بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ھامىلىدار مەزگىلىدە ھورمۇنىنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن ئاياللاردا قاندىكى قەنت مىقدارى ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئەگەر ھامىلىدارلار قەنت مىقدارىنى كونترول قىلمىسا، قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلىدارلىق دىيابېت كېسىلى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئاغرىپ قالمىغاندىمۇ زىيادە يۇقىرى قان شېكىرى ئۆزى ۋە ھامىلىگە نۇرغۇن ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن: تۇغۇت قىيىنلىشىش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، ھامىلىنىڭ نېرۋا يېتىلىشىدە مەسىلە كۆرۈلۈش، ھەتتا بويىدىن ئاجراپ كېتىش دېگەندەك. قان شېكىرى يۇقىرى ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسبىتى 15%-30% بولىدۇ.
ھامىلىدار ئاياللار ئېنىقلا تاتلىق يېمەكلىك، شېكەر يېمىگەن تۇرۇپمۇ، نېمىشقا قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ؟
شۇنىسى ئېنىقكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قەنتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا مېۋە-چېۋىلەرگە ئاسانلا سەل قارايدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار بۇ يەتتە خىل مېۋىگە كۆپرەك دىققەت قىلىپ، بالىنىڭ ساغلام تۇغۇلىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
1. ئاناناس: ئاناناس گەرچە چۈچۈمەل، تاتلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەنت مىقدارى تۆۋەن ئەمەس، GI قىممىتى 66گە يەتكەن بولۇپ، قەنت مىقدارى ئوتتۇراھال مېۋىگە كىرىدۇ، شۇڭا ئاز يېيىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاناناس تەركىبىدىكى ئاقسىل ئېنزىمى ۋە ئالكالوئىد زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
2. قوغۇن: قوغۇن تاتلىق بولغاچقا كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، ئەمما ئۇنىڭ GI قىممىتى 70 ئەتراپىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەكلى چوڭ بولۇپ، ساقلاش تەس بولغاچقا بۇزۇلۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ھامىلىدار ئانىلارنىڭ بىراقلا جىق يەۋېلىشىدىن ئاسانلا قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر باشقىلار يېيىشىپ بەرسە، ھامىلىدار ئاياللار بىر نەچچە تىلىم قوغۇن يېسە كۇپايە، بىر قېتىملىق مىقدارى ئەڭ ياخشىسى 100 گىرام ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ.
3. شېكەر قومۇشى: شېكەر قومۇشىنىڭ GI قىممىتى 60 نەچچە بولۇپ، شېكەر تەركىبى ئوتتۇراھال ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدارلار شېكەر قومۇشى يېگەندە ئوتتۇرىسى قىزىل ياكى پاختىلىشىپ قالغانلىرىنى يېمەسلىكى، زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
4. لىجى: لىجىنىڭ GI قىممىتى 70تىن ئاشىدۇ، قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە لىجى تەركىبىدىكى سۇدا ئېرىيدىغان ئاقسىل بىر قەدەر كۆپ، ھامىلىدار ئاياللار كۆپ يېسە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، گېلى ئاغرىش، قەۋزىيەت بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
5. تاۋۇز: تاۋۇزمۇ قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىك، ئىسسىقنى قايتۇرغاچقا يازدا كۆپ يېيىلىدۇ، ھامىلىدارلار ئۆزىنى كونترول قىلالمىسا، ئەڭ ياخشىسى سېتىۋالماسلىقى كېرەك.
6. چىلان: يېڭى چىلان تەركىبىدىكى GI قىممىتىمۇ 100دىن ئاشىدۇ، شۇڭا چىلان ھەر قانچە يېيىشلىك بولسىمۇ، ھامىلىدار ئاياللار ئىشتىھاسىنى كونترول قىلىپ، ھەر كۈنى ئۈچ ـ تۆت تال يېسىلا كۇپايە.
7. ئاپېلسىن تۈرىدىكىلەر: ئاپېلسىننىڭ قەنت مىقدارى گەرچە ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر كۈنى 160 گىرام ئەتراپىدا ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنى يەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇنى يېمەيدىغان كىشىلەرنى سېلىشتۇرغاندا، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، شۇڭا ھامىلىدارلار ئەڭ ياخشىسى ئاپېلسىن ۋە ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك.
قايسى مېۋىلەرنى ھامىلىدار ئانىلار كۆپرەك يېسە بولىدۇ؟
يۇقىرىقى مېۋىلەردىن باشقا قەنت مىقدارى تۆۋەن مېۋىلەرنى ھامىلىدار ئانىلار كۆپرەك يېسە بولىدۇ، مەسىلەن: بۆلجۈرگەن، شاپتۇل قاتارلىقلار. يەنە تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىيالىقلار ئالما، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلسا دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەن. تەركىبىدە سىئانىدىن مول بولغان مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلسا، دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. بىراق مېۋە تەمىنلىگەن ئوزۇقلۇق بىر قەدەر چەكلىك بولغاچقا، كۆپرەك يېگەن تەقدىردىمۇ ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان مىقدارى 200 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.
ھامىلىدارلار قەنت مىقدارىنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىشتىن قانداق ساقلىنىشى كېرەك؟
تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.
ھامىلىدار ئاياللار كۆكتاتنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، تويۇنۇش تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قورساقنىڭ بەك تېز ئېچىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ھامىلىدارلار ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى تەييارلىغاندا، ئەڭ ياخشىسى بىر ئاشخانا تارازىسى تەييارلاپ، ھەر كۈنلۈك دورا-دەرمەكنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئۆلچەپ قويۇشى، تاماق ئەتكەندە دۈملەپ پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى كۆپرەك تاللىشى، قارا ئاشلىق، بەرەڭگە، كۆممىقوناق، پېچەكگۈل، تاتلىق بەرەڭگە قاتارلىقلارنى ئاساسلىق يېمەكلىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشى ھەم مايسىز يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش كېرەك. گۈرۈچ تەركىبىدىكى GI قىممىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق، ھامىلىدار ئانىلار قارا ئاشلىقنى گۈرۈچ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17581353.shtml