ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىتۆۋەندىكى قورساق ئاغرىقلىرىدىن ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ

تۆۋەندىكى قورساق ئاغرىقلىرىدىن ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۆۋەندىكى قورساق ئاغرىقلىرىدىن ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ

1.زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى قورساق ئاغرىقى : ناۋادا بالىڭىزنىڭ قورساق ئغرىقى سۈت ، تۇخۇم ، بېلىق ، راك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان بولسا ھەمدە باشقا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىسە ، ئاساسەن زىيادەسەزگۈرلۈك خاراكتېرىدىكى قورساق ئاغرىقى بولۇپ ، پەقەت مۇشۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى توختاتقاندىلا ياخشىلىنىپ قالىدۇ .

2.ھەرىكەت خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىقى . نۇرغۇن بالىلار جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا قورسىقى ئاغرىپ كېتىدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى جىددىي ھەرىكەت ئۈچەي يولىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭدا ئاساسەن تۆۋەندىكى قورساق ئاغرىيدىغان بولۇپ ئىنتايىن قاتتىق ئاغرىغاندەك بولۇپ بىئارام بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ھەرىكەت مىقدارىنى ئازايتىش ، بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن تەدرېجىي ئۆرلىتىشىگە دىققەت قىلىشى ؛ جىددىي ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، تاماقتىن كېيىن دەرھال ھەرىكەت قىلماسلىقى لازىم .

3.ئۆسۈپ يېتىلىش خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىقى . ئالتە ، يەتتە ياشلىق بالىلار دائىم كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى ئۇخلىغاندىن كېيىن قورسىقى سەل ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدۇ ، بىز مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن يېنىكلەيدۇ ياكى يوقاپ كېتىدۇ . قورساق ئاغرىغان ۋاقىتتا ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ قورسىقىنى يېنىك سىيلاپ بەرسە ياكى گىرىلكا قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ .

4.شامال تېگىپ قورساق ئاغرىش . بالا ئۇخلىغاندا ئادەتتە جىم ياتماي يوتقىنىنى ئېچىۋېتىدۇ – دە قورسىقى ئېچىلىپ قېلىپ قورساق ئاغرىيدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئائىلە باشلىقى ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ، شامال تېگىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالسىلا كۇپايە .

5.پىسخىكىلىك قورساق ئاغرىقى . بالىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس كەيپىياتى بار . مەسىلەن : يەسلىگە بېرىشقا ئۇنىمىسا قورسىقى ئاغرىشى مۇمكىن .بۇۋاقىتتا ئاتا – ئانىلار كۆپرەك باشلامچىلىق قىلىپ ، جىددىيلىشىش كەيپىياتىنى يوقاتسا ، قورساق ئاغرىقىمۇ يوقاپ كېتىدۇ .

6.كالىتسىي كەم بولۇش خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىش . بالىدا كالىتسىي كەم بولسىمۇ قورساقى ئاغرىيدۇ ، بۇۋاقىتتا پەقەت تۇخۇم ، كالا گۆشى ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ، يېشىل كۆكتات قاتارلىق كالىتسىي مول يېمەكلىكلەرنىلا يېيىش ، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:12:07

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ