ئانا سەھىپەبىلىمبۆلۈملەريۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى، يەنە يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەخسۇس يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان تېببىي بۆلۈم. بۇ بۆلۈم يۈرەك ۋە قان تومۇرغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىئاگنوز قويۇش، داۋالاشقا كۈچ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك زەئىپلىشىش، يۈرەك رىتىمسىزلىقى قاتارلىقلار. يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى دورا بىلەن داۋالاش، نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىشىغا، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ئېغىر يۈرەك قان تومۇر ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

 

ئۇيغۇرچە ئىسمى: يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Cardiovascular medicine, Cardiology, Medical cardiology
تۈركچە ئىسمى: Kardiyoloji bölümü , kalp hastalıkları bölümü
خەنزۇچە ئىسمى: 心脏内科, 心血管内科, 心内科

 

يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى كۆپ خىل يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر :

تاجىسىمان ئارتېرىيە كېسىلى ( تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ) : تاجىسىمان ئارتېرىيە ئىچىدە ياغ ماددىسى يىغىلىپ قالغانلىقتىن، قاننىڭ ئېقىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يۈرەك سانجىقى ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

يۇقىرى قان بېسىم : قان بېسىمىنىڭ داۋاملىشىش خاراكتېرلىك ئۆرلىشى يۈرەك، بۆرەك، چوڭ مېڭە ۋە كۆزنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سەكتە ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

يۈرەك زەئىپلىشىش : يۈرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، يۈرەك قېرىنچىسى يېتەرلىك قاننى ئۈنۈملۈك سىقىپ چىقىرىپ بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي، نەپەس قىيىنلىشىش، چارچاش ۋە بەدەندە سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۈرەك رىتىمسىزلىقى : يۈرەكنىڭ سوقۇش رىتىمى بىنورمال بولىدۇ، مەسىلەن : دالانچە تىترەش، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش ياكى يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش سەكتە ياكى يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى : يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارى بىنورمال بولۇپ، يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى باشقا ئېغىر يۈرەك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

باشقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر..

 

قانداق كېسەللىك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە يۈرەك ئىچكى بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش كېرەك؟

ئەگەر تۆۋەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، يۈرەك ئىچكى بۆلۈمىگە بېرىپ داۋالىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز:

كۆكرەك ئاغرىش ياكى سىقىلىش : بولۇپمۇ ھەرىكەتتىن كېيىن ياكى ھاياجانلانغاندا يۈز بەرسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ياكى باشقا يۈرەك مەسىلىسىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.

يۈرەك سىقىلىش : يۈرەك سوقۇشىنىڭ قانۇنىيەتسىز ياكى بەك تېز بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىش يۈرەك رىتىمسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.

نەپەس قىيىنلىشىش : دەم ئالغاندا ياكى يېنىك ھەرىكەت قىلغاندا نەپەس تېزلەشكەندەك ھېس قىلىش يۈرەك زەئىپلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئايلىنىپ كېتىش ياكى ئايلىنىپ كېتىشكە يېقىنلاشقان تۇيغۇ : يۈرەك رىتىمىنىڭ نورمالسىزلىقى ياكى قان بېسىمى مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

سۇلۇق ئىششىق : بولۇپمۇ پۇت ياكى قورساق قىسمىدا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئىششىش كۆرۈلسە، يۈرەك زەئىپلىشىشنى ئەسكەرتىشى مۇمكىن.

داۋاملىشىش خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىم : كەسپىي دىئاگنوز قويۇش ۋە باشقۇرۇش ئارقىلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

باشقا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر..

ئەسكەرتىش: ئەگەر مەزكۇر بۆلۈمگە نومۇر ئالالمىغاندا، بەدەندىكى ئالامەتلەر ئېغىرلىشىپ كەتكەندە، نومۇر ئېلىشنى ساقلاپ تۇرماستىن، ئۇدۇل جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە نومۇر ئالمايلا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك!

يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسى مەسئۇلىيىتى

يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش : كېسەللىك تارىخىنى سوراش، بەدەن تەكشۈرۈش ۋە قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەر خىل يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

خاسلاشتۇرۇلغان داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈش : بىمارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، دورا، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش ۋە زۆرۈر بولغاندا نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈش.

سوزۇلما كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش : مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە يۈرەك زەئىپلىشىشنى ئۇزاق مۇددەت كۈزىتىش ، كېسەللىك ئەھۋالىنى قەرەللىك زىيارەت قىلىش ۋە ئۆلچەپ تۇرۇش.

ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ئالدىنى ئېلىش : بىمارلارنى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ تەدبىر قوللىنىپ خەتەرنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

ئوپېراتسىيەدىن كېيىن زىيارەت قىلىش : يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلغان ياكى نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالىغان بىمارلارغا قارىتا، ئامبۇلاتورىيە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە زىيارەت قىلىدۇ.

 

يۈرەك ئىچكى بۆلۈمىدە جىددىي داۋالاش كېرەك بولغان كېسەللىكلەر قايسىلار؟

يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى جىددىي داۋالاش بۆلۈمى ئاساسلىقى ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، جىددىي ئارىلىشىشقا تېگىشلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما بۇلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ:

جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى : ئادەتتە كۆكرەك قاتتىق ئاغرىيدۇ، تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، شۇڭا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ قايتا دورا قۇيۇپ داۋالاش كېرەك.

يامان سۈپەتلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى : مەسىلەن، قېرىنچە تىترەش ياكى يۈرەك ھەرىكىتى ئېغىر دەرىجىدە زىيادە تېزلىشىش يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا جىددىي توك سوقۇپ يۈرەك رىتىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى دورا بىلەن داۋالاش كېرەك.

جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش : جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىپ، ھاياتلىق بەلگىلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

يۇقىرى قان بېسىم بوھرانى : قان بېسىمى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، باش ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش، كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەگىشىپ كېلىپ، مېڭە سەكتىسى ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئائورتا قىستۇرما قەۋىتى ( ئائورتا سويۇلۇپ ئاجراش ) : كۆكرەك قاتتىق ئاغرىيدۇ ياكى دۈمبە ئاغرىيدۇ، قان بېسىمى تۇراقسىز بولىدۇ، جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىشقا ياكى نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.

 

يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى تارىخى

يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى مېدىتسىنانىڭ بىر مۇھىم تارمىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ تەرەققىياتى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئىلگىرىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 19 ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، قان بېسىم ئۆلچىگۈچنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە ئېلېكتروكاردىئوگرامما ( شىنديەنتۇ ECG ) تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇش تېخىمۇ توغرا بولۇشقا باشلىدى.

20 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۈرەككە نەيچە سېلىش تېخنىكىسىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى، تاجىسىمان ئارتېرىيەنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيەگە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ۋاسىتىلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمى تەدرىجىي ھالدا يۈرەك ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ، مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، كىلاپان كېسىلى ۋە تۇغما يۈرەك كېسىلىنى داۋالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەھەتتە داۋاملىق ئاچقۇچلۇق رول ئوينىماقتا.

 

يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دائىم كۆرۈلىدىغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى

يۈرەك ئىچكى بۆلۈمىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئېلېكتروكاردىئوگرامما ( شىنديەنتۇ ECG ) : يۈرەكنىڭ ئېلېكتر ھەرىكىتىنى خاتىرىلەيدۇ، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. پەقەت يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىلا ئەمەس، ھازىر دوختۇرخانىنىڭ كۆپىنچە بۆلۈملىرىدە مەزكۇر تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشقا باشلىدى.

يۈرەك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تەشكۈرۈشى ( يۈرەك ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش Echocardiography ) : ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئارقىلىق يۈرەكنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىنى باھالايدۇ ، ئادەتتە يۈرەك كىلاپان كېسىلى، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلارغا دىئاگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ھەرىكەتلىك ئېلېكتروكاردىئوگرامما كۈزىتىش ( 24-72سائەتلىك خولتېر كۈزىتىشى Holter Monitoring ) : ھەرىكەتلىك ئېلېكتروكاردىئوگرامما ئۇزۇن ۋاقىت ( ئادەتتە 24 سائەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ) يۈرەك ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش بولۇپ، تاسادىپىي يۈز بېرىدىغان يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى تەكشۈرۈپ خاتىرىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

تاجىسىمان ئارتېرىيىنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش ( Coronary Angiography ) : تاجىسىمان ئارتېرىيىگە قارىتا تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، تاجىسىمان ئارتېرىيىدە تارىيىش ياكى توسۇلۇش بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇشتىكى مۇھىم ئۇسۇل.

ھەرىكەت يۈكى سىنىقى ( Stress Test ) : ھەرىكەت ياكى دورا ئارقىلىق يۈرەكنى غىدىقلاپ، يۈرەكنىڭ ئىقتىدارى ۋە قان ئېقىش ئەھۋالىنى باھالاپ ،تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

نۇكلېئىنلىق يۈرەك مۇسكۇلىنى تەسۋىر چۈشۈرۈش ( Myocardial Perfusion Imaging ) : رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ تەسۋىر چۈشۈرۈش ئارقىلىق يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان ئېقىمى ۋە ئىقتىدارى باھالىنىدۇ ، ئادەتتە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى باھالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

يۈرەك ماگنىتلىق رېزونانس تەسۋىر ھاسىل قىلىش ( Cardiac MRI ) : يۈرەك تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارىنىڭ تەپسىلىي تەسۋىر ھاسىل قىلىشى بىلەن تەمىنلەپ، يۈرەك مۇسكۇلى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، يۈرەك ئۆسمىسى قاتارلىقلارنى باھالاشقا ياردەم بېرىدۇ.

باشقا تەكشۈرۈشلەر…

 

يۈرەك ئىچكى بۆلۈمىدە كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاشلار

يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

دورا بىلەن داۋالاش:

قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار : مەسىلەن:ACE تىزگىنلىگۈچى دورىلار ، B ئاكسېپتورنى توسقۇچى دورىلار ، كالتسىي يولىنى توسقۇچى دورىلار قاتارلىقلار يۇقىرى قان بېسىمنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

قان ئۇيۇشقا قارشى دورىلار : مەسىلەن، ۋارفارىن ، ئاسپىرىن قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سەكتە ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى خەۋپىنى ئازايتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

يۈرەك رىتىمسىزلىقىغا قارشى دورىلار : مەسىلەن، ئامىيودارون ، سوتالور قاتارلىقلار يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

قاندىكى ماينى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار : ستاتىن تۈرىدىكى دورىلار خولېستېرىن سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

باشقا مۇناسىۋەتلىك دورىلىق داۋالاشلار..

نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاش:

تاجىسىمان ئارتېرىيەگە تىرەك قويۇش تېخنىكىسى (coronary artery stent implantation, CASI) : نەيچە كىرگۈزۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق تارايغان تاجىسىمان ئارتېرىيەگە تىرەك قويۇپ، قاننىڭ ئېقىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

تېرە ئارقىلىق تاجىسىمان ئارتېرىيىگە نەيچە كىرگۈزۈش ئوپېراتسىيىسى ( percutaneous coronary intervention,PCI ) : بۇ شارسىمان خالتىنى كېڭەيتىش ئوپېراتسىيىسى ۋە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

رادىئو چاستوتىلىق ئېرىتىش تېخنىكىسى ( radiofrequency ablation,RFA ) : يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، بىنورمال ئېلېكتىر سىگنالىنى ئېرىتىش يولى ئارقىلىق نورمال يۈرەك رىتىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى:

تاجىسىمان ئارتېرىيىگە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيىسى ( CABG , Coronary artery bypass surgery ) : يان يول ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىق تار تاجىسىمان ئارتېرىيىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان ئېقىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

يۈرەك كىلاپانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى : ئېغىر كىلاپان كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، ئىككى قاناتلىق كىلاپان تولۇق يېپىلماسلىق ياكى ئائورتا كىلاپانى تارىيىش.

يۈرەكنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش : ھەرىكەت مەشىقى، ئوزۇقلۇق يېتەكچىلىكى، پىسخىكىلىق قوللاش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىمارنىڭ يۈرەك ۋەقەسىدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

باشقا داۋالاشلار

 

يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، كۆپ خىل دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، بىمارلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە داۋالاشقا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ