ئانا سەھىپەئاساسىي بىلىملەربىئوخىمىيەخىمىيە ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋېلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

خىمىيە ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋېلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى، ئېلېمېنتلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر جەدۋەل بولۇپ، ھازىرغىچە بايقالغان بارلىق ئېلېمېنتلارنى بۇ جەدۋەلدە بەلگىلىك بىر ماسلىشىشچانلىق ۋە باغلىنىش ئىچىدە كۆزەتكىلى بولىدۇ.

(رەسىم ئېنىق چىقمىسا چوڭايتىپ كۆرۈڭ)

ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدە ئېلېمېنتلار، ئاتوم ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىپ بېرىشى بويىچە رەتكە تىزىلغان. جەدۋەلدە سولدىن ئوڭغا قاراپ ماڭغانچە ئاتوم نۇمۇرى، مېتاللوئىدلىق ئالاھىدىلىكلەر، ئېلېكترون قوشۇۋېلىش ۋە كىسلاتالىق ئالاھىدىلىكى ئارتىپ بارسا، بۇنىڭغا ماس ھالدا مېتاللىق ئالاھىدىلىكلەر، ئېلېكترون بېرىۋېتىش مايىللىقى ئازىيىپ بارىدۇ ۋە ئاتوم رادىئوسىمۇ كىچىكلەپ بارىدۇ.

ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدىكى كۆپچىلىك ئېلېمېنتلار، ئېنىرگىيەسى خوراپ تۈگىگەن يۇلتۇزلارنىڭ “SUPERNOVA” (ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ يۇلتۇز) دەپ نام بېرىلگەن غايەت زور پارتىلىشى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ. پارتىلاشتا مەيدانغا كەلگەن غايەت زور ئېنىرگىيە نەتىجىسىدە ئاتوملار بىر-بىرى بىلەن سوقۇلۇپ، يېڭى رېئاكسىيەلەر ئارقىسىدا يېڭى ئېغىر مېتاللار مەيدانغا كېلىدۇ.

ھىدروگېن، لېتىي، گېلىي، بېرىللىي ۋە بور قاتارلىق ئەڭ يەڭگىل بەش ئېلېمېنت، ئالەمنىڭ باشلىنىشى دەپ قارىلىۋاتقان چوڭ پارتىلاش ئەسناسىدا شەكىللەنگەن ئېلېمېنتلاردىن بولۇپ، باشقا ئېغىر ئېلېمېنتلار يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدە شەكىللەنگەن دەپ قارىلىدۇ.

تەتقىقاتچىلار يېڭى ئېلېمېنتلارنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن، ئاتوملارنى بىر-بىرى بىلەن سوقۇشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن. 1939-يىلى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ مىتۇد سايىسىدە، دەۋرىي جەدۋەلنىڭ 93-نۇمۇرلۇق نېپتونىي ئېلېمېنتى سۈنئىي ئۇسۇلدا شەكىللەندۈرۈلگەن. 1941-يىلى يەنە ئۇشبۇ ئونىۋېرسىتىت ئۇران ئاتومىنى ھىدروگېننىڭ يادروسى بىلەن بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 94-نۇمۇرلۇق ئېلېمېنېت بولغان پلوتونىيگە ئېرىشكەن.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە دەۋرىي جەدۋەلدە مۇھىم ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئۇرۇش سانائىتىدە خىمىيە بىلىمىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ھەر خىل تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بارغان رۇسيە بىلەن ئامېرىكا، بۇ جەريانىدا نەچچىلىگەن ئېلېمېنتلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا قولغا كەلتۈرگەن ۋە بايقالغان بۇ ئېلېمېنتلارغا ھەر بىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ سىمۋۇلى سۈپىتىدە بېركېلىي، كالىفورنىي، ھاسسىي، فېرمىي دېگەندەك ئىسىملارنى بەرگەن.

يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى داۋامىدا كۆپلىگەن ئېلېمېنتلار پارتىلاتقۇچ ماددا ۋە بومبا سانائىتىدە ئىشلىتىلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلگەن ئاتوم بومبىسى ئۇران بىلەن پلوتونىي ئېلېمېنتىنىڭ كىرىتىك ماسسىغا سىقىشتۇرۇلۇشى جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن بىر يادرو بومبىسى ئىدى.

ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئېلېمېنت بولسا فىرانسىي بولۇپ، بىر گىرام فرانسىي تەخمىنەن بىر مىليارد دوللارغا يارايدۇ. بۇ ئېلېمېنتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، ئۆي تېمپىراتۇرىسىدا 22 مىنۇت ئىچىدە پارغا ئايلىنىدىغان بىر ئېلېمېنت بولغانلىقىدۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا قىممەتلىك ئېلېمېنتلار بولسا، كالىفورنىي، پلۇتونىي ۋە سكاندىي بولۇپ، بىر گىرامىنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 400 دوللاردىن 4000 دوللار ئارىسىدا ئۆزگىرىدۇ.

مەنبە: ئىجاد ئىلىم – پەن مەركىزى تەييارلىدى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-08-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-09 / 09:08:40

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ