يۇقىرى قان بېسىمى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدىغان ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. نۇرغۇن بىمارلار دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىدە نۇرغۇن چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بولۇپمۇ «تۇخۇم يېسە قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتەمدۇ؟» دېگەن سوئال نۇرغۇن كىشىلەرنى ئويلاندۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرى قان بېسىمى بىلەن يېمەكلىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىز ئويلىغاندىن كۆپ مۇرەككەپ بولۇپ، تۇخۇم بۇ تىزىملىكتىكى «دۈشمەن» ئەمەس.

قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللار
قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى بەدەندىكى مۇرەككەپ فىزىئولوگىيەلىك مېخانىزملار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. يېمەكلىك جەھەتتە، پەقەت ئاش تۇزىنىڭ (يەنى ناترىي) ئارتۇقچە قوبۇل قىلىنىشىلا قان بېسىمىنىڭ ئۆسۈشىگە بىۋاسىتە ۋە تېز تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ قان بېسىمىغا بولغان تەسىرى ئادەتتە ۋاسىتىلىك بولىدۇ.
قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشىنى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك نېگىزلىك ئامىل بەلگىلەيدۇ:
- يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارى: يۈرەك ھەر قېتىم قىسقارغاندا، يۇقىرى بېسىم بىلەن قاننى پۈتۈن بەدەنگە تارتىدۇ. يۈرەك چىقارغان قان مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، قان تومۇر دىۋارلىرىغا چۈشىدىغان بېسىممۇ شۇنچە چوڭ بولۇپ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ.
- قاننىڭ ئومۇمىي سىغىمى: پۈتۈن بەدەندە ئايلىنىۋاتقان قاننىڭ ئومۇمىي مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەدەندە سۇ ۋە تۇز مىقدارى ئېشىپ كەتسە، قان سىغىمى كۆپىيىپ، قان تومۇرلارغا چۈشىدىغان بېسىم ئاشىدۇ.
- قان تومۇرلارنىڭ قارشىلىق كۈچى: قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە تومۇر يولىنىڭ كەڭ-تارلىقى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئارتېرىيە قېتىشىش يۈز بېرىپ، قان تومۇر يوللىرى تارايسا، قان ئايلىنىش قارشىلىق كۈچى ئېشىپ، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
خولېستېرىن ۋە تۇخۇمنىڭ رولىغا قايتا نەزەر
نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم سېرىقىدىكى خولېستېرىندىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، خولېستېرىن ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرە پەردىسىنى قۇرۇش ۋە ھورمون ئىشلەپچىقىرىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا. مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىننىڭ %80 قىسمى جىگەر تەرىپىدىن ئۆزلىكىدىن بىرىكتۈرۈلىدۇ، پەقەت %20 قىسمى بولسا يېمەكلىكتىن كېلىدۇ.
تۇخۇم تەركىبىدە خولېستېرىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى لېتسىتىن ماددىسى خولېستېرىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، تۇخۇم يېيىش ساغلام ئادەملەردە ياكى كۆپ قىسىم يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىدا قان خولېستېرىنىنىڭ كەسكىن ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى ئۈچۈن ئىستېمال تەۋسىيەسى
يۇقىرى قان بېسىمى بار بىمارلار تۇخۇمنى پۈتۈنلەي چەكلىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى تۇخۇم ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ۋىتامىنلار ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ ئەرزان ھەم ئۈنۈملۈك مەنبەسىدۇر. قان بېسىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا يېمەكلىكنىڭ تۈرىدىن بەكرەك، ئۇنىڭ مىقدارى ۋە پىشۇرۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى بار بىمارلار كۈنىگە 1-2 دانە تۇخۇم يېسە پۈتۈنلەي ساغلاملىق چىكى ئىچىدە بولىدۇ. بەزى كۆز قاراشلاردا كۈنىگە 3-5 دانىغىچە يېسىمۇ بولىدۇ دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ خىللاشقان يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، زىيادە كۆپ يېمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ تۇخۇمنى سۇدا قاينىتىپ يېيىش ئەڭ ساغلام ئۇسۇل بولۇپ، مايدا قورۇش ياكى تۇزلۇق تۇخۇم شەكلىدە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تۇزلۇق تۇخۇم تەركىبىدىكى يۇقىرى ناترىي ( يەنى تۇز ) قان بېسىمىنى بىۋاسىتە ئۆرلىتىۋېتىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر.
يۇقىرى قان بېسىمى بار بىمارلار تۇخۇمدىن قورقۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇخۇم ئىستېمالى بەدەننى زۆرۈر ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ئومۇمىي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پەقەت كۈندىلىك تۇز مىقدارىنى كونترول قىلىش، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىنى كۆپ يېيىش ھەمدە قەرەللىك چېنىقىش بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا، قان بېسىمىنى كۆڭۈلدىكىدەك كونترول قىلغىلى بولىدۇ.


