كۆز بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى كۆز ئالمىسى ئىچىدىكى بېسىمنىڭ نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. غەرب تېبابىتىدە كۆز بېسىمى يۇقىرىلاش ئادەتتە «گلاۋكوما» ياكى «كۆز بېسىمى يۇقىرىلاش كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇرچە: كۆز بېسىمى يۇقىرىلاش
ئىنگىزچە: high eye pressure
خەنزۇچە: 高眼压
تۈركچە: yüksek göz içi basıncı
تۆۋەندىكىسى كۆز بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر:
1. ئىرسىيەت ئامىلى :گلاۋكوما جەمەت ئىرسىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر جەمەتىدە گلاۋكوما بىمارلىرى بولسا، ئۇنداقتا شەخسنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.
2. ياش ئامىلى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆزنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، بۇ كۆز بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
3. باشقا كېسەللىكلەر بەزى كېسەللىكلەر، مەسىلەن، دىئابېت كېسىلى، قالقانسىمان بەز كېسىلى قاتارلىقلارمۇ كۆز بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
4. دورىنىڭ ئەكس تەسىرى بەزى دورىلار، مەسىلەن، ستېروئىد، خامۇشلۇققا قارشى دورىلار كۆز بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
كۆز بېسىمى ئېشىپ كېتىشنى داۋالاش ئۇسۇلى ئۇنىڭ سەۋەبى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىگە باغلىق. بالدۇر بايقاش ۋە ۋاقتىدا داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاش ئۇسۇلى دورا بىلەن داۋالاش، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاشمۇ كۆز بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق، مەسىلەن، كۆز بۆلۈمىدە قەرەللىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، كۆزنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، ياخشى يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش قاتارلىقلار.