يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا سېرىقلىق چۈشۈش بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە، بولۇپمۇ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە. تەخمىنەن ئاي – كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچىدە %60 گە يېقىنى ۋە بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا %80 گە يېقىن بولغان بوۋاقلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سېرىقلىق پەيدا بولىدۇ.
سېرىقلىق چۈشۈش بوۋاقنىڭ تېرىسى ۋە كۆز ئېقى سارغىيىپ كېتىشتە ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئاساسلىقى بەدەندىكى بىلىرۇبىن سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سېرىقلىق ئەھۋالى ئادەتتە بوۋاق تۇغۇلۇپ 2 – 3 كۈندىن كېيىن كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، 1 – 3 ھەپتە ئىچىدە تەدرىجىي يوقايدۇ. گەرچە بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ئەھۋالدا نورمال بولسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانىلار يەنىلا بوۋاقنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە يوشۇرۇن خەۋپىنى چۈشىنىشى كېرەك.
سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جىگەر ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، بەدەندىكى پەيدا بولغان زىيادە كۆپ بىلىرۇبىننى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلالماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بىلىرۇبىن قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ھاسىلات بولۇپ، ئادەتتە جىگەر ئارقىلىق ئۆزگەرگەندىن كېيىن چوڭ تەرەت ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. ھالبۇكى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جىگىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، بىلىرۇبىن بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، تېرە ۋە كۆز ئېقى سارغىيىپ كېتىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سېرىقلىق چۈشۈش تىپى فىزىيولوگىيەلىك سېرىقلىق چۈشۈش بولۇپ، بۇ بىر خىل نورمال فىزىيولوگىيەلىك جەريان ھىساپلىنىدۇ، ئادەتتە 1 − 2 ھەپتە ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ، ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز.
ئەمما، بەزى ئەھۋاللاردا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا پاتولوگىيىلىك (كېسەللىك) سېرىقلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن. پاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈش ئادەتتە تېخىمۇ بالدۇر يۈز بېرىدۇ، سېرىقلىق چۈشۈش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، داۋاملىشىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ ھەمدە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرى ئەگىشىپ كېلىدۇ. بۇ خىل سېرىقلىق چۈشۈش قان تىپى ماس كەلمەسلىك ( مەسىلەن:ABO ياكى Rh قان تىپى ماس كەلمەسلىك )، جىگەر كېسىلى، يۇقۇملىنىش، قىزىل قان ھۈجەيرىسى رولى بىنورمال بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا، بوۋاق قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلىرۇبىننىڭ سەۋىيەسىنى بېكىتىش ھەمدە كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىش ئۈچۈن ئارتۇقچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.
كۆپ ساندىكى يېنىك دەرىجىدە سېرىقلىق چۈشكەن بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاش ئۇسۇلى نۇر بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. نۇر بىلەن داۋالاشتا، بوۋاق ئالاھىدە دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى كۆك نۇرنىڭ يورۇتۇشىغا ئۇچرايدۇ، بۇ خىل نۇر بىلىرۇبىننىڭ سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەت ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان چىقىرىۋېتىلىدىغان شەكىلگە ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ يوقىلىشىنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر سېرىقلىق چۈشۈش دەرىجىسى بىر قەدەر ئېغىر بولسا ياكى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، دوختۇر قان ئالماشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنى ئويلىشىشى مۇمكىن، بۇ خىل ئۇسۇلدا قىسمەن قاننى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بەدەندىكى بىلىرۇبىننىڭ سەۋىيەسىنى تېز سۈرەتتە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.
ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىمى بوۋاقنىڭ سېرىقلىق چۈشۈش ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ كۈن نۇرى ياخشى بولغان مۇھىتتا بوۋاقنىڭ تېرىسى ۋە كۆز ئېقىنى كۆزىتىشى كېرەك. ئەگەر سېرىقلىق ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشسا ياكى ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يېتەرلىك ئانا سۈتى بىلەن بېقىش بىلىرۇبىننىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن بېقىش يېنىك دەرىجىدىكى سېرىقلىق چۈشكەن بوۋاقلارغا ئىنتايىن پايدىلىق.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، كۆپ قىسىم بوۋاقلاردىكى سېرىقلىق نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە ئۇزاق مۇددەت تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن، ئاتا-ئانىلار سېرىقلىق چۈشۈش ئالامەتلىرى ۋە پەرۋىش ئۇسۇلىنى چۈشىنىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
بىلىرۇبىن سەۋىيىسى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟ قانچە بولسا خەتەرلىك بولىدۇ؟
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قان تەكشۈرۈشىدە ئومۇمىي بىلىرۇبىن total bilirubin سەۋىيىسى بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئوخشىماسلىقلار كۆرۈلىدۇ، ۋە بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى سائىتى، كۈنىگە ئاساسەن ئۈستۈنكى چىكى يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ. يەنى بۇ بوۋاقنىڭ سائىتى، كۈنى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۈستۈنكى چەكنىڭ يۇقىرىلاپ مېڭىشى ئەسلىدە بىر ياخشى ئىش.
بالىلار دوختۇرى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار دوختۇرى ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ سېرىقلىق سەۋىيىسىنى ھېساپلاشتا، ئاساسلىقى سائەت بىلەن بەيگىگە چۈشىدۇ دىسەكمۇ بولىدۇ.
مەسىلەن 38 ھەپتىلىك ۋەيا ئۇنىڭدىن يۇقىرى ھەپتىلىك تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇپ 24.سائىتىدە سېرىقلىق ئۈچۈن نۇر داۋالىشى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۈستۈنكى چېكى 9.8 mg/dl ، يەنى بۇ بوۋاقنىڭ 24.سائىتىدە قان تەكشۈرۈشىدە ئومۇمىي بىلىرۇبىن 9.8 گە يېقىن ياكى 9.8 دىن يۇقىرى بىر نەتىجە چىقسا، بۇ بوۋاق نۇر بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئانا سۈتى ئەمدۈرۈش ئارقىلىق بۇ سېرىقلىق ئۈنۈملۈك چۈشۈرۈش تەسكە توختايدۇ.
ئەگەر بۇ بوۋاقنىڭ سېرىقلىق نەتىجىسى 16.6 گە يېقىن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇپ چىقسا، بوۋاقنىڭ قېنىدىكى سېرىقلىق ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئىنتايىن بىر خەتەرلىك ئەھۋال ھىساپلىنىدۇ. بۇ چاغدا بوۋاقنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن دوختۇرلار ھەتتە بۇ بىمارغا قان ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان داۋالاش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئۈستۈنكى چەك، بوۋاقنىڭ سائەت يېشىنىڭ چوڭيىشىغا ئاساسەن يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ. مەسىلەن بۇ بوۋاق (38 ھەپتىلىك ۋەيا ئۇنىڭدىن يۇقىرى ھەپتىلىك تۇغۇلغان بوۋاق) 30. سائىتىدە سېرىقلىق چېكى 10.6 mg/dl.
(يۇقارىدىكى سانلىق ئۇچۇر : تۈرك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان : يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا سېرىقلىق كېسىلىنى تونۇش، كۈزىتىش، داۋالاش قوللانمىسى 2023 گە ئاساسلىنىپ ئېلىندى.)
ئوخشىمىغان بىمارلارنىڭ ئوخشىمىغان سائەتتىكى سېرىقلىق چېكىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرەلەيسىز. بۇنىڭدىن سىرت ئەڭ مۇھىمى، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار دوختۇرىنىڭ كۈزىتىشى ۋە باھالىشى ئەڭ مۇھىم.
تۆۋەندە تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن قوللىنىلىۋاتقان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سېرىقلىق چېكى جەدۋىلى:

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئەگەر قان تەكشۈرۈشتە سېرىقلىق دەرىجىسى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
- ئەگەر دوختۇرخانىدا قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە سېرىقلىق دەرىجىسى چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بايقالغان ھامان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يېقىندىن كۈزىتىش بۆلۈمىگە ئېلىپ جىددىي داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
- ئاتا ئانىلار ھەرگىزمۇ «ياق، جىقراق ئەمدۈرۈپ بەرسە ساقىيىدۇ، ئەتە كۈندۈزى باراي، ھىچنىمە بولمايدۇ، باشقا بالىلارمۇ شۇنداق بولغان …» دىگەن باھانىلەرنى قىلماستىن شۇ زامان مۇنتىزىم بالىلار دوختۇرى بىلەن كۆرۈشىشى كېرەك. كېرەك بولغاندا شۇ زامان بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىشى كېرەك.
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېرىقلىقنى داۋالاش گەرچە بەك مۇرەككەپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىمى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توغرا باھالاپ توغرا قارار ئېلىش ئەڭ مۇھىم.