ئانا سەھىپەئەنئەنىۋىي تېبابەتلەرجۇڭيى تېبابىتىجىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە ئىستېمال قىلىشقا ماس كېلىدىغان يېمەكلىكلەر

جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە ئىستېمال قىلىشقا ماس كېلىدىغان يېمەكلىكلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە، كۆزنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ، كۆز قىزىرىش، كۆز قۇرغاقلىشىش، كۆز غۇۋالىشىش، ئاجرالمىلار كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، يەنە قۇلاق غوڭۇلداش، ئېغىز ئاغرىش، ئېغىز قۇرۇش، روھىي جەھەتتە چارچاش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ، شۇڭا جىگەرنى ئاسراشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

جىگەرنى ئاسراشتا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشىمىز كېرەك. ئازادە روھىي ھالەت ۋە ئۈمىدۋار، ئوچۇق كەيپىياتنى ساقلاش جىگەرگە ناھايىتى پايدىلىق، ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەك-ئىچمەك ۋە دەم ئېلىش قانۇنىيىتىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، پەقەت ساغلام تۇرمۇش بولغاندىلا، ئاندىن جىگەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەدەننىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتمەيدۇ.

جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ئىچىدىكى بەزى دورا ماتېرىياللىرى جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن جۇخار گۈلى، ئۈچقات (金银花)، قىل يوپۇرماقلىق ئوت (绵茵陈)، ئۈجمە يوپۇرمىقى قاتارلىقلار. ئادەتتە ئۈچقات ۋە قىل يوپۇرماقلىق ئوتنى سۇغا چىلىغاندىن كېيىن چاي دەملەپ ئىچسە ياكى ئۈجمە يوپۇرمىقى، جۇخار گۈلىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچسە، جۇخار گۈلى، ئۈجمە يوپۇرمىقى ۋە ئالقات بىلەن بىللە چاي قاينىتىپ ئىچسە، جىگەر ئىسسىقنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك ساقلىقنى ساقلاش، كۈتۈنۈشنىڭ مۇھىم بىر يولى، بىز كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق جىگەرنى ئاسراش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى نۇرغۇنلىغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ جىگەر خىزمىتىنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار، ئۇزاق مۇددەت جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر بۇ داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق جىگەردىكى ئىسسىقنى پەسەيتىپ، بەدەننى تەڭشىسە بولىدۇ.

 

1. قېرىنقۇلاق-ماش ئۇيۇتمىسى

خام ماتېرىيالى: ئاق قېرىنقۇلاق، ماش، ناۋات

تەييارلاش ئۇسۇلى: ماش بىلەن ئاق قېرىنقۇلاقنى ئالدىن چىلاپ قويۇپ، قازانغا سېلىپ سۇ قۇيۇپ، سۇس ئوتتا يېرىم سائەت قاينىتىپ، بىر تەرەپتىن قاينىتىپ، بىر تەرەپتىن ئارىلاشتۇرۇپ، پىشقاندا ناۋات سېلىپ ئىچسە بولىدۇ.

شىپالىق رولى: ئىسسىقنى ھەيدەپ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، سۇيۇقلۇق ھاسىل قىلىدۇ، ئاشقازاننى ئاسرايدۇ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.

 

2. جۇخارگۈل ئۇمىچى

خام ماتېرىيالى: جۇخار گۈلى، گۈرۈچ

تەييارلاش ئۇسۇلى: جۈخار گۈلى بىلەن گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ قازانغا سېلىپ سۇ قۇيۇپ ئۇماچ قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

شىپالىق رولى: جىگەردىكى ئىسسىقنى ھەيدەپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

 

3. پىستەگۈل، گۈلسامساق، قارا گۆش شورپىسى

خام ماتېرىيالى: پىستەگۈل، گۈلسامساق، ئورۇق گۆش، پودوكارپۇس مېۋىسى (罗汉果)

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورا ماتېرىياللىرىنى پاكىز يۇيۇپ، ئورۇق گۆشنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ، بارلىق ماتېرىياللارنى سېلىپ، سۈزۈك سۇدا دۈملەپ قاينىتىپ، شورپا قىلىپ ئىچسە بولىدۇ.

شىپالىق رولى: ئىسسىقنى ھەيدەپ، قوقاقنى تۆۋەنلىتىدۇ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، سۇيۇقلۇق ھاسىل قىلىپ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ.

 

4. جۇخار گۈلى-دولانا چېيى

خام ماتېرىيالى: پونۇس ئۇرۇقى (决明子)، جۇخار گۈلى، دولانا (山楂)

تەييارلاش ئۇسۇلى: پونۇس ئۇرۇقىنى ئازراق ئېزىپ، جۈخار گۈل، دولانە بىلەن بىللە ئىستاكانغا سېلىپ، قايناق سۇ قۇيۇپ، يېرىم سائەت دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن ئىچسە بولىدۇ.

شىپالىق رولى: جىگەرنى تازىلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ.

 

5. تەكىيە كاۋا-ئوتخور بېلىق شورپىسى

خام ماتېرىيالى: تەكىيە كاۋا، ئوتخور بېلىق، ھەرخىل تېتىتقۇلار

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئوتخور بېلىقنى پاكىزلاپ، تەكىيە كاۋىنى پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى سويۇۋېتىپ، توغراپ، قازاندا قىزىق ماي چۈچۈتۈپ، بېلىقنى ئازراق قايناتقاندىن كېيىن، تەكىيە كاۋىنى زەنجىۋىل ۋە سۇدا پىشۇرۇپ، بېلىق گۆشى پىشقىچە تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشىسە بولىدۇ.

شىپالىق رولى: ئىسسىقنى ھەيدەپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، يەلنى ھەيدەپ، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت جىگەر ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ بەدىنىمىزگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ، جىگەر ئادەم بەدىنىنىڭ زەھەر قايتۇرغۇچى ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاق مەزگىل جىگەردىكى ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا جىگەرنى ئالاھىدە ئاسراش كېرەك، يۇقىرىدىكىلەر جىگەردىكى ئىسسىقنى پەسەيتىدىغان جۇڭيى تېبابىتى چاي رېتسېپى ۋە يېمەكلىك بىلەن داۋالاش رېتسېپى، ئۇزاق مەزگىل جىگەر ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر بۇ چاي ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ، جىگەرنى تىنچلاندۇرۇپ، ئىسسىقنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەيپىياتنى ياخشىلاپ، دەم ئېلىش قانۇنىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

مەنبە:

https://m.nur.cn/news/2023/12/17859391.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-04-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-04-30 / 06:46:10

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ