ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىقخورەككە يوشۇرۇنغان بەش خەۋپ

خورەككە يوشۇرۇنغان بەش خەۋپ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بۆرەكنىڭ زەخىملىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، خورەك تارتىشتا ئوكسىگېن يېتىشمىسە يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ئارتېرىيە قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە بۆرەك ئارتېرىيە قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى قان بېسىم كىسلاتالىق ماددا ئالمىشىش ھاسىلاتلىرىنى ئاشۇرۇپ، بۆرەككە تەسىر يەتكۈزىدۇ ياكى بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بۆرەككە زىيان يەتكۈزىدۇ.

خورەككە يوشۇرۇنغان بەش خەۋپ

1. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، زېھنىي كۈچى ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

خورەك ئادەمنىڭ نورمال ئۇخلاش قۇرۇلمىسىغا دەخلى قىلىپ، ئۇخلاش جەريانىدا تولا ئويغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆپ مىقداردا «ساختا ئۇيقۇ» پەيدا قىلىدۇ. ئۇيقۇ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى فىزىيولوگىيەلىك جەرياننى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كۈندۈزى مۈگدەش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ

ئېغىر دەرىجىدە خورەك تارتىش ئۇيقۇ جەريانىدا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ ياكى ھاۋا ئېقىمى ئازلاپ، قان تومۇر دىۋارىنى زەخىملەندۈرۈپ، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
خورەك يەنە ئىنسۇلىنغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، بەدەندىكى قەنت مېتابولىزمى قالايمىقانلىشىپ، دىئابېت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش خەۋىپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ

خورەك تارتقاندا نەپەس قايتا-قايتا توختاپ قالسا، بىۋاسىتە ئاقىۋىتى قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. كۆپ قېتىم ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە، قان تومۇردا قان نوكچىسى ھاسىل بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ، قان نوكچىسى بولسا، ئاسانلا جانغا زامىن بولىدىغان يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسى ۋە ئۆپكە تىقىلمىسى پەيدا بولىدۇ.

4. يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدە ئۆلۈش نىسبىتى ئاشىدۇ

خورەك تارتىشتىن كېلىپ چىققان قايتا-قايتا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ۋە ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئۆسمىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ.
چەتئەلدىكى بىر تۈرلۈك 22 يىل كۆزىتىلگەن تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ئېغىر دەرىجىدىكى خورەك (ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى) بىمارلىرىنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن 4.8 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

5. ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك پۈتۈن بەدەنگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ

خورەك پۈتۈن بەدەندىكى ئەزالارغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەر قانداق بىر ھۈجەيرىگە ئوكسىگېن يېتىشمىسە زىيان پەيدا قىلىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان خەۋپلەردىن باشقا، خورەك تارتىشنىڭ يەنە يۈرەك رىتىمسىزلىقى، زىققا، جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش، خامۇشلۇق، كېچىدە كۆپ سىيىش، گلاۋكوما، بالىلارنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17931534.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-31 / 10:24:00

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ