ئانا سەھىپەئەنئەنىۋىي تېبابەتلەرجۇڭيى تېبابىتى‹‹يۆتەل توختىتىش›› بىلەن ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› بىر گەپ ئەمەس

‹‹يۆتەل توختىتىش›› بىلەن ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› بىر گەپ ئەمەس

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىرىنى داۋالايدىغان بىر قىسىم جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە ‹‹يۆتەل توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىدۇ›› دېگەندەك خەتلەرنى كۆرىمىز. نۇرغۇن كىشى يۆتىلىپ قالسا ياكى بەلغەم تۈكۈرسە ‹‹يۆتەل توختىتىش››، ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› تەك قوش رولغا ئىگە جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى تاللايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ‹‹يۆتەل توختىتىش›› بىلەن ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۇقۇم. ئومۇمەن يۆتەلنى پەسەيتىدىغان ياكى توختىتىدىغان جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ياكى ياسالمىلىرى ‹‹يۆتەل توختىتىدىغان دورىلار›› دېيىلىدۇ؛ بەلغەم بوشىتىش ياكى بەلغەم يوقىتىش رولىغا ئىگە دورىلار ‹‹بەلغەم بوشىتىدىغان دورىلار›› دېيىلىدۇ.

كىلىنىكىدا يۆتەل قۇرغاق يۆتەل ۋە ھۆل يۆتەل دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.

قۇرغاق يۆتەل ئادەتتە يۆتىلىش قېتىم سانى كۆپ، بەلغەمسىز ياكى ئاز مىقداردا بەلغەم بولغان يۆتەل بولۇپ، دائىم ئۆتكۈر كېكىردەك ياللۇغى، ئۆتكۈر يۇتقۇنچاق ياللۇغى، يېنىك دەرىجىدىكى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا كېلىپ چىقىدۇ؛ ھۆل يۆتەل بەلغەم ئارىلاش كەلگەن يۆتەل بولۇپ، دائىم سوزۇلما كېكىردەك ياللۇغى،سوزۇلما كانايچە ياللۇغى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. يۆتىلىپ قالغان ئەمما بەلغەم بولمىغان ياكى بەلغەم ئاز ئەھۋالدا يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىشتەك قوش ئۈنۈمگە ئىگە دورىلارنى تاللىماي، يۆتەل توختىتىدىغان دورىلارنى تاللاش كېرەك.

جۇڭگو تېبابىتىدە دېيىلىدىغان ‹‹بەلغەم›› كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ يەنە ئەس – ھوش، روھى جەھەتتىكى نورمالسىزلىق ياكى قالايمىقانچىلىقلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ‹‹بەلغەم بوشىتىش››تىكى ‹‹بەلغەم›› بولسا نەپەس يولىدىن ئاجرىلىپ چىققان شىلىمشىق ماددىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە دېيىلىدىغان ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› ئوخشىمىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قاراپ
ئاساسلىقى ‹‹سوغۇق بەلغەمنى ئىللىتىش›› ۋە ‹‹ئىسسىق بەلغەمنى بوشىتىش›› دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

(ساتتار غوپۇر تەرجىمىسى)
تەڭرىتاغ تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-09 / 06:49:08

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ