۇش قاتارلىقلاغا ئىشلىتىلىدۇ.

خەشخەش گۈلى مېيى

تەبىئىتى:سوغۇق.

خۇسۇسىيىتى:پۈتۈن بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۆتەلنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:ئىسسىقتىن بولغان بەدەن ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقى، يۆتەلگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئۈزۈم سىركىسىنى باش ۋە پىشانىگە چاپسا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

قاپاق، تەرخەمەكلەرنىڭ ھۆل تىرىپلىرىنى باشقا قويسا، باش ئاغرىقىغا شىپا بۇلىدۇ.

يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى قاينىتپ بۇنىڭغا ھاجەت مىقداردا قېتىق سۈزمىسى ئارلاشتۇرۇپ ئىچىشىنى داۋام قىلسا ھەرخىل سەۋەپتىن بولغان باش ئاغرىقى، قىزىتما، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، تەسىرىگە ئىگە.

چىكىلمىگەن ئۈزۈم غورىىسىدن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇيۇپ سېقىپ، سۈيىنى چىقىرىپ يەڭگىل ئوت بىلەن ئىككى قىېتم قاينىتىپ داكا بىلەن سۈزۈپ بوتۇلكىلارغا قاچىلاپ چوڭلار كۈندە 3قېتىم 2-3قۇشۇق، كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىچىسە ئىسسىق ئۆتۈش سەۋەپلىك بولغان باش ئاغرىقىنى توختۇتۇپ قىزىتما ياندۇرىدۇ.

ئۆي كەپتىرى، ياۋا كەپتەر، مازار كەپتىرى، (كۆچكەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ تەبىئىتى 2-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، بەدەننى قۇۋەتلەش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، ساپ قان پەيدا قىلىش، ئاغرىق ۋە زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. پۇت قول تىترەش، بەدەن ئاجىزلىق، كونا باش ئاغرىقى بۇغۇم ئاغرىقىغا ئىشلىتىلىدۇ، ھازىر تىلىۋىزوردا ئىلان قىلىۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار قۇۋەت تالقىنىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى، قەنىت سىيىش كىسىلىگىمۇ ناھايىتى ئوبدان مەنپەت قىلىدۇ. ئەمما دەمدەر بۇنىڭ سىرتىدا ئۇنىڭ تىنى ئاجىز مۇسكۇللىرى كۈچسىز كىلىدۇ، ئامال بار يىمەسلىك كېرەك.

باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۇسۇلى: بارمىقىڭىز بىلەن چاچنى 500 – 600 قېتىم تاراڭ.

باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۇسۇلى: قولنى قاچىدىكى قول كۆيمىگىدەك قايناق سۇغا بىر نەچچە قېتىم تىقىپلا تارتىۋېلىش كېرەك. قولنىڭ دۈمبىسىدىكى بېغىش سىزىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئويمات يەرنى بىر نەچچە مىنۇت ئۇۋۇلاش كېرەك.

باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۇسۇلى: قولنى قاچىدىكى قول كۆيمىگىدەك قايناق سۇغا بىر نەچچە قېتىم تىقىپلا تارتىۋېلىش كېرەك.

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا ئاپلىسىننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا ياكى سىقىپ سۈيىنى كۈندە بىر پىيالىدىن ئىچسە، مەنپەت قلىدۇ.

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا بىنەپشە يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ ئىستىمال قىلسا ياكى باشقا سۈرتۈپ بەرسە ياكى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە شىپا بۇلىدۇ.

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا پاقا يۇپۇرمىقىدىن ئىككى چىمدىم ياكى پاقا يۇپۇرمىقىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ، بىر پىيالە قايناق سۇغا دەملەپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

پالەكنى چالا سۇقۇپ قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

خېنىنىڭ چۆپىنى سۇدا ئېزىپ پىشانىسىگە چېپىپ بەرسە باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا ئوسۇڭ يۇپۇرمىقىنى يۇمشاق سۇقۇپ، باشقا زىماد قىلسا شىپا بۇلىدۇ.

سىمىز ئوت شورپىسىنى تەييارلاپ كاكچا نان بىلەن ئىستىمال قىلسا ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
ئۆچكە سۈتىگە چىلانغان داكىنى داۋاملىق باشقا قۇيۇپ بەرسىمۇ ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا ئۈزۈم سىركىسىنى باش ۋە پىشانىگە چاپسا، ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ.

باش ئاغرىقى: كۆك تۇرۇپ شىرنىسىغا يېرىم مسقال مۇز پارچىسى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە 3قېتىمدىن ئۇدا 4-5 كۈن بۇرۇنغا بىر قانچە قېتىم تېمىتىپ بەرسە سەللىمازا ساقىيىدۇ. كاۋاۋىچىن ۋە قارىمۇچتىن پەرھىز تۇتۇش كىرەك).

بىر تۇتام يەرباغرى ئوتنى بىر پىيالە قايناق سۇدا دەملەپ سۈزۈپ، بىر سېقىم ئاق شىكەر بىلەن تاتلىقىنى چىقىرىپ ئىچىسە، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

توخۇ گۆشى ۋە ئۇنىڭ مېڭىسىنى ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

ھەرخىل ھۆل ئېسسىق تەبىئەتلىك سەي- كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.سۈتكە

پاختىنى چۈكۈرۈپ، باش، پىشانىسىگە قويسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

قىز بالىلىق ئايالنىڭ سۈتى، قاپاق ئۇرىقى يېغى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرى بولسا، ئۇنى بۇرۇن، ققۇلاققا تېمىتسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.بىن

ەپشە يېغى، نىلۇپەر يېغى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرى تېپىلسا، باش- پىشانىسىگە سۈركەپ بەرسە، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ھېلىيلە مۇرابباسى، ئامىلە مۇرابباسىنىڭ قايسى بىرى بولسا، ئۇنى ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

سېرىق چىچەك يېغىنى باشقا چاپسا، قۇلاق، بۇرۇنغا تېمىتسىمۇ سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

قۇشقاچنىڭ گۆشىگە ئاچچىىق ئانارنىڭ سۈيى، ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

بادام يېغى

ئەسلى قائىدە بويىچە ياكى جۇۋازدا تارتىش ئۇسۇلى بويىچە يېغى ئېلىنىدۇ.

تەبىئىتى: تاتلىق بادامنىڭ يېغى ھۆل ئىسسىق، ئاچچىق بادامنىڭ يېغى قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ.

تەسىرى: ئىششىق ياندۇرىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. تارتىشىپ قالغان پەيلەرنى بوشىتىدۇ. ئاۋازنى نورماللاشتۇرىدۇ. مېڭىدىكى قۇرۇقلۇقنى يوقىتىپ ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ. قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: مېڭە ۋە باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، قۇلاق ئاغرىقى، ئۆپكە ئىششىقى، كونا يۆتەل، دەم سىقىلىش، مۇپاسىل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئىچكۈزۈش، ياغلاش ۋە تېمىتىش.

ئاغرىق پەسەيتىشنىڭ چارىسى

ئامېرىكا «ئەرلەر ساغلاملىقى» ژۇرنىلىدا ئاغرىق پەسەيتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك چارىسى كۆرسىتىلگەن:

ئېغىز كۆيۈپ قالغاندا: مۇز شوراش. «مەيلى ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولسۇن ياكى قاتتىق نەرىسلەرنى يېگەندە ئېغىز ئىچى تىلىنىپ كەتسۇن ۋە ياكى قىزىق يېمەكلىكلەرنى يەپ ئېغىز كۆيۈپ قالسۇن كىشىنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ» بۇ ۋاقىتتا ئېغىزغا مۇز سېلىپ شورىسا، ئىششىقنى يوقىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

مائۇس قول: سافانى مۇشتلاش. دائىم مائۇس ئىشلىتىدىغان ئاق ياقىلىقلار، بالا كۆتۈرىدىغان ئانىلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئاغرىق سېزىمى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئارام ئالغاندا مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، ئوتتۇراھال دەرىجىدە سافانى مۇشتىلاپ بەرسە، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغاندا: گەجگىگە مۇز تېڭىش. تۇرمۇش رېتىمىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاستىلىتىش. چۈنكى بېسىم باش ئاغرىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. گەجگىگە مۇز تېڭىپ 10-15 مىنۇتتىن كېيىن باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش پەسىيىدۇ.

زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىقى، بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىش، مۇزلاش، قىزىشقا سامساقنى سوقۇپ، سۈيىنى چىقىرىپ ئون ھەسسە سۇ قوشۇپ، بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم بۇرۇنغا تېمىتسا بولىدۇ. ياكى 10 گرامدىن سامساق، سۇڭپىيازنى ئېزىپ، قايناق سۇغا قارا شىكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىسسىقىدا ئىچسە بولىدۇ.

باش ئاغرىسا ئاق تۇرۇپنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ كۈندە ئىككى قېتىمدىن بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، ئۈچ-تۆت كۈندە باش ئاغرىقىنى يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ. كاۋاۋىچىن، قارامۇچتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

چىلان چاي

خۇرۇچلار : يېڭى چىلان، قارىچاي.

دەملەش ئۇسۇلى : موۋاپىق مىقداردىكى قايناقسۇغا موۋاپىق مىقداردا پاكىز يۇيۇلغان چىلان سېلىپ، ئۇنى سۇس ئوتتا چىلاننىڭ تەمى چىققۇچە قاينىتىمىز ؛ ئارقىلىق ئوتتىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارىچاي سېلىپ بىرنەچچە مىنوت دەملەيمىز.

ئالاھىدىلىكى : ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى يېنىكلىتىدۇ، قاننى تازلاپ، يەلنى ھەيدەيدۇ، قان كۆپەيتىدۇ، قان بۇزلۇشتىن كېلىپ چىققان ھەرخىل كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

كۈنجۈت مېيى بىلەن ئىپارنى ئازراق قىزىتىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ.

قىزىل ۋە ئاق چىندانلارنى قارامۇچ، ئىنەك يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە، باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ.

سېرىق ھېلىلىنى يۇمشاق سوقۇپ ئەتىگەن ناشتىدا سوغۇق سۇ بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە سەپرادىن بولغان كونا باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

تۇخۇم شاكلىنى پاكىز يۇيۇپ ئۇششاقلاپ، بوش ئوتتا سارغايغۇچە (كۆيدۈرۈۋەتمەي) قۇرۇغاندىن كېيىن تالقانلاپ، ھەر كۈنى ئىككى، ئۈچ قېتىم تاماقتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن قايناق سۇ بىلەن ئىچكەندە، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي ياللۇغىغا، ئاشقازان ئاغىرىقىغا، مەيدە ئېچىشىشقا شىپا قىلىدۇ.

. ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالاش: تۇخۇم شاكىلىنى پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ ئۇۋاق قىلىپ، ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ، ھەر قېتىمدا 1. 3-3 گرامنى تاماقتىن بۇرۇن ئىلمان قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
قىزىل پۇرچاق 60گرام، شىكەر 20گرام

[تەييارلاش]: قىزىل پۇرچاقنى 700گرام سۇدا قاينىتىپ ئۇستىگە شىكەرنى سىلىپ يۇمشاق پىشقاندا قاچىغا ئۇسۇپ تەييارلىنىدۇ.

[شىپالىق تەسىرى]: ئاشقازان توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆسۇشىنى ياخشىلاش، ئۇچەينى سىلىقلاش، يارا ئىغىزىنى پۇتتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە. ئاشقازان يارىسى، ئۇچەي ياللۇغى، ھەزىم ناچارلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ماش 300گرام، قارا شىكەر 60گرام

[تەييارلاش]: قارا شىكەرنى مۇۋاپىق سۇدا ئىرىتىپ، ئۇستىگە ماشنى سىلىپ پەس ئوتتا 10 مىنۇت قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتىش، ھەزىمنى كۇچەيتىش تەسىرى بار. ئاشقازان 12 بارماق ئۇچەي يارىسى، چوڭ تەرەتتىن قان كىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

قوينىڭ چاۋا يىغى 30 گرامنى ھەمەك نانغا ئوراپ ھەركۇنى ياكى 2 كۇندە بىرقىتىم يىيىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان تىۋىتلىرى چۇشۇپ كىتىشتىن ئاغرىغان ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ.

ئاشقازان 12 بارماق ئۇچەي يارىسىغا يېمەكلىك جەھەتتە: ئاچچىق چۇچۇك غىدىقلاش خۇسۇسيتى بولغان يىمەكلىكلەر، بەك تاتلىق، بەك قىززىق، تۇزلۇق، خام سوغۇق يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، قىزىل مۇچ، قارىمۇچ، پۇرچاق، تاتلىق ياڭيۇ (خوڭشۇ)، ئاپلىسىن، لىمۇن، كۇدە، سىرىق پۇرچاق ئۇندۇرمىسى، خام پىياز، سامساق، خام تۇرۇپ، بۆلجۇرگەن، گازلىق سۇ، ئاچچىقسۇ، قەھۋە، قىنىق چاي، خاسىڭ، تۇز، سوڭپىياز، ياغدا قورىغان ۋە ياغدا قاتۇرغان يىمەكلىكلەر، تورىت، قوناق تامىقى، چىڭسەي، تۇزلانغان گۆش قاتارلىقلارنى مومكىن بولسا ئازراق ئىستىمال قىلىڭ ياكى پەرھىيز تۇتۇڭ. تاماقنى يۇمشاق چايناپ يىيش. تاماق ۋاختى، مىقدارىنىڭ تۇراقلىق قانۇنىيەتلىك بولۇشىغا ئالاھىدە دىقەت قىلىڭ.

ھەزىم بۇزۇلۇش: ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازاننىڭ مىزاجى بۇزۇلۇپ ئىشتىھاسىزلىق، سېسىق كېكىرىش، قورساق كۆپۈش، ئىچ سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك.

ئىشتەي ئىچىش چايلىقى: زېرە، جۇۋۋىنە، پىننە، لاچىندانە، بەدىيان، قەلەمپۇر. چاي دەملەپ بىر پىيالىغا بىر قوشۇق بىھى شەربىتى قۇيۇپ ئىچسە ئاشقازاننى ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئىشتەينى ئىچىپ قورساقنى ئاچۇرىدۇ. تاماق سىڭدۈردۇ.

قەۋزىيەت چايلىقى: يالپۇز، سانا، ئارپا بەدىيان، زاراڭزا چېچىگى، لاچىندانە. چاي دەملەپ سەل سوۋۇتۇپ ئاندىن بىر پىيالە چايغا بىر قوشۇق يانتاق ھەسىلى سىلىپ ئىچىلىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىدۇ. داۋاملىق ئىچىشنى ئادەت قىلسا ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.

ئەتتىگىنى ئېغىز پۇراپ قېلىشقا پايدىلىق چايلىق: لاچىندانە، يالپۇز، پىننە، جىگدە چېچىگى، قەلەمپۇر، زىرە، ئاپلىسىن پوستى، ئاقمۇچ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ سوقۇپ چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بىرىلىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم خىزمىتىنى ياخشىلاپ بۇزۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ. ئاشقازان، ئۆت خىزمىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن بولىدىغان ئېغىز پۇراشقا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.

زەنجىۋىل. تومۇزدا كۆپلىگەن كىشىلەر سەگىدەش ئۈچۈن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىۋېتىدۇ، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئاسانلا ئاشقازاننى سوغۇق قاپلاپ، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا زەنجىۋىل يەپ بەرگەندە، ئاشقازاننى ئىللىتىپ، سوغۇقنى ھەيدەيدۇ.

سامساقنىڭ تەمى ئاچچىق، تەسىر قىلىش خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان كېسەللىكى بار كىشلەر سامساقنى كۆپ يېيىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى لازىم.
ئۈجمە يوپۇرمىقىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە ئاشقازان ئاستى بېزىنى قوغداپ، ئىنسۇلىننىڭ نۇرمال ئاجىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە يۇقۇرى قان بېسىمنى ياخشىلاپ خولىستېرىن ۋە تىرىگلىتسېرىدنى ئازايتىدۇ. ئۈجمە يوپۇرمىقى چېيىنى تاماقتىن بۇرۇن ئىچىپ بەرسە تاماقتىن كىيىن قان شىكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ. تاماقتىن كىيىن ئىچسە بۇ خىل رولى بولمايدۇ.

بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇشنىڭ ئىلاجى: قارا ئۈجمىنىڭ مېۋىسىدىن 500 گىرام، ئاق تىكەن قاغىتى 300 گىرام، بوغداي يىلتىزى 100 گىرام، ئارپا بەدىيان ئۇرۇقىدىن 50 گىرام، جۇۋىنە ئۇرۇقىدىن 50 گىرامنى 10كىلو گىرام سۇ بىلەن پار قازىنىدا پەس ئوتتا قاينىتىپ 7كىلوگىرام پار سۈيى ئېلىنىدۇ. چوڭلارغا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن 20 گىرامغىچە ئىچىدۇ. بالىلارغا ئەھۋالغا قاراپ كېمەيتىپ بېرىلىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان يارىسى، 12بارماق ئۈچەي يارىسىنى داۋالاش، ھېيىزنى نورماللاشتۇرۇش، كەمقانلىقنى داۋالاش، چوڭ- كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇزۇن مۇددەت ئىچسە بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.

ئاشقازان يارىسىنىڭ، 12بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئىلاجى: قارا ئۈژمە ئەرىقى. قارا ئۈجمىنىڭ مېۋىسىدىن 500 گىرام، ئاق تىكەن قاغىتى 300 گىرام، بوغداي يىلتىزى 100 گىرام، ئارپا بەدىيان ئۇرۇقىدىن 50 گىرام، جۇۋىنە ئۇرۇقىدىن 50 گىرامنى 10كىلو گىرام سۇ بىلەن پار قازىنىدا پەس ئوتتا قاينىتىپ 7كىلوگىرام پار سۈيى ئېلىنىدۇ. چوڭلارغا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن 20 گىرامغىچە ئىچىدۇ. بالىلارغا ئەھۋالغا قاراپ كېمەيتىپ بېرىلىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان يارىسى، 12بارماق ئۈچەي يارىسىنى داۋالاش، ھېيىزنى نورماللاشتۇرۇش، كەمقانلىقنى داۋالاش، چوڭ- كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇزۇن مۇددەت ئىچسە بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.

قارا ئۈژمە- ئاق تىكەن شەربىتى. قارا ئۈژمە سۈيىدىن 2 هەسسە. ئاق تىكەن قارغىتىنىڭ سۈيىدىن بىر هەسسە ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قازاندا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ئىسسىق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ياكى شېكەر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. دورا سوۋۇغاندىن كېيىن شېشىگە قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ. ھەركۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: نامەششام قارىغۇسى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەم ئاشقازاننى كۈچەيتىش، قان كۆپەيتىش، پېسە كېسىلىنى داۋالاش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.
شاتۇت شەربىتى: شاتۇت مېۋىسىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، پەس ئوتتا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ سۈزۈلدۈرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30- 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان ئاغرىقى، كۆكسى ئاغرىقى، ئۆپكە شاخچىلىرى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ، ھېيىزنى نورماللاشتۇرىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئەسكەرتىش: ھۆل شاتۇت ئورنىغا شاتۇت ۋاسالغۇسىدىن 2 هەسسە سۇغا سېلىپ يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن قويۇقلاشتۇرۇلغان شەربەتنى، يۇقارقى كۆرسەتمە بويىچە ئىچسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ.

نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇشنىڭ ئىلاجى: شاتۇت شەربىتى: شاتۇت مېۋىسىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، پەس ئوتتا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ سۈزۈلدۈرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30- 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان ئاغرىقى، كۆكسى ئاغرىقى، ئۆپكە شاخچىلىرى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ، ھېيىزنى نورماللاشتۇرىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئەسكەرتىش: ھۆل شاتۇت ئورنىغا شاتۇت ۋاسالغۇسىدىن 2 هەسسە سۇغا سېلىپ يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن قويۇقلاشتۇرۇلغان شەربەتنى، يۇقارقى كۆرسەتمە بويىچە ئىچسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ.
ئاشقازاننى كۈچەيتىشنىڭ ئىلاجى: قارا ئۈژمە- ئاق تىكەن شەربىتى. قارا ئۈژمە سۈيىدىن 2 ھەسسە. ئاق تىكەن قارغىتىنىڭ سۈيىدىن بىر ھەسسە ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قازاندا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ئىسسىق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ياكى شېكەر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. دورا سوۋۇغاندىن كېيىن شېشىگە قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ. ھەركۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: نامەششام قارىغۇسى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەم ئاشقازاننى كۈچەيتىش، قان كۆپەيتىش، پېسە كېسىلىنى داۋالاش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.

0. 5گرام شاتۇت قېقى، 0. 2كىلوگرام قىزىل زىرىق، 0. 25كىلوگرام قارىئۆرۈك قېقى، 0. 2كىلوگرام يەرلىك سېرىق چىلاننى تازىلاپ ئۇرۇقسىزلاندۇرۇپ، بىر كىلو سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 15مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن 0. 25كىلوگرام شېكەر بىلەن قىيام بولغۇچە قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15مىللىمىتىر ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، يۇقۇرى قان بىسىم، قان قېتىشىش، بۆرەك كىسەللىكى، ئاشقازان كېسەللىكى، ئىششىقتىن بولغان كاناي ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرى شىپا تاپىدۇ.

جىگدە گۈلىنى (جىگدە چېچىكىنى) شەربەت قىلىپ ئىچىش ھەرخىل مېڭە كېسەللىكلىرىگە، كۆكرەك ئاغرىقلىرىغا، دەم سىقىلىشقا، ئۆپكە جاراھەتلىرىگە، ئاشقازان، باھنى قۇۋۋەتلەشكە، جىگەر، تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئىچىشقا، يەللەرنى تارقىتىشقا، بەزگەك كېسىلىگە، تالنىڭ بۇزۇلغىنىغا ئوبدان پايدا قىلىدۇ.

كىشىنىڭ ئاشقازىنى سەپرادىن ئاغرىغاندا بىر ياكى ئىككى سىقىم قۇرۇق يۇمغاقسۇتنى ئىستېمال قىلىپ، ئۈستىگە بۆرىنىڭ ئۆتىنى ئىچسە پايدا قىلىدۇ، ئەگەر بۇنىڭ كۆرىنەرلىك ئۈنۈمى بولمىسا، جىگدىنى ئۇن قىلىپ، سوقۇلغان تاتلىق ئانارنىڭ پوستىغا ئارىلاشتۇرۇپ ناشتىدا ئىچسە ئاشقازان كېسەللىكى ساقىيىدۇ.

كىشىنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىسا، تاماق ھەزىم بولمىسا، جىگدىگە ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئاغرىقى، ھەزىم ناچارلىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

پۇت پۇراشنى يوقۇتۇشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى داسقا ئازراق قارا چاي ۋە تۇز سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىق سۇ قويۇپ، پۇت كۆيدۈرمىگىدەك بولغاندا، پۇتنى داستىكى سۇغا چىلاپ، بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە ئۇۋۇلاپ يۇيۇپ بەرسە، ھەم مۇشۇ ئۇسۇلنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا، پۇت پۇراشنى يوقاتقىلى بولىدۇ. يۇمغاقسۈت تال، ئاشقازاننىى كۈچەيتىدۇ يۇمغاقسۈتنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، تاماقنى سىڭدۈرۈپ، يەل ھەيدەش، تەرلىتىش، تالنى كۈچەيتىش، مۆتىدىللىقنى تەڭشەش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە. ئۇ تال، ئاشقازان بىئارام بولۇش، ئىشتىھاسىزلىق ئەھۋاللىرىنى ياخشىلاشتا قوشۇمچە رول ئوينىغان.

كەڭ، قىسقا، ياپلاق ھالەتتىكى تىرناق: بۇنداق تىرناق ئۈچەي ۋە ئاشقازاندا كېسەل بارلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
پىننىدىن 100 گىرام، چوڭ چىلاندىن 50 گىرام، قىزىلمۇچ يىلتىزىدىن 60 گىرام ئېلىپ پاكىز سۇدا قاينىتىپ، تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ.

توز يېغى

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، باھنى قوزغاش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:بەلنى، جىنسىي ئەزانى، مەقئەتنى ياغلىسا، باھنى قۇزغايدۇ. بۇ ياغنى سۇ، سوزاپ، ھەسەل بىلەن قۇشۇپ قۇرساققا ۋە ئاشقازان ساھەسىگە چاچسا، قۇلۇنجى ۋە ئاشقازان ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ.

قۇستە مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قۇستە 30 گرام، قارىمۇچ 9 گرام، پەرپىيۇن 9 گرام، ئاقىرقەرھا 12 گرام، قۇندۇز قەھرى 6. 5 گرام، كونا مۇسەللەس 300 مىللىلىتىر، زەيتۇن مېيى ياكى كۈنجۈت مېيى 150 مىللىلىتىر. قۇستە، قارىمۇچ، ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ، مۇسللەسكە بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى سۇس ئوتتا 150 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ، قازاننى چۈشۈرۈپ، سوۋۇغاندىن كېيىن سۈزۈپ، سىقىپ، دورا تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ، قايتىدىن شارابنى قازانغا قۇيۇپ، ئۈستىگە كۈنجۈ ياكى زەيتۇن مېيى قۇيۇپ، سۇس ئوتتا شاراب تۈگەپ ياغ قالغۇچە قاينىتىپ، قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، دورا سوۋۇغاندىن كېيىن بىر قېتىم سۈزۈپ تەييار قىلىنىدۇ.

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:ئاغرىق پەسەيتىش، پەينى چىڭىتىش، چاچنى قارايتىش، ئاشقازان، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:پالەچ، لەقۋا، مۇپاسىل، ئاشقازان، جىگەر كېسەللىكلىرىگە، بالدۇر چاچ ئاقىرىپ كېتىش، تەشەننۇچ قاتارلىقلاغا ئىشلىتىلىدۇ.

مەستىكى مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:30 گرام سوقۇلغان 150 مىللىلىتىر كۈنجۈت ياكى زەيتۇن مېيىغا ئارىلاشتۇرۇپ، بوتۇلكىغا قاچىلاپ، قازانغا توشقۇزۇپ سۇ قۇيۇپ، بوتۇلكىنى قايناۋاتقان قازاندا ھورداپ قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:ئىششىق ياندۇرۇش، يەللەرنى تارقىتىش، قاتتىقلىقنى يۇمشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش، كېكىرىش، ئاشقازان ئىششىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

قەلەمپۇر مېيى

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:بەش ئەزا، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان ۋە بۆرەكنى قىزىتىش خسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:ئېغىز پۇراش، چىش ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، قۇسۇش، ھېق تۇتۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

بۇزۇغا بوزۇغا مېيى

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىشىشىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۈرەك، مېڭە، ئاشقازان، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:سوغۇقتىن بولغان ئىشىشىق، باشتىكى بارلىق ئىللەتلەرگە، سوغۇقتىن بولغان ھەر خىل ئاغرىقلارغا، ئاشقازان، يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئادەمنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەندە، تاماق تاللاپ ئولتۇرمايدۇ، بۇنداق چاغدا تاماققا دىققەت قىلمىسا، ئاشقازان ۋە ئۈچەي زەخمىلىنىپ سالامەتلىكمىزگە خەۋپ يېتىشى مۇمكىن، شۇڭا قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندە ئازراق ئۇماچ ئىچېۋىتىپ، ئاندىن تاماق يېگەن تۈزۈك، چۈنكى ئۇماچ ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، خۇددى تامغا سۇۋاق بەرگەنگە ئوخشاش، ئاچلىق ئاشقازان سىللىق پەردە ھۈجەيرىلىرىگە بولغان زىياننى ئازايتىدۇ.ئۇما

چتىن باشقا ئۈگرە ئىچسىمۇ ئېچىرقاپ كەتكەن ئاشقازانغا باب كېلىدۇ، چۈنكى قورساق بەك ئېچىپ كەتەندە، ئاشقازان بىلەن ئۈچەينىڭ ھەزىم بولمايدىغان، ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر يېتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
كاللەكبەسەي تەركىبىدە ۋىتامىن U بار بولۇپ، ئېغىز يارىسىنى داۋالاشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە. ئېغىز يارىسىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىپلا قالماي يەنە، ئاشقازان يارىسىنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

. كاللەكبەسەي مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. گال ئاغرىش، سىرتقى جاراھەت، ئاشقازان ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى بىمارلىرى كاللەكبەسەينىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىستېمال قىلسا ياكى جاراھەت ئورنىغا سۈرتسە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

ئاناناس پوستى-ئاشقازان قوغداش رولى بار.

ئاناناس پوستىدا (سىرىتىدىكى تىكىنىدىن باشقا) مول مىقداردىكى ئوزۇقلۇق تالا ۋە ۋىتامىن C ماددىسىدىن باشقا، ئاناناس پروتېئىنازانىڭ يېمەكلىكلەرنى پارچىلاش، ھەزىم قىلىش يولىدىكى ھالاكەت گۇرۇپپىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئاشقازاننى قوغداش راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار. ئاناناس پوستىدىكى ئاناناس پروتېئىنازانىڭ مىقدارى ئاناناس مېۋىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ.

ئىستېمال تەۋسىيەسى: ئاناناس پوستىدىكى قولغا سانجىلىدىغان قىسمىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، پوستى بىلەن قوشۇپ ئېزىپ سۈيىنى ئىچسمۇ ياكى ئاناناس پوستىنى شىلىپ ئېلىپ پاكىز يۇيغاندىن كېيىن قايناقسۇدا تاكى رېڭى ئۆزگەرگۈچە قاينىتىپ ئاناناس سۈيى قىلىپ ئىچسە بولىدۇ.گلاس

تەركىبىدىكى مېۋە كىسلاتاسى مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

گىلاس تەركىبىدە تۆمۈر ۋە كاروتېن ماددىلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، بەدىنى ئاجىز كىشىلەرگە نىسبەتەن قان تولۇقلاپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئىگە. تاماقتىن ئىلگىرى 200-300 تال گىلاس ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار كىشىلەرگە ناھايىت پايدىسى بار.

گىلاس تەركىبىدىكى ۋىتامىن C تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇپ، ئاقارتىدۇ، قارا پىگمېنتنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، گىلاس تەركىبىدىكى مېۋە كىسلاتاسى مۈڭگۈز پەردىسى شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

قىزىلمۇچقىزىل مۇچ ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئورۇقلاشقا ياردىمى بار.

قىزىلمۇچ تەركىبدىكى كاپزائىتسىن ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان-ئۈچەيدىكى زىيانلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

تاتلىق لازا سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن C راك كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

سامساق

سامساق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي يەنە، ئاشقازان، ئۈچەي راكىنىڭ خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛

ئۇنىڭدىن باشقا، قان تومۇرلىرىنى تازىلاپ، قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

سوغۇق ئىچىملىكلەر ئاشقازان-ئۈچىيى نىسبەتەن سەزگۈر كىشىلەرنى غىدىقلايدۇ، شۇڭا بەزى كىشىلەردە ئىچىپ بولغاندىن كېيىنلا ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ قېتىق تەركىبىدىكى زەمبۇرۇغلار ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئۈچەي يولىدىكى باشقا سېللۇلۇزىنى ئېچىتىدۇ، بۇنىڭىن ھاسىل بولغان ئورگانىك كىسلاتالار ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىراق بازارالاردا سېتىلىۋاتقان قېتىق تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقرىى بولۇپ، ئاسانلا سەمرىتىۋېتىدۇ.

ئەتىگەندە ئاچ قورساققا سۇ ئىچىش

قەۋزىيەت ئىستېمال قىلغان سۇنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۈچەيدىكى يېمەكلىك قالدۇقلرىى سۇنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۈپ، چوڭ ئۈچەينىڭ لۆمىلدىىشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان سۇ ئىچكەندە، قەۋزىيەتنى يوقىتىدۇ، چۈنكى كەچتە ئاشقازان-ئۈچەي ئارام ئېلىش ھالىتىدە بولۇپ، ئەتىگەندە تاماق يېيىشتىن بۇرۇن سۇ ئىچىكەندە، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ئادەتتىكىدىن تېزلىتىپ، سۇنى دەرھاللا چوڭ ئۈچەيگە ئەۋەتىپ، تەرەتنىڭ سۇ تەركىبىنى ئاشۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
شاكىلات تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تېئوبرومىن بار بولۇپ، قىزىلئۆڭگەچ قورىغۇچى مۇسكۇللىرىنى بوشاشتۇرۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ناھايىتى ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچكە كىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.يالپۇز

قورىغۇچى مۇسكۇلىنى بوشاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئېچىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ؛ ھەر قانداق تەركىبىدە يالپۇز بار نەرسىلەردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك؛ مەسىلەن: يالپۇز چېيى، يالپۇز كەمپۈت ۋە يالپۇز تەملىك سېغىز قاتارلىقلار.
لاكتوزا ماس كەلمەيدىغانلار، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان بىئاراملىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
بىراق قېتىق، قاتتىق ئېرىمچىك ياكى لاكتوزا مىقدارى تۆۋەن كالا سۈتىنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

شوخلىنىڭ كىسلاتالىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاشقازاننى غىدىقلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسى ئىشلەپچىقىرىشى مۇمكىن.

شۇڭا، شوخلىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان ۋە مەيدىسى ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ شوخلا قىيامىمۇ ئوخشاش تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

قەھۋە ئاشقازاننى غىدىقلاپ، كۆپلىگەن ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ۋە ئاشقازان تېلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛بولۇپمۇ، ئاشقازان يارىسى ۋە مەيدىسى ئېچىشىش كېسەللىكلىرى بىمارلىرى قەھۋەنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەركىبىدە كوفىئىن بار ئىچىملىكلەرنىمۇ ئاز ئىچىش كېرەك.

سوغۇق ئىچىملىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىچكەندە، ئاشقازان تېمپۇراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى ۋە ھەزىم قىلىش رولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ شۇڭا غىزالانغاندا، چاي ۋە ئىسسىق لىمون سۈيى قاتارلىق ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى ئچىىش، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارىسىدا ئىچىش لازىم.
اغ تەركىبى زىيادە يۇقىرى يېمەكلىكلەر، مەسىلەن مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، ئاشقازان ئېچىشىش ۋە ئۈچەي غىدىقلىنىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش پۇرسىتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ؛چۈنكى، ياغ تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر ناھايىتى تەستە ھەزىم بولىدىغانلىقتىن، بەدەن ئاپتوماتىك ھالدا تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ؛ ئوخشاشلا زىيادە كۆپ غىزالىنىشمۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ زىيادە ئاجرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دائىم بانان ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

بانان تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاشقازان يېپىشقاق پەردىسىنى غىدىقلىشىنى يەڭگىللىتىپ، يېپىشقاق پەردە ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ھەر خىل ئاشقازان-ئۈچەي يارىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئاشقازان-ئۈچەينى ئىسسىق قاپلاشتىن كېلىپ چىققان قەۋزىيەت، يۈزى قىزىرىپ، بەدىنى ئىسسىپ كېتىش ياكى قورساق كۆپۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن ماس كېلىدۇ؛.

كۆپ يۆتىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن كېسەلنىڭ سەۋەبىنى تېپىش؛ ناۋادا ھەزىم ناچارلىشىپ ئاشقازان كۆپسە، ئاشقازان ئاغرىسا دەرھال تەكشۈرتۈش؛ تۇزلۇق يېمەكلىك، ھاراق، تاماكا، قەھۋە، قېنىق دەملەنگەن چاي، ئاچچىق-چۈچۈكتىن ھەزەر ئەيلەش؛ كالا سۈتى ۋە قايناق سۇغا ئوخشاش ئاشقازانغا پايدىلىق نەرسىلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك.

ھۆل ئىسسىقتىن بولغان زۇكام: تىل گېزى سارغىيىپ، تىل قېلىنلاش، يېپىشقاق ياغسىمان شۆلگەي قاپلاش، سوغۇقتىن قورقۇش، قىزىش، باش ئاغرىش، مەيدە سىقىلىش، ئاشقازان-ئۈچەي نورمالسىزلىنىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسۇش، قورساق غۇرۇلداش، ئىچ سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

چىلاننى قازاندا قورۇپ قارىدىغاندىن كېيىن دەملەپ ئىچسە، ئاشقازاننى سوغۇق قاپلاپ كېتىش ۋە ئاشقازان ئاغرىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

ئاشقازان ئاغىرقىغا نۇقۇتنى يۇمشاق سۇقۇپ، سوغوق سۇ بىلەن ئىچسە ئاغىرىقى ساقىيىپ كىتىدۇ. بۇغۇز ئىچىگە يارا چىقىپ ئېغىزئالمىسا تىڭشۇرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ بۇغۇز ئىچىگە پۈركىسە ئېغىز ئالىدۇ. ( ئۇ ئېغىزدىن پۈركىلىدۇ).

دورا يەپ بولۇپلا دەرھال ئۇخلىسا، دورا قىزىلئۆڭگەچكە چاپلىشىپ قېلىپ ئاشقازانغا تولۇق يېتىپ بارالماي، دورىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم دورىلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچنى غىدىقلاش تەسىرى كۈچلۈك بولغاچقا، قىزىلئۆڭگەچتە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرسا، قىزىلئۆڭگەچنى زەخمىلەندۈرۈپ، يارا پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
غىزالىنىشتىن بۇرۇن يۈزىنى يۇسا، قورساق ئېسىلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ

يازدا تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىزلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا قورساق ئېسىلىش پەيدا بولىدۇ. قورساق ئېسىلسا، ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ۋە ئاغرىش، سانجىق تۇرۇپ قېلىشنى پەيدا قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، غىزالىنىشتىن 15 مىنۇت بۇرۇن يۈزىنى يۇسا ۋە يۈز، مۈرە قىسمىنى ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتىپ يېنىك ئۇۋىلىسا، قورساق ئېسىلىشكە مەنپەئەت قىلىدىكەن.

ئۆتىدە تاش بولغانلار، ئۆت خالتا ياللۇغى، سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بولۇپ قالغانلار قىزىلمۇچ يېمەسلىكى كېرەك. قىزىلمۇچنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبلىك ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىدۇ. ئۆت خالتىسى يىغىلىپ قالىدۇ، ئۆت يولى ئېغىزى مۇسكۇلى تارتىىشىپ قېلىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىرىلىشى قىيىن بولىدۇ.

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، قىزىلئۆڭگەچ يەللىكى بارلار قىزىلمۇچ يېمەسلىكى كېرەك. قىزىلمۇچنىڭ غىدىقلاش رولى بولغاچقا، ئۇ قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سامساق: ئاچ قورساققا سامساق يېگەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسى، ئۈچەي دىۋارىنى قاتتىق غىدىقلاپ، قورساقنى ئاغرىتىدۇ.

دولانا، ئاپېلسىن: دولانا، ئاپېلسىن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مېۋە كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇنى ئاچ قورساققا يېگەندە، ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، قورساق كۆپۈش، سېرىق سۇ يېنىش، ھەتتا ئېغىر ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چاي: ئاچ قورساققا چاي ئىچكەندە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى تېخىمۇ سۇيۇلدۇرۇۋېتىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنە يۈرەك ئېغىش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىچى تىتىلداشتەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھاراق: ئاچ قورساققا ھاراق ئىچكەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەركىبى: بەدىيان 3-5گرام.

تەسىرى: ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ، يەلنى تارقىتىدۇ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ.

تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا سوقۇپ، كۈندە ئۈچ ۋاخ قارا چاي بىلەن دەملەپ ئىچىلىدۇ.

تەركىبى: بەدىيان، جۇۋىنە مۇۋاپىق مىقدارى.

تەسىرى: ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: ھەركۈنى ئەتىگەندە قارا چاي بىلەن دەملەپ ئىچىلىدۇ.

تەركىبى: ئوغرىتىكەن، زىرە، قۇرۇتۇلغان پىننە، جۇۋىنە، بەدىيان مۇۋاپىق مىقداردا.

تەسىرى: ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، يەلنى ھەيدەيدۇ، ئاشقازاننى قىزىتىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇدا مۇۋاپىق دەملەپ ئىچىلىدۇ.

تەركىبى: بەدىيان، رۇمبەدىيان، لاچىندانە مۇۋاپىق مىقداردا.

تەسىرى: ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ، يەلنى ھەيدەيدۇ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ.

تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا سوقۇپ ھەركۈنى دەملەپ ئىچىلىدۇ.

تەركىبى: زىرە، جۇۋىنە، پىننە، لاچىندانە، بەدىيان 10 گرامدىن.

تەسىرى: ئاشقازاننى قىزىتىپ، زىيادە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا سوقۇپ، ھەركۈنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بېرىلىدۇ.

تەركىبى: پىلپىل 10 گرام، رومبەدىيان، خولىنجان، زەنجىۋىل، جۇۋىنە، كەرەپشە ئۇرۇقى 6 گرامدىن، بەدىيان 3 گرام.
تەسىرى: ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ، يەلنى ھەيدەيدۇ، ئاشقازاننى ئاسراپ، ھەرخىل يەللىك ئاشقازان كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: سوقۇپ ھەركۈنى دەملەپ ئىچىلىدۇ.

بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قىلىشىدىكى سەۋەبلەر:

1. ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى؛ 2. باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش؛ 3. پارازىت قۇرتتىن يۇقۇملىنىش؛ 4. ئانتىبىئوتىكلارنى ئىچكۈزۈش؛ 5. مېۋە شەربىتىنى كۆپ ئىچكۈزۈش؛ 6. سۈت پاراشۇكىنى تەڭشەش مۇۋاپىق بولماسلىق؛ 7. سۈتتىن زىيادە سىزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش؛ 8. سويا (دادۇر)دىن زىيادە سىزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش؛ 9. ئىممونىتېت ئەملەش؛ 10. قۇلاق قىسمى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار.

قىسقىسى بالىنىڭ ئىچى سۈرۈپ كېتىشنىڭ سەۋەبى كۆپ، ئانىلار چوقۇم ۋاقتىدا سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، توغرا تەدبىر قوللانغاندىلا، ئاندىن تېز ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

كالپۇكنىڭ سېزىمى ياخشى بولمىسا، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ

كالپۇكنىڭ سېزىمى ياخشى بولمىسا، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تاماكا، ھاراق بەدەندىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قۇۋۋىتىنى خورىتىدۇ، ئاشقازان، يۈرەك، جىگەر، ئۆپكە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا، بۆرەككە بولغان زىيىنى چوڭ بولۇپ، بۆرەك زەئىپلىكى، بۆرەك نورمالسىزلىقى، بۆرەك يىگىلەش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاشقازان ئاغىرقىغا نۇقۇتنى يۇمشاق سۇقۇپ، سوغوق سۇ بىلەن ئىچسە ئاغىرىقى ساقىيىپ كىتىدۇ. بۇغۇز ئىچىگە يارا چىقىپ ئېغىزئالمىسا تىڭشۇرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ بۇغۇز ئىچىگە پۈركىسە ئېغىز ئالىدۇ. ( ئۇ ئېغىزدىن پۈركىلىدۇ)

زىغىر، قارمۇچ، زەنجىۋىل، جۆيىزنىڭ ھەر قايسىسىدىن 30 گىرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ ئىككى ھەسسە ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ، مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم 10 گىرامدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە بۆرەك، ئاشقازاننى قۇۋەتلەپ، ئاشقازاندىكى يەللەرنى قايتۇرىدۇ.

ھەسەل ئايرىپ ئېلىنغان شېكەر ياكى ساخاروزىدەك ئاشقازاندا ئېچىمايدۇ، شۇڭا ھەسەل ئىستېمال قىلغاندا باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەۋپى بولمايدۇ.

جىگەر ياكى ئۆت خالتىسىدا كېسەل بولسا، ئاشقازان، ئۈچەي ئاجرىتىپ چىقارغان ئۆت سۇيۇقلۇقى توسالغۇغا ئۇچراپ سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا سۈيدۈك تەركىبىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كېتىپ سۈيدۈك چاي رەڭگىدە كېلىدۇ.

ئېغىز پۇراش

ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللەر ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، چىش ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، چىشنى قۇرت يېيىش، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىق كېسەللەردىنمۇ ئېغىز پۇراش كېلىپ چىقىدۇ. يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش ئۈچەي، ئاشقازاننى تازىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، زۆرۈر بولغاندا ۋىتامىن B، C ۋە سىنىك تولۇقلاش كېرەك.

ئېغىز لاۋزىلىشىش

بۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسىلى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى كېسىلى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنت — سىنىك كەمچىل بولۇش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. يۇقىرىقى كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توخۇ، بېلىق، يېڭى كۆكتات، مېۋە قاتارلىق يۇقىرى ئاقسىللىق، ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، شۇنداقلا ھەر قېتىم تاماقتىن كېيىن ئىككى – ئۈچ تال دولانە يەپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئېغىز چۈچۈمەللىشىش

ئېغىزنىڭ چۈچۈمەللىشىشى ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئىپادىسى. ئاشقازان كىسلاتاسى ئارتىپ كەتكەنلەر كىسلاتالىق ياكى يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى چەكلەپ، شوۋىگۈرۈچ، ئۈگرە، بولكا قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

ئېغىز ئاچچىقلىشىش

ئۆت سۇيۇقلۇقى مېتابولىزىمىنىڭ نورمالسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئېغىز ئاچچىقلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. ئېغىز ئاچچىقلىشىش كۆپ ھاللاردا جىددىي، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، ئۆت خالتىسى ياللۇغى، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر پالەكنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك. پالەكنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، يېيىشلىك بولۇپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، ئۈچەي، ئاشقازاننى تازىلاش، ئىسسىقنى ھەيدەش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە، ئۇ يەنە قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان ئۇسساش، ئېغىز ئاچچىق بولۇپ گال قۇرۇش قاتارلىق كېسەللەرنى قوشۇمچە داۋالاش رولىغا ئىگە.

ئۈزۈم بىلەن سۈتنى تەڭ ئىستېمال قىلشقا بولمايدۇ. سۈتتىكى بەزى ماددىلار ئۈزۈمدىكى ۋىتامىن C بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ ئاشقازاننى زەخىملەندۈرۈپ، ئىچ سۈرۈش، قوسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۈزۈم يەپ بولۇپلا سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. ئۈزۈم ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولغاچقا، ئۈزۈم يەپ بولۇپلا سۇ ئىچكەندە، ئاشقازان كىسلاتاسىنى سۇيۇلدۇرۇۋېتىدۇ. ئۈزۈم بىلەن سۇ ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن ئوكسىدلىنىپ، ئۈچەينىڭ غىدىقلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئومومىي بەدەننى سوغۇقلۇق قاپلاپ قان سوۋۇش سەۋەبىدىن بولغان ئاشقازان، بۆرەك، بالياتقۇ ئاجىزلىغان كىشىلەر ئۈچۈن كەپتەر شورپىشى تەييارلاشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: قانات-قۇيرۇقلىرى تولۇق يېتىلگەن، لىكىن راۋۇرۇس ئۇچقىدەك بولمىغان كەپتەر باچكىسىنى بىسمىللا بىلەن ئۆلتۈرۈپ، پاكىز تازىلاپ ئىككى چىنە سۇدا پۇشۇرىمىز. بۇنىڭغا قوشۇلىدىغان دورا-دەرمەكلەردىن: قەلەمپۇر 4 تال، پىلپىل 1 تال، بۇغا مۈڭگۈزى 4 يالپاق، زەپە بىرگىرامنىڭ 5/1، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، زەنجىۋىل، قارامۇچ كىچىك بىر چىمدىمدىن، سەككىزقۇلاق بىرتال، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، پىياز قاتارلىقلار سىلىنىدۇ.

بەدىنى سوغۇق ھېس قىلىدىغان، جىنسىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئاشقازان ياللۇقى، ئۇيقۇسى كۆپ، ھارغىن ھېس قىلىدىغانلار، بالياتقۇ، جىنسىي يولى ياللۇقىغا گىرىپتار بولغان، ئاق خۇن كۆپ كىلىدىغان، بەل-پۇت تىلىپ ئاغرىيدىغان، جىنسىي ھېسياتى سۇسلىغانلار ئىككى كۈندە بىر قېتىمدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە قۇۋۋەتنىڭ ئەسلىگە كىلىشگە كۆپ ياردىمى بولىدۇ. يۇقۇرى قان بېسىمى بىمارلىرى، كىچىك بالىلار ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك.

ئۇزۇن يىللىق ئاشقازان كېسىلى بار كىشىلەر توڭ بېھىدىن 3-4 تىلىپ پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ، سۇيۇقلۇق سىقىپ چىقىرىش ماشىنىسىدا سۈيىنى چىقىرىپ، ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، كۆپ دېگەندە نەچچە ئون كۇلى بىھىسىنى يېگەندىن كېيىن، ئاشقازان كېسىلى سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ.

ماغدۇرسىزلىقتىن بولغان ئىچى سۈرۈش: بۇ خىل ئىچى سۈرۈشتە باش قېيىش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، قورساق كۆركىراش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، لوڭيەن مېۋىسىدىن 100 گىرامنى (مېۋە شۆپىكىدىن ئازراق قوشۇپ) يەپ بەرسە، ئىچى سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەگەر ئىچى سۈرگەن بولسا، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

يېمەكلىكتىن ئىچى سۈرۈش: بۇنىڭدا ئوزۇقلۇق بىر ئاز ئېشىپ كەتسىلا ئىچى سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ تال، ئاشقازان ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىلىرىنىڭ بىنورماللىقىنىڭ ئىپادىسى. ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بېسىمۇقنى قورۇپ ياكى سۇدا پىشۇرۇپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە كۈنىگە ئىككى قېتىم، نورمال مىقداردا ئىچىپ بەرسە، ئىچى سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

بۇرۇن ئۇچىغا دانىخورەك چىقسا، سەۋەبى : ئاشقازاننى قۇرۇق ئىسسىق قاپلاپ كېتىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق. داۋالاش ئۇسۇلى : سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش.

گىلاسنى ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن، ئۆپكىسى ئىششىپ يۆتەلگەنلەر ئاز يېيىشى، شېكەر تاركىبىمۇ مول بولغاچقا، دىئابىت ئاغرىقلىرى كۆپرەك يېيىشتىن ساقلىنىشى، ئادەتتىكى ئادەملەر كۈنىگە بىر قانچە تال يەپ بېرىشى كېرەك. بەك كۆپ يەۋەتسە ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ.

گىلاستا تۆمۈر ماددىسى مول بولغاچقا، مىجەزنى تەڭشەيدىكەن. پۇت-قوللىرى مۇزلايدىغان، تېنى ئاجىز، سوغۇقتىن بەل، پۇت بوغۇملىرى ئاغرىيدىغانلار كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە تال، ئاشقازانلارنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بولۇپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىققا شىپا بولىدىكەن.

نېلۇپەر غوزىسىدىن 3 دانە، ئەينۇلا، چىلانلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 دانىدىن، تەمرىھىندىدىن 30 گرام، بىنەپشە گۈلىدىن 15 گرام ئېلىپ چالا سوقۇپ، 1 كىلوگرام سۇغا 1 سوتكا چىلاپ، ئاندىن قاينىتىپ مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە مەلۇم مىقداردا ئىستىمال قىلسا، مڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپ كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرىدۇ، ئاشقازان خىزمىتىنى نۇرماللاشتۇرىدۇ. جىگەرنى كۈچلەندۇرۈپ قان ۋەسەپرادىن بولغان تەرتىپسىز قىزىتمىغا شىپا بپلىدۇ،
ئاشقازان كۆپۈپ ياكى كۈيۈپ ئاغرىسا، زىرىنى قايناقسۇغا سېلىپ دەملەپ ئىچىسە شىپا قىلىدۇ.

ياڭاق مۇرابباسىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلسا، ئاشقازان يارىسى، بەدەندە ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇق ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

12گرام ئالما پوستىنى قاينىتىپ ياكى دەملەپ ئىچسە ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىش، ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

قارىمۇچنى سوقۇپ تاسقاپ، سىپۇپ (تالقان) تەييارلاپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.

ياڭاق مېغىزىنى ھەر كۈنى 3~2 قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا چايناپ بەرسە، ئاشقازان كېسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىش ۋە ئاشقازان يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.ئاش

قازان ئاغرىش: قىزىل تۇخۇمدىن 20نىڭ شاكىلىنى كاھىش ئۈستىدە قويۇپ ئوتتا قىزىتىپ، يۇمشاق ئۇۋاپ، ھەر كۈنى تاماقتىن بۇرۇن شېكەر سۈيى بىلەن بىر قوشۇقتىن ئىچىۋېتىمىز، بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئىچىپ تۈگىتىمىز. بۇ ئۇسۇل يەنە كالتسىي تولۇقلاش ۋە كۆمۈرچەك ئاغرىقىنى داۋالاشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئاشقازان قىسمى بىئارام بولۇش يۈرەك كېسىلىدىمۇ ئاشقازان بىئارام بولىدۇ، ئەمما ئاشقازان كېسىلىدىكىدەك مۇجۇپ ئاغرىش ۋە قاتتىق ئاغرىش ئاز كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە كۆيۈپ ئاغرىيدۇ ۋە كۆڭلى ئاينىيدۇ.

كالپۇكى سەزمەس بولۇپ قېلىش كالپۇكى قولىشىش، تامىقى ئازلاپ، ئورۇقلاپ كېتىش ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاشقازان ئاستى بېزىدە مەسىلە كۆرۈلسە، ئاشقازانغا تەسىر قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كالپۇك قۇرغاقلىشىپ، سەزمەس بولۇپ قالىدۇ.

ئاشقازان ئاغرىسا، ئەتىياز پەسلىدە ئېرىق بويلىرىدا يېڭى ئۆسۈپ چىققان يالپۇزنى قارا گۆش بىلەن ئۇدا بىر نەچچە مەرتىۋە چۆچۈرە ئىتىپ يېسە پايدا قىلىدۇ.

قاپاق(چۆمۈچ) ئۇرۇقىنى يېسە، ئىسسىقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقى شىپا تاپىدۇ.

تاماقتىن ئىلگىرىكى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا بىر ئىستاكان سۇۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچسە، ئاشقازان- ئۈچەيلەرنىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

بۆرەكنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان يېمەكلىكلەر

تەرخەمەك: ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولۇپ، سۈيدۈك يولىنى تازىلاپ، بۆرەكنىڭ سۈيدۈك يولىدىكى زەھەرنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاۋا ماددىسى، تەرخەمەك كىسلاتاسى ئۆپكە، ئاشقازان، جىگەر قاتارلىقلارنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

گىلاس:ئەڭ قىممەتلىك دورىلىق يېمەكلىك بولۇپ، بۆرەكنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ئالاھىدە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ يەنە تەرەت راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر

سەۋزە:سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېلىمى سىماب بىلەن بىرىكىپ، قاندىكى سىماب ئىيونىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. كۈندە ئازراق سەۋزە ئىستىمال قىلىنسا، ئاشقازاندىكى قان ئايلىنىشىنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، كېسەل پەيدا قىلىدىغان قېرىتقۇچى ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ.

سامساق:سامساقتىكى ئالاھىدە تەركىب بەدەندىكى قوغۇشۇننىڭ مىقدارىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ.

ئۈزۈم:جىگەر، ئۈچەي، ئاشقازاننڭ بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە قاننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كۈچەيتىدۇ.

ئەنجۈر:تەركىبىدە ئورگانىك كىسلاتا ۋە كۆپ خىل ئېنزىم بولۇپ، جىگەرنىڭ زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئاشقازاندىكى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

قۇستە يېغى

تەركىبى:قۇستە 30گرام قۇندۇز قەھرى 6. 5 گرام

پىلپىل 12 گرام كونا مۇسەللەس 300مىللىلىتىر

پەرپىيۇن 12گرام زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغى 150 مىللىلىتىر ئاقىرقەرھا 12 گرام

تەييارلىنىشى: قۇستە، پىلپىل، ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ، مۇسەللەسكە بىر كېچە چىلاپ ئەتىسى 150 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ ئاندىن سۇۋۇتۇپ سۈزۈلىدۇ. سىقىپ دورا تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ مۇسەللەسنى قايتىدىن قازانغا قۇيۇپ ئۈستىگە كۈنجۈت ياكى زەيتۇن يېغىنى قويۇپ، مۇسەللەس تۈگەپ ياغ قالغۇچە قاينىتىپ، ئارقىدىن قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ قازانغا سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. دورا سۇۋۇغاندىن كېيىن بىر قېتىم سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى ؛ قۇرۇق ئىسسىق.

تەسىرى: ئاغرىق پەسەيتىش، پەينى چىڭىتىش، چاچنى قارايتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە.
ئىسلىتىدىغان كېسەللىكلەر: لەقۋا، پالەچلەرگە، مۇپاسىل، ئاشقازان، جىگەر ئاغرىقلىرىغا، ئاق چاچلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

قەلەمپۇر مېيى

قەلەمپۇر 280 گرام سۇ 1680 مىللىلىتىر تۇز 24 گرام

تەييارلىنىشى: قەلەمپۇرنى سۇغا چىلاپ، ئۈستىگە تۇزنى سېلىپ ئوت ئۈستىدە قويۇش ياكى ئاتنىڭ قىغىغا كۆمۈش ئارقىلىق تاكى يۇمشاپ خېمىردەك ھالغا كەلگىچە ئىسسىقلىق بېرىلىدۇ، ئاندىن ئىمبىق ياكى پار قازىنى بىلەن پارلاندۇرۇپ تامچىلىتىپ ئېلىنغان سۇيۇقلۇق ئۈستىدىكى يېغى ئايرىۋېلىنىدۇ.

تەسىرى: روھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، جاراھەتلەرگە ئىشلىتىلگەندە گۆش ئۈندۈرىدۇ.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:سۇغۇقتىن بولغان جىگەر كېسەللىكى ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكى، يۈرەك كېسىلى، مېڭە كېسەللىكى ۋە كۆزنىڭ كۆرۈشى ئاجىز كېسەللىكلەرگە رېماتىزىم ئاغرىقلىرى، پەتەق ئاغرىقلىرى، چىش ئاغرىقىغا ھەمدە سەۋداۋى كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى: كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىچىشكە ياكى سىرتىدىن ياغلاشقا بۇيرۇلىدۇ. كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىز كىشىلەرگە ئاز مىقداردا ئىستىمال قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. قالغان كېسەللەرگە ياغلاشقا بۇيرۇلىدۇ.

ئەسكەرتىش:قەلەمپۇر يېغىنىڭ كۈچى بىلسان يېغىدىن ئاجىزراق، بىلسان يېغى تېپىلمىغاندا قەلەمپۇر يېغى ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

 

بەش ئەزا سەزگۈسىدىكى ئۆزگىرىشلەر

1. كۆز تۇيۇقسىز نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىش. بۇ، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى.

2. پۇراش سەزگۈسى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىش. بۇ، ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، مەسىلەن، زۇكام بولغاندا بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك پۇرىقى پۇرىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ، ئۆپكىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ.

3. كالپۇك سەزگۈسى گاللىشىپ قېلىش. بۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى. ئاشقازان زەخمەتكە ئۇچرىغاندا، كالپۇك قۇرۇش، يېرىلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

4. قۇلاق ئېغىرلاپ قېلىش. بۇ، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى، كۆپىنچە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەردە بۆرىكى توسالغۇغا ئۇچراشتىن ئىبارەت ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، شۇڭا قادىلىپ ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.5.

تەم سەزگۈسى گاللىشىش. بۇ، يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى. ئېغىز قۇرۇغان، يېمەكلىكنىڭ تەمىنى بىلەلمىگەن چاغدا، يۈرەكتە كېسەل ئالامىتى يۈز بېرىشكە دىققەت قىلىش لازىم.

ئېغىز ئېچىشىش

ئۆپكە يىگىلەش ياكى ئاشقازاننى ئىسسىق ئېلىپ كېتىش ئېغىز ئېچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، نېرۋا فۇنكسىيەسى بۇزۇلۇش كېسىلى، كېلىماكتېرىيە ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردىمۇ ئېغىز ئېچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئاق ئامۇتنى پاكىز يۇيۇپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئىچىگە ھەششەتۇلھەجەل (川贝)، ناۋات، ھەسەل قاتارلىقلارنى قۇيۇپ دۈملەپ يېسە ئېغىز ئېچىشىشنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

بىينىڭ ئىزىپ چىقىرىغان سۈيىنى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلسا كۆڭۈلنى ئېچىپ ھارغىنلىقنى باسىىدۇ، ئاشقازاننى كۈچلەندۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، تەشنالىقنى قاندۇرىدۇ.

بىينىڭ ئىزىپ چىقىرىلغان سۈيىدە مۇۋاپىق مىقداردىكى شىكەر بىلەن قائىدە بۇيىچە شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلسا جىددى ۋە سۇزۇلما تىپتىكى ئاشقازان ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرگە شىپا بولىدۇ.

تۆگە سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، دەم سىقىلىش، زىققا، كاناي ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشىش، جىگەر قان تومۇر ئۆسمىسى، جىگەرنى ماي قاپلاش، جىگەر راكى قاتارلىقلارغا ئوبدانلا مەنپەئەت قىلىپ، ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ. مەسىلەن، ئاشقازان-ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ئاقسىلنىڭ تولۇقلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم باھنى قۇۋۋەتلەپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى ۋاقتىدا سىرتقا ھەيدەپ چىقىرىپ، قورساققا سۇ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغاندىن سىرت، تالنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، قاننى تازىلاپ، پۈتۈن ئورگانىزىمنىڭ ساغلام بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

گازىر مېغىزىنىڭ شىپالىق رولىنى بىلەمسىز؟

گازىر مېغىزىنىڭ تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرۇق ئىسسىق. ئىششىق ياندۇرۇش، مېڭە، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرى ئېچىش ۋە تازىلاش، مېڭە، پەيلەرنىڭ سوغۇقتىن ئاغرىشى ۋە چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ؛ ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، باھنى كۈچەيتىش ؛ سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش؛ ئۇششاق تاشلارنى ئېرىتىش رولى بار.
ئىشلىتىلىشى: قان بېسىم، تاجىسىمان قان تومۇر قېتىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: گازىر مېغىزىنى كۆپ يېسە، قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىق كىشلەرگە زىيان قىلىدۇ. باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىش، باش ئاغرىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ چاغدا ھەسەلنى قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئىچسە، ئەكىس تەسىرنى پەسەيتىدۇ.

ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېمەكلىكلەر

ماروژنا. ماروژنا تەركىبىدە ماي ماددىسى يۇقىرى بولۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېگەندە، بەدەننىڭ ماينى كۆيدۈرۈشىگە يېتەرلىك ۋاقىت بولمىغانلىقتىن، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سامساق. ئۇخلاشتىن بۇرۇن سامساق يېگەندە، ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، ئاشقازان بىئارام بولىدۇ.

شاكىلات. شاكىلات تەركىبىدە قەھۋە ماددىسى بولغاچقا، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چىنىقىشتىن بۇرۇن قەھۋە ئىچمەڭ

قەھۋەنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، سەگەكلەشتۈرۈش رولى بار. قەھۋەنى ئىچىپ بولۇپلا چېنىقسا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، شۇڭا قەھۋەنى ئىچىپ 40 مىنۇتتىن كېيىن چېنىقىش كېرەك.
30 مىللىلىتىر بىيە شەربىتىگە زىخ سۈيىدىن 30 مىللىلىتىر، يۇمشاق سۇقۇلغان مەستىكىدىن ئالتە گىرام ئارلاشتۇرۇپ، كۈندە ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىستىمال قىلسا ئۆتكۈر تىپتىكى ئىچ ئۆتكۈ، قان تولغاق، ئۈچەي ياللۇغى، ئۈچەي يارىسى، ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي ياللۇغى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىق كىسەلىكلەرگە مەنپەت قىلىدۇ.

چېچەكسەينى كۆپ يېسە زېھنى ئاجىزلىشىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ

يېقىنقى بىر قېتىملىق تەتقىقاتتا چېچەكسەينىڭ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش، مېڭە ئاجىزلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا رولى بارلىقى ئىسپاتلاندى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېچەكسەينىڭ يەنە قان توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، مېڭىنى تىنچلاندۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار. ئۇنىڭ چېچىكى، غولى، يوپۇرمىقى، يىلتىزى دورىغا قوشۇلىدۇ، ئۇنىڭ يىلتىزى بىلەن قوي گۆشى، توخۇ گۆشى پىشۇرسا، قان ئازلىقنى ۋە ياشانغانلارنىڭ باش قېيىشنى داۋالاشتا ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

سامساق ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

دائىم سامساق ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەردە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ، چۈنكى سامساق ئاشقازاندىكى نىترىتوئىدنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇشىدا نىترىتوئىد مۇھىم سەۋەبتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم باشپىياز ئىستېمال قىلىنسا، ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى %25 ئازايتقىلى بولىدۇ. تۇزلانغان يېمەكلىك، سۈرلەنگەن بېلىق ۋە بېلىق كاۋاپلىرىنى ئاز ئىستېمال قىلىشمۇ ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇلدۇر.

كەتىرا قوي گۆشى شورپىسى رېتسىپ:

دارچىن 10 گرام، ئاق چوغلۇق 15 گرام، زەنجىۋىل 10 گرام، چىلان 10 گرام، چۈچۈكبۇيا 6 گرام (قۇرغاق)، قوي گۆشى 250 گرام.

تەسىرى: تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بۆرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

داۋالاش دائىرىسى: سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىش، پۇت – قوللىرى تېلىپ ئاغرىش، بەل – تىزلىرى ماغدۇرسىزلىنىش، كەچتە كىچىك تەرەپ كۆپ بولۇش.

كىشىلەر يۇقارقى ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق داۋالانغاندا، زۇكامداپ قىزىش، ياكى مەنپىيىلىك زەئىپلىششتىن قىزىغاندا ئىستېمال قىلىشنى توختىتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

قىززىپ قالغاندا، شېكەر سېلىنغان سۇ ئىچىپ بەرسە قىزىتمنى ياندۇرۇشقا پايدىسى بار، شېكەر سۈيى يەنە ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.

يېمەكلىك ماي: ئۇ بىر خىل يېنىك تىپتىكى پەسەيتكۈچ بولۇپ، بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمى كۆيۈپ قالغاندا، يېمەكلىك مايدىن يارىدار بولغان جايغا سۈرۈپ قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، ھاشاراتلار چېقىۋالغاندىمۇ، ئىللىتىلغان ماينى جاراھەت ئېغىزىغا سۈرۈپ قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ئەگەر ئاشقازان يارىسى بولسا، ھەر كۈنى ئەتىگەن-كەچتە ئىككى قوشۇق خاسىڭ مېيى ئىستېمال قىلسا بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ. بۇنىڭ يەنە قەۋزىيەتكىمۇ پايدىسى بار. ئەگەر كىچىك قۇرت قۇلاققا كىرىپ كەتسە، نەچچە تامچە تېمىتىپ قويساقلا، قۇرت يېنىپ چىقىدۇ.

قاڭشار تال، ئاشقازان، ئۇيقۇلۇقنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر قاڭشىرىڭىزنىڭ ئۈستىدە ئۈزۈلگەن ھالەتتىكى ۋىنا كۆرۈلسە، تېنىڭزىنىڭ قان شېكىرى سەۋىيىسىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. دېققەت:ئېسىل يىمەكلىكلەر، شېكەر، قەھۋە ۋە ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىڭ، بۇ نەرسىلەر قان شېكىرى سەۋىيىسىدە داۋالغۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاشقازان ئۈچەينىڭ خىزمىتى ناچارلاشسا تەركىبىدە تالا ماددىسى بولغان ئالما، پۇرچاق ۋە مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىق تالالىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىڭ. تېرىڭىز يىرىكلىشىپ كەتسە سەۋزە، گۆش، ھەر خىل كۆكتات ۋە بېلىق قاتارلىق تەركىبىدە ۋېتامىن مول بولغان يىمەكلىكلەرنى يەپ بەرسىڭىز تېرىڭىز سىلىق ۋە پارقىراق بولىدۇ.

چىلاننىڭ يېڭى قاسرىقىنى ئورۇقراق قوي گۆشى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە تۇيۇقسىزلا ئاشقازان يۈرەك ئەتراپىدا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولىدىغان ئاغرىقلارنى دەرھال توختىتىپ كېشىگە ئارام بېرىدۇ.

10دانە چىلان، 200گرام سىكاس يوپۇرمىقىنى سۇدا پۇشۇرۇپ بىر ئاينى بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىپ كۈنىگە 2قېتىمدىن يەپ بەرسە ئاشقازان راكىغا مەلۇم شىپالىق رولىنى ئوينايدۇ.20دان

ە كۆيدۇرۇلگەن چىلان ئىتى ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى ياڭاق مېغىزىنى قورۇپ سوقۇپ 200گرام قارا شىكەر 200گرام ئاق شىكەر 100گرام ھەسەل مۇمىنى قوشۇپ ئىزىپ خېمىر ھالىتىگە كەلتۇرۇپ 20گرامدىن كۈنىگە 2قېتىم يېسە ئاشقازان ياللۇغىغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

30گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن 10دانە چىلاننى سۇدا قاينىتىپ ئۇنىڭدىن 200مىللى ئەتراپىدا شەربەت چىقىرىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا 60گرام ھەسەلنى قوشۇپ تەڭشەپ 20كۇننى بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىپ ھەر كۈنى تاماقتىن بۇرۇن يەپ بەرسە ئاشقازان ئاغرىقى ۋە 12بارماق ئۈچەي يارىسىغا شىپا بولىدۇ.

ئاشقازانغا پايدىلىق ئۇيۇما چۆپ

【ماتىريالى】 قوي گۆشى، بۇغداي ئۇنى، زەنجىۋىل، ، چىلان، دارچىن، قارىمۇچ، خولىنجان، تۇز ۋە باشقا دورا دەرمەكلەر مۇۋاپىق مىقداردا.

【تەييارلاش ئۇسۇلى】 بۇغداي ئۇنىدىن خېمىر يۇغۇرۇپ، كېسىپ ئىنچىكە چۆپ تەييارلىنىدۇ. قوي گۆشى بىلەن باشقا دورا-دەرمەكلەر قوشۇلۇپ قاينىلىتىدۇ ھەمدە شورپىسى چىقىرىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا كېسىپ تەييارلانغان چۆپنى سېلىپ قاينىتىپ، ئۈستىگە قارىمۇچ سېپىپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ.

【تەبىئىتى】 ھۆل ئىسسىق.

【شىپالىق رولى】 تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدۇ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

【ئىشلىتىش ئۇسۇلى】 مۇۋاپىق مىقداردا كەچلىك تاماق ئورنىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ.

شال يىلتىزىدىن بىر سىقىمنى بىر چىنە سۇدا يېرىم چىنە قالغۇچە قاينىتپ، تېرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ، دورا سۈيىنى قايتا سۈزۈپ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم بىر قوشۇقتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا، ئاشقازان ئاغرىىقى سەۋەپلىك قۇسۇشنى توختىتىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

ياڭاق مېغىزىنى سىركىگە ئىككى سائەت چىلاپ ئېلىپ، قۇرۇتۇپ سوقۇپ تالقانلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ بارماقتا بىر چىمدىمدىن تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازاننىڭ تاماق ھەزىم قىلالماسلىقتەك ئاجىزلىقىغا شىپا بولىدۇ.

كاللەك بەسەينىڭ يىلتزىنى ئېلىۋىتىپ پاكىزلەپ، ئىككى جىڭ مىقداردا ئۈگرىدەك توغراپ تۆت چىنە سۇغا سېلىپ، ئۈچ چىنە سۈي قالغۇچە قاينىتىپ تېرىپلىرىنى ئېلىۋىتىپ، سۈينى ئېلىۋىتىپ ئوبدان سۈزۈپ ئۈستىگە بىر جىڭ ئاق شېكەر سېلىپ يەنە بىر قاينىتىپ تەييارلاپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى كېسىلىگە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

كۆك يانتاق چېچىكى ئۈچ يېرىم سەر. بۇنى بىر چىنە قايناق سۇغا دەملەپ، تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ تەييارلايمىز، چوڭلار بۇ دورا سۈيىنى بىر كۈندە ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان كېسەللىكىدىن بولغان قورساق ئېسىكى ۋە قىزىتمىنى ياندۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

ئانار ئۇرۇقى بىر سەر ئالتە يېرىم مىسقال، يالپۇز ھەمدە ئۆرۈك يېلىمى بىر سەر ئالتە يېرىم مىسقالدىن تالقانلاپ، چوڭلار كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت بارماقتا بىر چىمدىمدىن، كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان كېسەللىكى سەۋەپلىك كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇشنى توختىتىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

ئاشقازان ئاغرىقىغا تۇخۇم شاكىلىنى قۇرۇتۇپ ئۇۋاق قىلىپ، ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ، ھەر قېتىمدا 1. 3~3 گرامنى تاماقتىن بۇرۇن ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۈزى قىززىرىپ بىئارام بولىدىغانلار كەرەپشە شەربىتى ئىچسە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. چۈنكى كەرەپشىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن bمول بولۇپ، قان پېلازمىسىدىكى ئىسپىرىتنى كېسىدۇ ۋە ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ.

تاتلىق بادام مېغىزىنى ھەر كۈنى 20 دانىدىن ئىستېمال قىلسا، مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلاپ، نېرۋا ئاجىزلىق، يۇقىرى قان بېسىم، قەنىت سىيىش، ئاشقازان كېسىلى، 12بارماق ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىقلارغا شىپا بۇلىدۇ.

ئاشقازان ئاجىزلىق ۋە بۇخاراتلار سەۋەبىدىن باش قايسا تاماقتىن كېيىن گۈلقەنت، جاۋارىش ئامىلە، ھەبىبى ئىسەمغىقۇن يېيىش كېرەك.

جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالسا، ئوچاق ئىچىدىكى سېرىق توپىدىن ئىككى سەر ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، لېيى تىنغاندىن كېيىن ئىچسە شىپا بولىدۇ.

بىر سەر ئۇچار چاشقان مايىقىنى بەش مىسقال قۇستە بىلەن قوشۇپ ئېزىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر مىسقالدىن قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سوزۇلۇشچان ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

قوۋۋەت چاي

خۇرۇچلار : قارىچاي، ياڭاق مېغىزى، ئالقات، ناۋات، چىلان، قورۇق ئۈزۈم، دارچىن قاتارلىقلار.

دەملەش ئۇسسۇلى : يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان خۇرۇچلاردىن ناۋات بىلەن قارىچايدىن باشلىقلىرىنى موۋاپىق مىقداردا ئارلاشتۇرۇپ يۇيۇپ، چەينەككە سېلىپ ئۈستىگە قايناق سۇ قويۇپ، سۇس ئوتتا بىر نەچچە مىنۇت قاينىتىمىز ؛ خۇرۇچلارنىڭ تەمى چىققاندا، چەينەككە ناۋات بىلەن قارىچاينى سېلىپ، بىر نەچچە مىنوت دەملەپ، پىيالە بىلەن بىر نەچچە قېتىم سورۇيمىز.

ئالاھىدىلىكى : بۆرەك-ئاشقازان ئاجىزلىقى، بەل-پۇت سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەننى قوۋەتلەيدۇ، روھىنى ئۇرغىتىدۇ.

پىننە چاي : بۇ پىننىنىڭ يوپۇرماق، غول-بېغىشلىرى سېلىنىپ دەملىنىدىغان چاي بولۇپ، بۇ خۇرۇچلارنى ئايرىم ئىشلىتىشكىمۇ، قوشۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ چاينىڭ رەڭگى كۆكۈچ سېرىق ھىدى ئالاھىدە خۇشبۇي بولىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەيلىرىنى قۇۋەتلەپ ھەزىم، قىلىشنى ياخشىلايدۇ. گۈلچاي دەملىگەنگە ئوخشاش دەملىنىدۇ.

رەيھان چاي : بۇ چاي تاغ رەيھاننىڭ گۈل، يوپۇرماقلىرى سېلىنىپ دەملىنىدۇ. رەڭگى قىزىلغا مايىل، خۇش پۇراقلىق، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق. نەپەس يولى ۋە تالدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ، پۇراش سېزىمىنى ئاشۇرىدۇ، كۆڭۈلىنى خۇشخۇي قىلىدۇ. بۇ خىل چايمۇ گۈل چايمۇ گۈلچاي ئاددىي دورا چاينىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، سېرىق چېچەكلىرى ۋە يوپۇرماقلىردىنمۇ چاي دەملەشكە بولىدۇ.

گۈلچاي : بۇ قىزىلگۈلنىڭ قورتۇلغان بەرگىللىرى سېلىنىپ دەملىنىدىغان چايدۇر. قىزىلگۈل بەرگىللىرى بولمىغاندا، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى، بېغىشى قاتارلىقلاردىن دەملەشكىمۇ بولىدۇ. بۇنداق چاينىڭ رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، ھىدى ئالاھىدە خۇش پۇراقلىق بولىدۇ. گۈلچاي دەملەشتە چەينەككە ئىككى-ئۈچ گىرام گۈل بەرگللىرى سېلىنىپ، ئۈستىگە ئىككى جىڭ قايناق سۇ قويۇلىدۇ، ئارقىدىن چەينەك ئۈستىگە چاي قالپاق كىيدۈرۈلۈپ بەش مىنوت ئەتراپىدا دەملىنىدۇ.

بۇ چاي يۈرەك، ئۆپكە، ئاشقازان، جىگەر، بۆرەك، ئۈچەي قاتارلىق ئەزالارنى قوۋەتلەيدۇ، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ، ئەگەر بۇ خىل چاي بىلەن كېسەل داۋالىماقچى بولسا سېلىندىغان گۈل بەرگىنىڭ مىققدارى ئون گىرام ئەتراپىدا بولىشى كېرەك. بۇ چاي گۈل خەمىكى بىلەنمۇ دەملىنىدۇ، بۇ بالاياتقۇ كېسەللىرىگە مەنپئەت قىلىدۇ
ھەرە كۆنىكى، زەمچە 12گرامدىن، ئەمە يۇپۇرمىقى 20گرام، سەپرا ئوت يىلتىزى پوستىدىن 15گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، سۈيىدە يەرلىك ئورۇننى يۇسا، جاھىل تەمرەتكە ۋە تېرە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 3-6گرام.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ، تۈزەتكۈچىسى: سۈت.

ئورۇنباسارى : ھەسەل

زىغىردىن 60 گىرام، ئەنجىباھار، ئانار گۈلىدىن 30 گىرامدىن ئېلىپ، ئۈچ ھە سسە سۇ قۇيۇپ، يېرىم قالغۇچە قاينىتىپ، 150 گىرام شىكەر قۇشۇپ شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن، ئاشقازان، بالياتقۇدىن كەلگەن قاننى تۇختىتىدۇ.

چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش-ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئۇچەيلەرنىڭ زەخمىلىنىپ كېلىنكىدا چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: ئاشقازان يارىسى، ئۇچەي قوقىقى، ئۇچەي زەخمىسى، ئۇچەي سەرتانى ۋە بۇۋاسىر كېسىلى ياكى باشقا ئەھۋاللار سەۋەبىدىن ئارقا تەرەت بىلەن بىللە قان كېلىدۇ. ئېغىر قەۋزىيەت تۇپەيلىدىن مەقەت زەخمىلىنىش قانلىق تولغاق كېلسى بەزى ئاياللار ھېيىز توسۇلۇش قاتارلىقلاردىن چوڭ تەرەتتىن قان ئارىلاش كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى : ئارقا تەرەت قارامتۇل ياكى قان ئارىلاش كېلىدۇ. بەزىدە ساپ يېڭى قان كېلىدۇ. كېسەل كېشى ناھايىتى كەم قۇۋۋەت بولۇپ قالىدۇ.

ئەرەق-ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى داۋالاش سۈرئىتى تېز، داۋالاش ئۈنۈمى يوقىرى بولغان بىر خىل سۈيۈق ياسالما. ئۇئادەتتە دورىلارنى قاينىتىپ قاينىغاندا چىققان سۇ ھورلىرىنى سوغۇق تىمپىراتۇرا تەسىر قىلدۇرۇپ قايتا سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ يىغىۋېلىپ تەييارلىنىدىغان سۈزۈك رەڭسىز سۇيۇقلۇق. بۇ ياسالما 1000يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇنىڭ ئىلغارلىقى شۇيەردىكى بۇنىڭدا دورىلار تەركىبىدىكى ئۇچۇچان قىسىملارنىڭمۇ دورا تەركىبىدە مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقى مۇشۇ نۇقتىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ خىمىيە- فىزىكا تەرەققى قىلمىغان دەۋرلەردە بايقاپ كېسەللەر ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكىدىدۇر. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەرەقلەر : 1) ئەرقى بادىيان. بۇئادەتتە ئاشقازان ئۈچەيدىكى يەللەرنى ھەيدەپ قورساق ئىسىلىش، تاماق سىڭمەسلىك، ئاشقازان -ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ. 2) ئەرقى كاسىنە : بۇ سۈيدۈكنى ھەيدەپ ئىششىق ياندۇرىدۇ . 3) ئەرقى قىزىلگۈل : ئۇسسۇزلىقنى پەسەيتىپ، قىزىتما قايتۇرىدۇ.

30گرام ھۆل زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ پوستىدىن ئاجرىتىپ، 90مىللىلىتىر سۇ بىلەن پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈۋىلىنىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى 90گرام ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، قىيامى تەڭشەلگەندە سۈزۈۋىلىنغان زەنجىۋىلنى قىيامغا سېلىپ مۇراببا تەييارلاپ، مۇراببا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەگەر ھۆل زەنجۋىل تېپىلمىسا، نەمخۇش يەرگە ئورەك كولاپ، قۇرۇق زەنجىۋىلنى ئورەككە سېلىپ، ئورەكنىڭ ئۈستىگە ھۆل قۇم تۆكۈپ، زەنجىۋىل 20كۈنگىچە كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلسە، ھۆل ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئاشقازان ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، دوۋساقنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، قېرىلاردىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.

ئاشقازاننى قۇۋەتلەش يىمەكلىك-سامساق. غىزاغا دائىم سامساق ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بەرگەندە، ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

توغراق سۈيىنى بىر قانچە ئاي ئىچىپ بەرسە ئاشقازان مەيدە ئىچىشىش، كۆپ كېكىرىش، تاماق سېڭمەسلىك قاتارلىق سوغۇق يەلدىن بولغان ئاشقازان كېسەللىكلىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.

بىر جىڭ ھەسەلنى سۇس ئوتتا قىزىتىمىز، تاكى كۆپۈكى ئازايغىچە بىر تەرەپتىن قىزىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن قوچۇيمىز. ھەسەل قوڭۇر رەڭگە كىرگەندە، ئۇۋاق زەمچىدىن 1. 5 سەر سېلىپ، 2 سەر سودا قوشىمىز. كۆپۈك تۈگىگەندىن كېيىن، چىنىگە ئېلىپ ساقلاپ قويىمىز. تاماق يىيىشتىن 20 مىنۇت ئىلگىرى ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن يەپ بەرسەك، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسغا شىپا بولىدۇ.

ئىزدىنىش تورى، بىلگە تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-05 / 10:37:41

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ