يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا سېرىقلىق چۈشۈش بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە، بولۇپمۇ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە. تەخمىنەن ئاي – كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچىدە %60 گە يېقىنى ۋە بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا %80 گە يېقىن بولغان بوۋاقلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سېرىقلىق پەيدا بولىدۇ. سېرىقلىق چۈشۈش بوۋاقنىڭ تېرىسى ۋە كۆز ئېقى سارغىيىپ كېتىشتە ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئاساسلىقى بەدەندىكى بىلىرۇبىن سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سېرىقلىق ئەھۋالى ئادەتتە بوۋاق تۇغۇلۇپ 2 – 3 كۈندىن كېيىن كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، 1 – 3 ھەپتە ئىچىدە تەدرىجىي يوقايدۇ. گەرچە بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ئەھۋالدا نورمال بولسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانىلار يەنىلا بوۋاقنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە يوشۇرۇن خەۋپىنى چۈشىنىشى كېرەك.
سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جىگەر ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، بەدەندىكى پەيدا بولغان زىيادە كۆپ بىلىرۇبىننى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلالماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بىلىرۇبىن قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ھاسىلات بولۇپ، ئادەتتە جىگەر ئارقىلىق ئۆزگەرگەندىن كېيىن چوڭ تەرەت ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. ھالبۇكى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جىگىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، بىلىرۇبىن بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، تېرە ۋە كۆز ئېقى سارغىيىپ كېتىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سېرىقلىق چۈشۈش تىپى فىزىيولوگىيەلىك سېرىقلىق چۈشۈش بولۇپ، بۇ بىر خىل نورمال فىزىيولوگىيەلىك جەريان ھىساپلىنىدۇ، ئادەتتە 1 − 2 ھەپتە ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ، ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز.
ئەمما، بەزى ئەھۋاللاردا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا پاتولوگىيىلىك (كېسەللىك) سېرىقلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن. پاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈش ئادەتتە تېخىمۇ بالدۇر يۈز بېرىدۇ، سېرىقلىق چۈشۈش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، داۋاملىشىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ ھەمدە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرى ئەگىشىپ كېلىدۇ. بۇ خىل سېرىقلىق چۈشۈش قان تىپى ماس كەلمەسلىك ( مەسىلەن:ABO ياكى Rh قان تىپى ماس كەلمەسلىك )، جىگەر كېسىلى، يۇقۇملىنىش، قىزىل قان ھۈجەيرىسى رولى بىنورمال بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا، بوۋاق قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلىرۇبىننىڭ سەۋىيەسىنى بېكىتىش ھەمدە كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىش ئۈچۈن ئارتۇقچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.
كۆپ ساندىكى يېنىك دەرىجىدە سېرىقلىق چۈشكەن بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاش ئۇسۇلى نۇر بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. نۇر بىلەن داۋالاشتا، بوۋاق ئالاھىدە دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى كۆك نۇرنىڭ يورۇتۇشىغا ئۇچرايدۇ، بۇ خىل نۇر بىلىرۇبىننىڭ سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەت ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان چىقىرىۋېتىلىدىغان شەكىلگە ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ يوقىلىشىنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر سېرىقلىق چۈشۈش دەرىجىسى بىر قەدەر ئېغىر بولسا ياكى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، دوختۇر قان ئالماشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنى ئويلىشىشى مۇمكىن، بۇ خىل ئۇسۇلدا قىسمەن قاننى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بەدەندىكى بىلىرۇبىننىڭ سەۋىيەسىنى تېز سۈرەتتە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.
ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىمى بوۋاقنىڭ سېرىقلىق چۈشۈش ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ كۈن نۇرى ياخشى بولغان مۇھىتتا بوۋاقنىڭ تېرىسى ۋە كۆز ئېقىنى كۆزىتىشى كېرەك. ئەگەر سېرىقلىق ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشسا ياكى ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يېتەرلىك ئانا سۈتى بىلەن بېقىش بىلىرۇبىننىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن بېقىش يېنىك دەرىجىدىكى سېرىقلىق چۈشكەن بوۋاقلارغا ئىنتايىن پايدىلىق.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، كۆپ قىسىم بوۋاقلاردىكى سېرىقلىق نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە ئۇزاق مۇددەت تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن، ئاتا-ئانىلار سېرىقلىق چۈشۈش ئالامەتلىرى ۋە پەرۋىش ئۇسۇلىنى چۈشىنىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.